نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۇسلۇب | ئاساسىي مەزمۇن
ئۇيغۇربەگ بىلوگى ئۇسلۇبى (تۆكمە)
2013-يىلى11-ئاينىڭ02-كۈنى | ئۇسلۇب |جەمئى 1471خەت بار | 480 قىتىم كۆرۈلدى+ | 11پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

بۇ ئۇسلۇب ئۇيغۇربەگنىڭ بىلوگى نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ ، ئۇنى ئۇيغۇربەگ نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قېتىپ ھازىرقى ھالەتكە ئەكەلگەن .

مەن نۆۋەتتە تەمىنلىگىنى بولسا ، باشقا تىلدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىنى ، ھىچقانداق ئىقتىدارمۇ قېتىلمىدى ، ئەسلى ئۇسلۇبقا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلمىدى . ئەمما شۇنداقتىمۇ ، بۇ ئۇسلۇبنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىدارىمۇ سىزنى خىلىلا ھاياجانغا سالالايدۇ .

ئۇسلۇب چۈشەندۈرمىلىرى

ئۇسلۇب نامى : persona

ئۇسلۇب رەڭگى : ئۇسلۇب رەڭگىنى سىز ئارقا بەت ئۇسلۇب تەڭشىكىدىن خالغان رەڭگە تەڭشەپ ئىشلىتىڭ ......

ئۇسلۇب تۈرى : بىلوگ ئۇسلۇبى

ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى : بەت كۆرۈنۈشى ، بەت رەڭگى ، يان رامكىسى ، يان رامكا مەزمۇنلىرىنى ئارقا بەت ئۇسلۇب تەڭشىكى ئىچىدىن خالىغانچە تەڭشەپ ئىشلىتەلەيسىز . تىل قىيىنچىلىقى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، ئۇسلۇبتا تەرجىمە قىلىنمىغان بۆلەك قالمىدى . ئۇسلۇب تەڭشىكىمۇ تولۇق ئۇيغۇرچە .

ئۆزىڭىز ھەل قىلىدىغان قىسىم : ئۇسلۇب ئىشلىگۈچى «duoshuo»قىستۇرمىسىنى ئۇسلۇبنىڭ ئىنكاس رامكىسى قىسمىغا ئىشلەتكەن بولۇپ ، سىزمۇ بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، «duoshuo»قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈپ ، قوزغۇتۇپ ئىشلىتىڭ ، بولمىسا ئىنكاس يازالمايسىز ......

ئۇسلۇب كۆرۈنۈشلىرى

باش بەت كۆرۈنۈشى :

يازما بېتى كۆرۈنۈشى :

تەڭشەك بېتى كۆرۈنۈشى :

ئۇسلۇبنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش

ئۇسلۇب چۈشۈرۈش
ھۆججەت نامى :بىلوگ ئۇسلۇبى
ھۆججەت سىغىمى :
يىڭىلانغان ۋاقتى :2013-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرىسى:1-چۈشۈرۈش ئادرىسى
2-چۈشۈرۈش ئادرىسى
korush
quxur

قوللاش ۋە مۇلازىمەت

ئەگەر مەيلى ئۇسلۇب جەھەتتىن ياكى بىلوگ قۇرۇش ، بىلوگقا ئىقتىدار قېتىش جەھەتتىن بولمىسۇن ۋە ياكى ئاسراش مۇلازىمىتى ، بوشلۇق سېتىۋىلىش ، ئىسىم سېتىۋىلىش جەھەتتىكى مۇلازىمەتلەرگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ، بۇ بىلوگدىكى ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى باھايىڭىزنى تاللاپ باقمامسىز ؟

2قالتىسكەن 0ياخشى 0ئادەتتىكىچە 0پايدىسىز 0چۈشەنمىدىم 0ئەخلەت

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 11 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :8 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :3 پارچە

    1. بىلىمخۇمار 2013-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟
      مەن بىلوگىمغا بىلكئال مۇبارەك ئۇسلۇبىنى ئىشلەتكەن ئىدىم. بىراق ئۇسلۇبنى بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بۇلۇپ قالدى. شۇڭا سىزدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ۋاقتىڭىز بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
      ئەلۋەتتە سىزنىڭ بىكارلىق ۋاقتىڭىزنى ئالمايمەن، ئىش ھەققى مەسىلىسىدە چاتاق يوق.
      تور ئادرىسى: http://www.bilimhumar.com
      پىنگىۋىن نومۇرۇم: 1225982822

    2. سارايۋەن 2013-يىلى11-ئاينىڭ07-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      پاھ بەگ يىغلايدىغان بولدى :lol: :lol: :lol:

    3. Geek 2013-يىلى11-ئاينىڭ04-كۈنى |  3-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مەن بۇ ئۇسلۇبنى خەنلەرنىڭ بىتىدە كۆرۈپ ، ھەقلىق تەرجىمە قىلغۇزۇپ ئىشلىتەمەن دەپ ئويلاپ ، قارىسام بەگنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشاش ، شۇڭلاشقا تۇرۇپ قالغانتىم … :cry:

      • مۇئەللىم 2013-يىلى11-ئاينىڭ04-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        ئەمما ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە ئازراق ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگۈدەك . مەسىلەن ؛ ئىنكاس رامكىسى قوشۇش ….دېگەندەك ، بولمىسا يىڭىياچىلار ئىشلىتەلمىگۈدەك . :sad:

    4. huxhuy 2013-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنى |  4-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      بەك بەلەن ئىش بوپتۇ مۇئەللىم. ھازىرلا قاچىلاپ باقاي :mrgreen:

    5. بەگمۇراد 2013-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنى |  5-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم ,ۋىسكىي ئۇسلۇبىدىمۇ ئىنكاس يازغىلى بولمايدىكەن.

      • مۇئەللىم 2013-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        يازغىلى بولىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئازراق مەخپى رېتسىپى بار ، ئۇنى بىلمەيدۇ، دە ! :mrgreen:

        • بەگمۇراد 2013-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنى |  2-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

          رېتسىپىنى دەپ بەرمەمسىز?ئىنكاس يازىدىغانلار ساقلاپ كەتتى.

    6. bilikal 2013-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنى |  6-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مەنمۇ توردىن كۆرگەن شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخىشايدىكەن . خەنلەر بۇ ئىشقا ئۇستا بولۇپ كەتتى ھازىر :mad:

      • مۇئەللىم 2013-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        ئوخشىتىپ ياساش ……………… :smile:

    7. دوغاپ 2013-يىلى11-ئاينىڭ02-كۈنى |  7-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئو، ما ئىشنى كۆرەڭ!

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !