ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىز ھەممىمىز كەسپى لايىھەلىگۈچى ئەمەس ، شۇنداق بولغاچقا بەزىدە يازما ئۈچۈن تېپىپ كەلگەن رەسىم كىچىك ، ئۇنى مەخسۇس لايىھەلەش دېتاللىرىدا چوڭايتايلى دېسەك ، چوڭايتقانسىرى رەسىم غۇۋالىشىپ ، ئەسلىدىكى سۈپىتىنى يوقىتىدۇ . ئىشلەتمەيلى دېسەك ، ئىشلەتكۇمىز كېلىدۇ . تاشلىۋىتەيلى دېسەك كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ ......
مۇشۇنداق بېشىم قىتىپ يۈرگەندە ، شۇنداق ياخشى دېتالدىن بىرىگە ئۇچراپ قالدىم .
دېتال نامى : BenVista PhotoZoom Pro
سىغىمى :6.60MB
كۆرۈنمە يۈز تىلى : خەنزۇچە
راست گەپنى دېگەندە بۇ دېتالنىڭ سىغىمى كىچىك ، ئىشلىتىش قولاي . سىز پەقەت رەسىمنى ئەكىرىپ ، ئاندىن سول تەرەپتىكى تاللاشلاردىن ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ، مائۇسنى سۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ .
دېتال كۆرۈنمە يۈزى
ئەگەر ئىشلىتىش جەريانىدا «يىڭىلاش»ئەسكەرتمىسى چىقسا ، «ياق» دەپ تاللاپ قويۇڭ .....
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