ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
«ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ 2-باسقۇچى - باھالىغۇچىلار بىلوگلارنى تاللاش باسقۇچى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان بولۇپ، بۇ باسقۇچ تۈنۈگۈن (2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئاخىرلاشتى.
2-باسقۇچقا 35 بىلوگ كىردى. باھالاش ھەيئەتلىرى بۇ 35 بىلوگلارنى تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق، بىلوگلارنى تاللاپ چىقتى. بۇ 35 بىلوگنىڭ 2-باسقۇچقا كىرىش ۋە چىقىش تەپسىلاتى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
شەرەپلىك بىلوگ نامزاتلىرى تۆۋەندىكى ئالتە بىلوگ (ئەسكەرتىش: تىزىلىش تەرتىپى ھېچنېمى چۈشەندۈرمەيدۇ):
1. ئەي بالام بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.aybalam.com
2. ئەجرىم لايىھە بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.ejrim.com
3. ئادىلجان ئابلىز بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.adiljan.com
4. گىگانىت گرافىك بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.giantgraphic.com
5. ئالپبەگ تور تۇرايى، تور ئادرېسى: http://www.alpbeg.cn
6. ئالىم بىز بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.alimbiz.net
باھالاش ھەيئىتىنىڭ تاللىغانلىرى: ئادىلجان ئابلىز بىلوگى ۋە گىگانىت گرافىك بىلوگى
باھالاش ھەيئىتىنىڭ پىكرى: بۇ ئىككى بىلوگنىڭ كەسىپچانلىقى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئوبدان ئىكەن. بەلگىلىك يېتەكلەش، تەربىيەلەش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. بەت لايىھەلىنىشىدىمۇ خاسلىق بار.
گۈزەل بىلوگ (ئۇسلۇب) نامزاتلىرى تۆۋەندىكى تۆت بىلوگ (ئەسكەرتىش: تىزىلىش تەرتىپى ھېچنېمى چۈشەندۈرمەيدۇ):
1. ئالما ئۇقۇمى بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.uyapple.com
2. خۇشخۇي تور خاتىرىسى، تور ئادرېسى: http://www.huxhuy.net
3. ئېقىم بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.eqim.net
4. ھەزرەت گىرافىكى، تور ئادرېسى: http://www.hezret.com
باھالاش ھەيئىتىنىڭ تاللىغانلىرى: تاللانمىدى.
باھالاش ھەيئىتىنىڭ پىكرى: «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان مەزكۇر مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنىڭ گۈزەل ئۇسلۇب تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغان بىلوگلارنى تەپسىلىي كۆزىتىش ۋە باھالاش ئارقىلىق، بۇ قېتىملىق گۈزەل ئۇسلۇب مۇكاپات تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغان بىلوگلارنىڭ مۇكاپاتلاش شەرتىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، بىلوگ ئۇسلۇبلىرىدا ئىجادىيلىق تولىمۇ كەمچىل، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئەسلى ئۇسلۇبقا ئاساسەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بىلوگ ئۇسلۇبلىرى ھازىرقى زامانغا لايىق بولمىغان. شۇڭا بۇ تۈردىكى مۇكاپات باشقا تۈرگە تەقسىملەپ بېرىلسە.
قالتىس بىلوگ نامزاتلىرى تۆۋەندىكى تۆت بىلوگ (ئەسكەرتىش: تىزىلىش تەرتىپى ھېچنېمى چۈشەندۈرمەيدۇ):
1. چاشقان تورخاتىرىسى، تور ئادرېسى: http://mouse.arzu3.com
2. تەشنا كۇلۇبى، تور ئادرېسى: http://teshna.me
3. تېزيول بىلوگى، تور ئادرېسى: http://tizyol.net
4. ئاكادېمىيە تور بېكىتى، تور ئادرېسى: http://www.academiye.com
باھالاش ھەيئىتىنىڭ تاللىغانلىرى: چاشقان تورخاتىرىسى ۋە ئاكادېمىيە تور بېكىتى
باھالاش ھەيئىتىنىڭ پىكرى:http://mouse.arzu3.com بۇ بىلوگدا تېمىلار يېڭى، ئىجادىي ئىكەن، مەزمۇنلار ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن خېلى ئەسقاتىدىكەن. لېكىن بىلوگنىڭ يېڭىلىنىشى سەل ئاستىراقكەن. مۇشۇ جەھەتتە دىققەت قىلساخېلى ئۈنۈملۈك بىلوگ بولغۇدەك؛ http://www.academiye.com بۇ بىلوگدا تېمىلار ئىجادىي ئىكەن، كۆچۈرمە تېمىلار يوقكەن. بىلوگ ئاپتورى خېلى چوڭ كىشىدەك تۇرىدۇ. مۇشۇ ھالەتتە بىلوگنىڭ بۇنچىلىك ئىزچىل مېڭىشى مېنى بۇ بىلوگنى تاللاشقا ئۈندىدى. تەكلىپىم: بۇ بىلوگقا icp بىجىرىلمەپتۇ، بۇنداق بولسا بىلوگ دېگەندەك مۇقىم بولالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە پات ئارىدا ئۈنۈمسىز بىلوگ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىلوگ بوشلۇقىنى دۆلەت ئىچىگە يۆتكەپ، icp بېجىرىپ ئېچىش تەكلىپىنى بېرىمەن.
سەرخىل بىلوگ نامزاتلىرى تۆۋەندىكى تۆت بىلوگ (ئەسكەرتىش: تىزىلىش تەرتىپى ھېچنېمى چۈشەندۈرمەيدۇ):
1. تەكلىماكانىي بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.teklimakaniy.com
2. لوپنۇرى بىلوگى، تور ئادرېسى: http://lopnuri.com
3. بىلگە بىلوگى، تور ئادرېسى: http://bilge.eldawa.com
4. ئاچىنۇق بىلوگى، تور ئادرېسى: http://achinuq.org
باھالاش ھەيئىتىنىڭ تاللىغانلىرى: تەكلىماكانىي بىلوگى ۋە بىلگە بىلوگى
باھالاش ھەيئىتىنىڭ پىكرى: يۇقىرىدىكى تۆت بىلوگ ئىچىدىن «تەكلىماكانى بىلوگى» بىلەن «بىلگە بىلوگى»نى تاللىدىم. سەرخىل بىلوگ مۇكاپاتى باھالاش كۆرسەتمىسى بويىچە قارىغاندا، ئابدۇرەئۇپ ئەپەندىنىڭ «تەكلىماكانى بىلوگى» - قۇرۇلۇش تارىخى ئۇزۇن، سەرخىل تېمىلار ئۈزۈلمەي يوللىنىپ تۇرغان. ئاساسىي مەۋقە ئادەمىيەت پەنلىرىنى ئوق يۆنىلىش قىلىپ، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات قاتارلىق شاخچىلار بويىچە ئوقۇرمەنلەرنى بەلگىلىك پايدىلىنىش ۋە زوقلىنىش شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن؛ «بىلگە بىلوگى»غا كەلسەك، بۇ بىلوگنىڭ تېمىلىرىنى تولۇق كۆرۈپ چىقىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىلوگ ئاپتورىنىڭ كۆزىتىش دائىرىسى كەڭرى، تېمىلارغا مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش روھى كۈچلۈك، تېمىلار پۈتۈنلەي ئىلمىي ۋە مەدەنىي ساھەلەرگە چېتىلغان. بۇ ئىككى بىلوگ بىلوگ باھالاش شەرتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىكەن.
ئاممىباب بىلوگ نامزاتلىرى تۆۋەندىكى تۆت بىلوگ (ئەسكەرتىش: تىزىلىش تەرتىپى ھېچنېمى چۈشەندۈرمەيدۇ):
1. تورخۇمارلار كۇلۇبى، تور ئادرېسى: http://www.torhumar.com
2. ئىزدەن تور خاتىرىسى، تور ئادرېسى: http://www.izdan.net
3. سالىھ بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.salih.cn
4. ئۇيغۇرجان بىلوگى، تور ئادرېسى: http://uyghurjan.com
5. سايىۋەن بىلوگى، تور ئادرېسى: http://sayiwen.com
6. 4 بىل بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.4bil.cn/sawat
باھالاش ھەيئىتىنىڭ تاللىغانلىرى: تورخۇمارلار كۇلۇبى، ئۇيغۇرجان بىلوگى ۋە سالىھ بىلوگى
باھالاش ھەيئىتىنىڭ پىكرى: تورخۇمارلار كۇلۇبى لايىھەلىنىشىنىڭ گۈزەللىكى، مەزمۇنىنىڭ رەڭدار ۋە موللىقى بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان بىلوگ بولۇپ، تېمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى تېز ۋە سۈپەتلىك بولغاچقا،كۆرۈلۈش قېتىم سانى ۋە ئىنكاس ئاۋاتلىقى ئالاھىدە ياخشى. مەن تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئۇيغۇرجان بىلوگىنىڭ مەزمۇنلىرى ئاممىبابلىققا يېقىن، رەڭدار، يانفون نۇسخىسى كۆركەم، يېقىشلىق ئىكەن. بۇ بىلوگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن. مەزكۇر بىلوگنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى ئېچىلمىدى. يانفون نەشرىنى زىيارەت قىلىپ پىكىر بېرىلدى. كومپيۇتېر نۇسخىسىنى دەرھال ئېچىۋېتىش تەكلىپىنى بېرىمەن. شۇڭا سالىھ بىلوگىنى قوشۇپ ئۈچ بىلوگنى تاللىدىم.
چوڭ ياشلىق بىلوگ نامزاتى تۆۋەندىكى بىر بىلوگ:
ئىزتىل بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.iztil.com
ئەسكەرتىش: بۇ تۈردە بىر بىلوگ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن، رىقابەتچىسى يوق. شۇڭا 2-باسقۇچتىن شەرتسىز ئۆتتى.
يۇقىرى كىرىملىك بىلوگ نامزاتى تۆۋەندىكى بىر بىلوگ:
تور سودا بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.torsoda.cn
ئەسكەرتىش: بۇ تۈردە بىر بىلوگ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن، رىقابەتچىسى يوق. شۇڭا 2-باسقۇچتىن شەرتسىز ئۆتتى.
ئاۋات بىلوگ نامزاتى تۆۋەندىكى بىر بىلوگ:
ئالىم ئەھەت بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.alimahat.com
ئەسكەرتىش: بۇ تۈردە بىر بىلوگ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن، رىقابەتچىسى يوق. شۇڭا 2-باسقۇچتىن شەرتسىز ئۆتتى.
