مۇلازىمىتىرنىڭ نېمىلىكىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بىلىسىلەر ، ھەقىچان ؟
شۇڭا گەپنى ئۇدۇل باشلاۋىرىشنى توغرا كۆردۈم .
ئالدىنقى يازمىدا "بارماق دېسكىدا مۇلازىمىتىر قۇرۇش"توغۇرلۇق سۆزلىگەن ئىدۇق ، بۇ يازمىدا بولسا ، كومپىيۇتىرىمىزدا "يەرلىك مۇلازىمىتىر قۇرۇش"توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىمىز .
دەرسنىڭ چۈشىنىشلىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، بارلىق باسقۇچلار رەسىمگە ئېلىنىپ ، تەپسىلى چۈشەندۈرۈلدى ، يولدا مېڭىۋىتىپ سىتولبىغا ئۇسۇپ سالمايدىغانلاردىن باشقىلارنىڭ يازمىنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە مۇلازىمىتىر قۇرۇپ چىقىشىدا ئەسلا چاتاق يوق .
ئەلقىسسە ، بىلوگگىرلارنىڭ (يىڭى بىلوگگىرلار)نالىسى قۇلاق-مىڭەمنى تولا چۈۋۈپ كەتكەچ ، گەرچە باشقا بىلوگلاردا قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن كونا تېما بولسىمۇ ، بىلوگىمغا دائىملىق مىھمان ئەزىزلەرنىڭ يەنە پىراق چەكمەسلىكى ئۈچۈن ، يىڭىچە ئۇسۇلدا بايان قىلىشنى توغرا كوردۇم .
ئۇنداق بولسا ، ئۇستىدىكى قۇرۇق پاراڭلارغا ئىتىبار بەرمەي ، يازمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىزلەر :
ئالدى بىلەن ، مۇلازىمىتىر قۇرۇش دىتالىنى تۆۋەندىكى ئادرىسىتىن چۈشۈرۈپ ، پىرىستىن يېشىپ ، مۇلازىمىتىر قۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى بېسىڭ .
بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى ؛ قۇرغان مۇلازىمىتىرىڭىز 80-نۇمۇرلۇق ئىغىزنى ئىشىلىتىدىغان بولغاچ ، ئىمكان بار كومپىيۇتىرنى توردىن ئۈزىۋەتكەن ھالەتتە قاچىلاش ئېلىپ بىرىڭ
ئەمدى تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرۇڭ :
1-باسقۇچ :قاچىلاش بۇيرۇقى بىرىڭ (رەسىمدىكىدەك ):
2-باسقۇچ : قاچىلىماقچى بولغان دېسكا رايۇنىنى تاللاڭ:
3-باسقۇچ : قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، بەلگىلەنگەن دېسكا رايۇنىدا ، تۆۋەندىكىدەك بىر ھۆججەت قىسقۇچنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز ، ھەمدە شۇ ھۆججەت قىسقۇچقا كىرىڭ :
4-باسقۇچ : رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ھۆججەتنى ئىجرا قىلىڭ :
5-باسقۇچ : رەسىمدە ئەسكەرتىلگەندەك ، خالىغان كونۇپكىنى بېسىڭ :
6-باسقۇچ : رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە ، قۇرغان ساندان مۇلازىمىتىرىڭىز ئۈچۈن مەخپى نۇمۇر بەلگىلەڭ :
7-باسقۇچ : رەسىمدىكىدەك ئوڭۇشلۇق قاچىلانغانلىق كۆزنىكى چىققاندىن كېيىن ، خالغان كونۇپكىنى بېسىپ ، مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرۇڭ:
شۇنىڭ بىلەن ، بىزنىڭ يازمىمىزدا بايان قىلىنغان "يەرلىك مۇلازىمىتىر قۇرۇش"ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ ، مۇلازىمىتىرىمىز قوزغالغان ھالەتكە كېلىدۇ .
بۇ دېتالنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى Win xpۋە win 7شارائىتىدا نۇرمال ئىشلەيدۇ . مەخپى نۇمۇرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ .
ئوڭۇشلۇق بولغان ۋە بولمىغانلارنىڭ يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرشىنى ئۇمىد قىلىمىز . ھەمدە ئىنكاسلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز .
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
مەن قاچىلاپ ئاخىرىدا ساندان نۇمۇرى سالىدىغان يەر گە كىرەلمىدىم
سىز ساندان مەخپى نۇمۇرى بەلگىلەپ بولغانمۇ؟
ياكى ۋوردپرېسنى قاچىلاش باسقۇچىغا كەلگەنمۇ ؟
قاچىليالمىدىم
مەسىلەن ؟ يولۇققان مەسلىلىرىڭىز ؟
ئېنتېرنېت تورىدا ئۆز كومپىيوتېرىنى مۇلازىمېتىر قىلىپ قۇرغان تور بەتلەرنى باشقا كومپىيوتېرلاردا كۆرگىلى بولىدىغان قىلغىلى بولامدىغاندۇ ؟ بىلگىنىڭىزنى ئايىمايسىز ھە قاچان.
مەن سىناپ باقمىغان ، بىرىدىغان جاۋابىم : بەلكىم بولىدۇ .
بۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ سىرتىقى تور ئادرىسى ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم ئادرىس بولۇشى ، ئىسىمنى ھەم شۇ ئادرىسقا ئۇلىغان بولۇشىڭىز ، مۇلازىمەتچى كومپىيۇتىرىڭىز ھەر ۋاقىت خىزمەت ھالىتىدە تۇرغان بولۇشى كىرەكقۇ دەيمەن ……
مۇنداقمۇ كارامەتلىرىڭىز بار دەيلى.
بۇ مېنىڭ ئەمەس ، مۇنۇ دېتالنىڭ كارامىتى دېسىلە ، بۇنداق كارامەت كۆرسىتىشكە ھەددىممۇ؟!
بۇنداق قىلىشقىمۇ بىلىم كىتىدۇ.ئىشقىلىپ بىلىمىڭىزگە قايىل بولدۇم.
ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت ، بىلىمىمگە ئەمەس ، تىرىشچانلىقىمغا رەھمەت ئېيتىڭ ، مەن بىلىملىك ئەمەس بەلكى تىرىشچانلا ، خالاس!
ئىسىل ئىسىل ، مۇلازىمىتىر كۆپ جىقكەن جۇمۇ سىز دە
بىلوگ بىلەن ھەپىلەشكەندىن كېيىن شۇنداق بولىدىكەن شۇ…..
ئېسىل ئىنكاسلارنى بېسىپ ياتتىڭىزدە لېكىن ، چىقارمىسا ئۇمۇ بىكار ، ئارمانغا تۇشلۇق مەدەت يوق دە لېكىن …….
يەنە دىۋان ھى ھى ھى ھ