نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | شېئىرلىرىم | ئاساسىي مەزمۇن
كەت ……
2013-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنى | شېئىرلىرىم |جەمئى 603خەت بار | 1,333 قېتىم كۆرۈلدى | 7پارچە ئىنكاس بار

كەل ئەزىزىم يېنىمغا، ماڭا مېھمان بولۇپ كەت ،
ساڭا كۆيەر بۇ يۈرەك، كۆيگىنىنى كۆرۈپ كەت.
ئەجرىم سىڭگەن بېغىمدىن، ساڭا تىزدىم گۈلدەستە
قىنىپ،قىنىپ ھىدلىغاچ ، ھايات پەيزى سۈرۈپ كەت .

سېنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ، بارلىقىممۇ سەن ئۈچۈن ،
ساڭا بولغان ساداقەت ، ئەقىدەمنى كۆرۈپ كەت .
ۋۇجۇدۇمدا يالقۇنلار ساڭا بولغان ئىشتىياق،
ئۆچۈرۈشنىڭ ئورنى يوق ، سەنمۇ بىرگە كۆيۈپ كەت .

سېنىڭ ئۈچۈن چۆلدىكى ئاھۇ كېيىككە ئوخشىدىم،
لەۋلىرىڭىدىن سۇ بېرىپ ، تەشنالىقىم بېسىپ كەت .
خۇشال بولسۇن بۇ يۈرەك ، قىنىۋالسۇن باغرىڭغا ،
قۇچىقىڭنى كەڭ ئېچىپ ، ماڭا ۋېسال بېرىپ كەت .

قەلەندەرگە ئوخشىدىم ، سۆيگۈ تىلەپ سېنىڭدىن ،
يولدا تاشلاپ كەتمىگىن ، ساخاۋەتنى قويۇپ كەت .
مېنى بۇنچە قىينىما ، ئوتلۇرۇڭدا كۆيدۈرۈپ،
يۈرىكىمگە نەقىش قىپ ،چىن سۆيگۈڭنى ئويۇپ كەت.....

QR:  كەت ……

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 7 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :6 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. huxhuy 2013-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      ھېسسىيات،پىكىر تىيىزلىكى جايىدا ئىپادىلىنىپتىكەن.ئەمما…( دېمىسەم بولمىدى) قاپىيەدە كېتىپ قاپتۇ. قىشلىق تەتىلدە يەنە بىر قېتىم پىششىقلاپ باقسىڭىز بولغىدەك.

      Google Chrome 28.0.1500.95Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        ئۆزۇممۇ شۇنداق ھېس قىلغان ئىدىم ، ئالدىراشچىلىقتا يوللاپ ساپتىمەن ، بۇ ئەسلى بىر دوستۇمنىڭ شئېرى ئىدى ……

        Internet Explorer 10.0Windows 8
    2. ئىبرايىم 2013-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      ئىسىل شىئىركەن. ما شىئىرنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ بىلوگ ئاچقۇم كەپ قىلىۋاتىدىيا :mrgreen:

      Google Chrome 26.0.1410.64Windows 7
    3. مىھمان 2013-يىلى02-ئاينىڭ10-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      مۇئەللىم ئەسلىدىن بىر شائىر تۇرسا……..

      Internet Explorer 6.0Windows XP
    4. دوغاپ 2013-يىلى02-ئاينىڭ10-كۈنى |  4-رەت جاۋاب

      پاھ ،نېمىدىگەن گۈزەل شېئىر بۇ!

      Google Chrome 26.0.1403.0Windows 8
    5. كۈسەنىم 2013-يىلى02-ئاينىڭ10-كۈنى |  5-رەت جاۋاب

      قېرى بويتاقنىڭ شئېرىدەكلا چىقىپتۇيا :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

      Google Chrome 25.0.1323.1Windows XP
    6. ياسىنجان 2013-يىلى02-ئاينىڭ10-كۈنى |  6-رەت جاۋاب

      مۇئەللىم بلوگچىلىقتىن شائىرلىققا كۆچەي دېمىگەنسىز…؟ :mrgreen: :mrgreen:

      Internet Explorer 10.0Windows 8

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !