ھەر يىلدا يېڭى بىر مودا .
ئۇنداقتا ، بىز بىلوگگىرلار 2014-يىلى نېمىنى مودا قىلساق بولار ؟
ئەگەر بۇ ئۇسۇل سىزگە يېقىپ قالسا ياكى قولايلىق بىلىنسە ،" word2013 تە بىلوگقا يازما يوللاش " ئۇسۇلىنى مودا قىلايلىمىكىن ؟!
بۇ قانداق ئۇسۇل دەمسىز ؟
بۇ ئاددىلا بىر خىل ئۇسۇل ، ئەگەر قىزىقسىڭىز ، تۆۋەندىكى باسقۇچلار ئارقىلىق ، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ .....
يەڭنى شىمايلاپ باشلاپ كېتەيلى ئەمىسە ؛
word 2013 نى ئېچىڭ-دە , تۆۋەندىكى رەسمدە كۆرسىتىلگەن قەدەم باسقۇچلار بويىچە ، ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن يۆنىلىشتە مەشغۇلاتنى تاماملاڭ ۋە تۈنجى يازمىڭىزنى يوللاڭ .....
مەشغۇلات جەريانى :
يازمىنى يېزىپ ، رەسىمنى قىستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرىدا ، ئاۋۇ يەرنى بېسىشنى ئۇنتۇماڭ ....
مۇشۇنىڭ بىلەن سىز بىلوگ ئارقا بېتىگە كىرمەيلا ، بىۋاستە word 2013 تە بىلوگىڭىزغا يازما يوللاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز .....
ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بىر نوقتا ؛ سىز رەسىمنى ئارقا بەتتىن قىستۇرىمەن ، دەپمۇ ئويلىماڭ ، word2013 قىستۇرۇپ قويۇپلا يوللاۋىرىڭ . ئاندىن ئارقا بەتكە ئۆتۈپ ، يازمىلار - ئارگىنال - تەھرىرلەش - يېڭىلاشنى يېنىك بېسىپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
بۇ يازمىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە يوللاندى . يەنە چۈشەنمىگەن نوقتىلار بولسا ، يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ .....
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئەپسۇس بۇنىڭدا يازما يازسا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمەيدىكەن
مانا قاراڭ
ياخشى ئىشكەنغۇ بۇ !
مۇئەللىمكا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن يازما ئارسىدا EEEEE مۇشۇنداق كودلار پەيدا بولۋالدى بۇ نىمە ئىشتۇ؟
بۇ سىزنىڭ تور بېتىڭىز ئىشلەتكەن «ئىئوت»بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، «ئىئوت»نى قايتا ياساپ قويۇپ بېقىڭ ….
ياكى كومپىيۇتىرىڭىز ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسخىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن .
بىزنىڭ ھەردائىم تورغا چىقىپ يازما يازغۇدەك ۋاقىتلىرىمىز چىقىپ بولالمايدۇ، ۋاقتىمىزچىققاندا شارتتىدە ۋوردتا يېزىپ تەييارلىپ قويۇپ ئاندىن پۈتكەندە يوللىساق بەك قولاي ئەمەسمۇ بۇ ئۇسۇل ياخشىكەن ھەقىقەتەن
ئۇزۇنراق يازما ياكى ماڭا ئوخشاش رومان توقۇيدىغانلارغا ماس كىلىدىكەن، مۇشۇنىڭ باھانىسدا، «دادامنىڭ ھىكايىسى»رومان قىلىپ يېزىۋىتەمدىم تىخى
ياخشى ئۇسۇلكەن،رەھمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىمكا ماۋۇ ھەجەپ پەيزى ئۇسۇلكەن بۇرۇنراق بىلسەمچۇ ئېسىت، بۇندىن كىيىن قىينىلىپ ئولتامىساممۇ بولغۇدەك ئەمىسە ئارقا بەتكە ئۆتىمەن دەپ ھې ھې
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ ئۇسۇلنىڭ بىر يىتەرسىزلىكى ، سەھىپىنى تاللاپ ئەۋەتكىلى بولمايدۇ ، ئۇنى يەنە كەينى بەتتە تاللاپ ، ئاندىن ئېلان قىلىمىز …….
سىز دىگەندەك بولغاندا ئوندەك باسقۇچنى تاماملايدىكەنمىز، بلوگدىكى باسقۇچنىمۇ بىر كۆرۈپ باقاي. يەنىلا كۆنگەن خۇي يامان تۇرامدۇ نىمە؟!
بۇ تىزىملىتىش باسقۇچى ، تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن پەقەتلا ئۈچ باسقۇچنى باسىسىز ؛ يەنى ھۆججەت-ئورتاقلىشىش-بىلوگدا ئېلان قىلىش…..ھەر قېتىمدا 10باسقۇچنى بېسىش ھاجەت ئەمەس . ھەممەيلەن ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن ، شۇڭا مۇشۇ خىل مۇھىت ئىچىدىلا يازما يوللاشنى ئاشۇرغىلى بولغاندىن كېيىن ، قولايراق بولارمىكىن ، دېدىم خالاس….ئەلۋەتتە ئۆزىمىزگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل -دە!
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت