نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يۇمشاق دېتال | ئاساسىي مەزمۇن
notepad++ نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولقىنى بايقاپ قالدىم
2014-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى | يۇمشاق دېتال |جەمئى 1047خەت بار | 153 قىتىم كۆرۈلدى+ | 8پارچە ئىنكاس بار

مەن بۈگۈن بىر قانچە دېتالنى تەرجىمە قىلىپ قوياي دەپ ، توردىن بىر نەچچە دېتالنى چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلىش خىزمتىنى باشلىغانىدىم، بىراق كاللامغا ئۆزۈم تەرجىمە قىلىشتا ئىشلىتىدىغان notepad++ نى ئۇيغۇرچە قىلىۋەتسەم قانداق بولا دېگەن خىيال كېلىپ ، تىل تەڭشەش رايونىغىمۇ دىققەت قىلماستىن ، ئەسلى ھۆججىتىگە ھۇجۇم قىپتىمەن، ئۇنىڭدىن خەنزۇچىنى تېپىپ شۇنداقلا قارىسام ، uyghur دېگەن تىزىملىك تۇرىدۇ. چۆچۈپ كەتتىم، ھەم كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، تېخى ئۇنى يېشىۋىتىپتىمەن دېسە . بىر پاتمان ئاۋارە بولۇپ ھە شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئەسلىگە قايتۇرۇۋېتىپ ، سېستىمىنى قوزغىتىپ ، تىل تاللاش رايونىدىن ئۇيغۇرچە دېگەننى تاللاپ ، xp دىمۇ notepad++ ھوزۇرىنى سۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن، خالىساڭلار سىلەرمۇ ئۇيغۇرچە قىلىپ ھوزۇرىنى سۈرۈپ بېقىڭلار ، چوقۇم تەمى ياخشى يېيىشلىك، توربېكەت يېزىقىغا، ئۇسلۇب تەرجىمە قلىشقا ئەپلىك

كۆرۈنمە يۈزلىرى

np1
np2
np3
np4
بۇ دېتالنى ئشلىتىۋاتقانلارمۇ ناھايىتى كۆپ . ئەگەر تېخىچە ئىشلەتمىگەنلەر بولسا ئىشلىتىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . سىزگە ئۇ ھەتتا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قاغىنىڭمۇ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ ، ئۇچەي باغرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . مۇبالىغە قىلمىدىم .
ئەسلى يازمىغا رەسىمىنى قىستۇرۇپ قوياي دېسەم ، مۇئەللىمكام بۇ ئىقتىدارىنى نەگە ئۇچۇرۋەتتىكىن -تاڭ ، ئىنكاس رامكىسىغا قىستۇرۇپ قوياي ، شۇيەردىن كۆرىۋالاسىلەر جامائەت .

ئاپتور : تەلەي365

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى باھايىڭىزنى تاللاپ باقمامسىز ؟

2قالتىسكەن 0ياخشى 0ئادەتتىكىچە 0پايدىسىز 0چۈشەنمىدىم 0ئەخلەت

ئاپتور « تەلەي365» ھەققىدە

تەلەي365
  • تەلەي365، مەن سىزنىڭ 365 كۈن تەلەيگە يولۇقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ تەلەي365 دىگەن نام بىلەن بۇ بىلوگدا سىزگە ئەسەر يوللاۋاتىمەن، مەن ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى ئۈگنىشكە بەك ئامراق، ئارام ئالماي توردىن دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىپ قويىمەن، مەن لاھىيە ساھەسىدە mx سىتۇدىيىسى نامىدا، سەنئەت ساھاسىدە بولسا، شەپەق نامىدا، ئەدەبىيات ساھەسىدە بولسا تەلەي 365 تەخەللۇسى بىلەن سىز بىلەن ئۇچرىشىمەن

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 8 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :3 پارچە

    1. سالىھ بىگ 2014-يىلى01-ئاينىڭ11-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مۇئەللىم كا سىلنىڭ ماڭا قايتۇرغان جاۋاپلىرى ئىلخىتىمگە ئۈچۈر بولۇپ كەلمىدىمۇ قانداق . ئىلخەت ئۈچۈر ئەۋەتمەيدىغان بولمىدىمۇ ؟؟؟

    2. سالىھ بىگ 2014-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ۋاي بۇ دىتال توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرسەڭلار . مەن بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن…

      • مۇئەللىم 2014-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        Notepad-ئوچۇق كودلۇق ، ئىشلىتىشكە ئەپلىك ، ھەقسىز بولغان تېكىسىت تەھرىرلىگۈچ . يېزىق تەھرىرلەش جەھەتتە Windows خەت يېزىش تاختىسىنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان . ئەلۋەتتە ، ئەڭ مۇھىمى Notepad پىروگىراممىرلارنىڭ كود تەھرىرلىشىدىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى . ئۇنىڭ قوزغىلىشى تىز ، سىغىمى كىچىك ، مەنبەنى ئىگىلىشىمۇ ئاز ، كۆپلىگەن پىروگىرامما تىللىرىنى قوللايدۇ . مەسىلەن : C++、C#、Jav . شۇنداقلا HTML、XML、ASP,Perl、Python、JavaScript قاتارلىق تور بەت تىللىرىنىمۇ ناھايتى ياخشى قوللايدۇ ….

        • سالىھ بىگ 2014-يىلى01-ئاينىڭ11-كۈنى |  2-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

          شۇنداق بولغاندا بۇ قۇرال بىلەن ھەر قايسى تىللارنى تەھرىرلەش ئىشلىرىنى ياخشى ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ دەڭ شۇنداقمۇ . ئۈگەنگۈچىلار ئۈچۈنمۇ ؟

    3. ئىشقىيار 2014-يىلى01-ئاينىڭ04-كۈنى |  3-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      بۇ دىتال خىلى بولدىغۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۆزىدە بار .مەن ئەڭ دەسلەپ ئىككى يىل مۇقەددەم كۆرگەندىمۇ باركەنتۇق :smile: :smile:

      • مۇئەللىم 2014-يىلى01-ئاينىڭ04-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        يەنە بىر يىڭىلاش ئېلىپ بارسام كۆرۈندى ….. :mrgreen:

    4. مۇئەللىم 2014-يىلى01-ئاينىڭ04-كۈنى |  4-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەمما ، مەن ئىشلەتكىنىدە ئۇيغۇرچە تۈرىنى ئەجەب بايقىيالمىدىم دېسە ، تىل تاللاش تۈرىگە شۇنچە قارىدىم بولمىسا ، ھەمما تىللار تۇرىدۇ ، شۇ ئۇيغۇرچىلا يوق ، تېخى بايىلا يېڭىلىغان ئىدىم ……. :sad:

    5. بىلىكئال 2014-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى |  5-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مەنمۇ ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتۋاتىمەن. بۇمۇ ياخشى دىتال ئۆزى يىنىك :razz:

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !