ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
تەشنا بىلوگىدىكى يىڭى يازمىنى ئوقۇۋىتىپ ، يېزىقىمىزنىڭ قۇر ئاتلاش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان قۇر ئاتلاش ئەھۋالىنى ئۇچىرىتىپ ، ئاپتۇماتىك قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ئامالىنى تېپىپ چىقتىم .
تەشنا بىلوگىدىكى ئاپتۇماتىك قۇر ئاتلاش ھادىسىسى :
بۇ رەسىمدە ئوڭ تەرەپتىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان ئورۇنغا قارىسىڭىزلا ، سۆزلەرنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا بۆلىۋىتىلگنلىكىنى كۆرىسىز .
مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ، تۆۋەندىكى CSS كودى ئارقىلىق ، قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلىمىز :
- word-break:normal | break-all | keep-all
بۇ يەردە word-break ئالىدىغان قىممەت normal بولغاندا ، يۇقارقىدەك قائىدىسىز قۇر ئاتلاش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ .
قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونىترول قىلىش ئۈچۈن ، يۇقارقى كودنى تەشنا بىلوگىنىڭ style.CSS نىڭ 1074-قۇرىدىكى ماس ئورۇنغا قىستۇرغاندىن كېيىنكى ئۈنۈم تۆۋەندىكىچە :
بۇ يەردە يەنە تېكىستنىڭ ئىككى تەرەپكە تەكشى توغۇرلىنىشى ئۈچۈن justify قىممىتىمۇ قوشۇلدى . قوشۇلغان كود :
- .n_n p {
- text-align:justify;
- word-break:normal;
- line-height: 185%;
- margin: 0 0 10px 0;
- text-indent: 2em
- }
شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق قائىدىسىز قۇر ئاتلاش ھادىسىسى تۈگەيدۇ ، دېگەن گەپ . تەشنا بىلوگى يۇقارقى كود ئارقىلىق ، يازمىدىكى قائىدىسىز قۇر ئاتلاشنى كونتىرول قىلالايدۇ ......
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنى 11:31 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئالدىنقى قىتىم مەنمۇ شۇ بىر ئۇسلۇپنى چۈشۈرۈپ شۇنى قاچىلىغان ھىلىقى پىرىستاننىڭ ئۇسلۇبنى چۇ يازما يازسام قۇرنى قائىدىلىك ئاتلاشقۇ ئاياقتا تۇرسۇن ماۋۇ قۇرنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئاتلاتمىسام بۇ ئىتىم توساقتىن ئاتلىمايدىغان بوپ قاتتىكەن ئاتلىتىدىغانغا تاقا تاپالماي مۇئەللىمكامنىڭ ماۋۇ كودىنى قاتقاندىن كىيىن ئاندىن چىرايلىق ئاتلايدىغان ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈردىغان بولدى، بۇ كود ھەقىقەتەن قالتىسكەن
2014-يىلى 03-ئاينىڭ 06-كۈنى 3:00 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@تەلەي365 بۇكود نى قايەرگە قاتىدۇ
مەندەك كودنى بىلمە يدىغانلا ئۇقالمايدىكەن
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى 11:04 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بۇ كود چەتئەل ئۇسلۇبىدا كۆپ ئۇچرايدۇ خەنلەر ئانچە ئامراق ئەمەس ئوخشايدۇ بۇ كودقا ئۇسلۇبىدا كۆپ كۆرگىلى بولمايدۇ .
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى 6:34 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! مۇئەللىم ئاغام نېمىدىگەن ئوبدان؟! موشۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىمەپتىكەنمەن. كۆپ رەھمەت، تۈزۈتىۋالدىم ئەمىسە..