يېتەكچى بىلوگ نامزاتلىرى تۆۋەندىكى تۆت بىلوگ (ئەسكەرتىش: تىزىلىش تەرتىپى ھېچنېمى چۈشەندۈرمەيدۇ):
1. مۇئەللىم بىلوگى، تور ئادرېسى:
2. دوغاپ بىلوگى، تور ئادرېسى: http://doghap.net
3. ئۇيغۇربەگ بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.uyghurbeg.cn
4. پرېستان بىلوگى، تور ئادرېسى: http://prestan.net
باھالاش ھەيئىتىنىڭ تاللىغانلىرى: ئۇيغۇربەگ بىلوگى ۋە پرېستان بىلوگى
باھالاش ھەيئىتىنىڭ پىكرى: ئۇيغۇربەگ بىلوگى ئۇيغۇر بىلوگگېرلىرى ئۈچۈن WordPress بىلوگ تېخنىكىسى جەھەتتە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا ۋە ماھارەتلەرنى قەرەللىك تەييارلاپ، بىلوگگېرلارنىڭ ئۆز بىلوگىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن مۇكەممەل بولۇشىنى تېخنىكا ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ بىلوگدىكى مەزمۇنلار WordPress تېخنىكىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىلوگگېرلار ئەمەلىي نەپ ئالالايدىغان مەزمۇنلار ئارقىلىق ئۆز بىلوگىنىڭ خاسلىقىنى داۋام قىلىپ كەلدى. ئىزچىل تۈردە مەزمۇن جەھەتتىكى خاسلىقىنى ھەم ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلدى؛ پرېستان بىلوگى ئۇيغۇر بىلوگگېرلىرىنى ئۆزلىرى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئىجادىي ئۇسلۇب تەمىنلەپ، ئۇيغۇر بىلوگلىرىنىڭ كۆركەم كۆرۈنۈشتە مەۋجۇت بولۇشىنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى. بىلوگگېرلار قالدۇرغان سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى. ئۆز خاسلىقى ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلدى.
ياخشى بىلوگ نامزاتلىرى تۆۋەندىكى تۆت بىلوگ (ئەسكەرتىش: تىزىلىش تەرتىپى ھېچنېمى چۈشەندۈرمەيدۇ):
1. ئۇيغۇرۇم تېخنىكا كۇلۇبى، تور ئادرېسى: http://uyghurum.net
2. پاساھەت تەرجىمە بىلوگى، تور ئادرېسى: http://pasahet.net
3. روھچىن بىلوگى، تور ئادرېسى: http://www.rohqin.com
4. مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى، تور ئادرېسى: http://book.menzil.biz
باھالاش ھەيئىتىنىڭ تاللىغانلىرى: ئۇيغۇرۇم تېخنىكا كۇلۇبى ۋە روھچىن بىلوگى
باھالاش ھەيئىتىنىڭ پىكرى: بۇ ئىككى بىلوگنىڭ قۇرۇلمىسىدىلا ئەمەس، تېمىلىرىدىمۇ بىر خىل پاكىزلىق، ئىزچىللىق، سالماقلىق بار. يەنە بىرسى قالايمىقان ئېلانلاردىن خالىي ئىكەن. چوڭلارنىڭمۇ، بالىلارنىڭمۇ زىيارىتىگە ماس كېلىدىكەن. بولۇپمۇ روھچىن بىلوگىدىكى كىشىلىك تۇرمۇش تەسىراتلىرى مېنى باشقىچە قايىل قىلدى.
شۇنداق قىلىپ 2-باسقۇچ ئاخىرلاشتى. «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى نىڭ 3-باسقۇچى -«ئەڭ» مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى بۈگۈن (2015-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:00 دە) رەسمىي باشلاندى.
بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئەتلىرى تاللاپ چىققان بىلوگلارغا تورداشلار بېلەت تاشلاپ، «ئەڭ» مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگلارنى تاللاپ چىقىدۇ. بېلەت تاشلاش ئورنى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئۈندىدار سالونىدا بولىدۇ.
تورداشلار ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، بېلەت تاشلاشنى باشلىسا بولىدۇ.
ئۈندىدار سالون نومۇرى: xjcfan_weixin
ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سېكانېرلاپ، قوشۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، Blog دېگەن ئۇلانمىنى چەكسىڭىز ياكى بولمىسا «بىلوگ»، «Blog» دەپ كىرگۈزسىڭىز، بېلەت تاشلاشقا كىرەلەيسىز.
بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991
تور بېكەت: http://www.xjcfan.com
ئېلخەت: master@xjcfan.com
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تاللىنىدىغانلارنىڭ قالدۇرۇلغىنىدىن تۇلىمۇ ئۇسلىنىمەن …
مۇئەللىم بلوگىنى قالدۇرۇشقا مەن قارشى …
@نۇربەگ قارشىلىق ئىناۋەتسىز ، چۈنكى ۋاقتى ئۆتتى …
بۇ يىلقى پائالىيەت ھەقىئقەتەن قالتىس بولغۇدەكقۇ؟تۈرلىرىمۇ سەرخىلكەن مۇئەللىمكا

@ئىشقىيار شۇنداق ، بىلوگ باھالاش يىلسىرى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ ، دېسە ….
@مۇئەللىم مىڭ ئەپسۇس، پائالىيەتلەر سەرخىللاشقانسىرى بلوگ قىزغىنلىقى سوۋۇپ كەتتى. مەنمۇ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن چىكىنگەن بولدۇم، سىلىدەك بلوگچىلىقنى تاشلىماي كېلىۋاتقان قەدىردانلىرىمىزنى ئەسلەپ قالىمەن مۇئەللىمكا. سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.
مەنزىل كىتاپ ئامبىرىنى كىرگۈزمەسلىككە مەن قارشى
يىڭى يازمىلار
ئالاقىلىشىش كۆزنىكى
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 393پارچە
بەت :18 بەت
باھا :2486 پارچە
سەھىپە :35 دانە
خەتكۈش :497 دانە
ئۇلىنىشلار:117 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 1221 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 110 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 6-ئاينىڭ28-كۈنى
باش بەت
ئادرىسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ مالال كۆرمىسىڭىز تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز
بۇ ئۇسلۇبنى كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن ئادرىسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ مالال كۆرمىسىڭىز تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز
@زۇليار توپقا ئەزا بولۇپ ، توپ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋىلىڭ...246910166
@بابۇر ئاۋۇ توپقا ئەزا بولۇپ ، توپ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋىلىڭ...246910166
@بابۇر توپقا ئەزا بولۇپ ، توپ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋىلىڭ...246910166
ماڭىمۇ بىر نۇسخا بولسا بوپتىكەن :razz:
ماڭىمۇ بىر نۇسخا بەرگەن بولسىڭىز،يېڭىدىن بىلوگ ئېچىپ يارىغۇدەك ئۇسلۇبنى ئەمدى كۆردۈم.... babur39@qq.com
رەھمەت مۇئەللىم. مەن سىناپ باقاي
بۇ راستىلا قالتىس قىستۇرمىكەن. بىلوگۇمنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى يېرىم ھەسسە تېزلىتىپ بەردى. ئۇستازغا رەھمەت.
مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي بىزنىڭ بلوگ بەك ئىغىرلىپ كەتكەن ئىدى ...
سالام. ماۋۇ قىستۇرما بولىدىغاندەك قىلىدۇ، مەنمۇ سىناپ باقاي قېنى.
چۈشمەس بولۇپ قاپتۇ چۈشىدىغان قىلىپ قويماملا مۇئەللىمكا
ماڭىمۇ بىر نۇسخا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
@ئەقىليار مەن ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرەي دېسەم ، ھەممە ئادەم بىرلا ۋاقىتتا سورىمايدىكەن ،شۇڭا QQتوپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، لازىملىقلار ئەزا بولۇپ چۈشۈرۋىلىپ ، كېيىن ئىھتىياج تۈگىگەندە توپتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىمۇ بولىدىكەن . شۇڭا توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، ئەزا بولۇپ ئىشلەتكەنلەر بىرەر مەسىلىگە ئۇچرىسا ، جاۋابقا ئېرىشمىكىمۇ قولاي بولىدىكەن . توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، شۇ يەردىن چۈشۈرۋالسىڭىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، نۇرقۇت تورىدا سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلار كۆپتكەن بىراق مەن چۈشۈرەلمىدىم . مۇنكىن بولسا ماڭا مۇشۇ ئۇسلۇپنى تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ ؟
چۈشۈرۈش ئادىرسى قۇرۇقكەن مۇئەللىم ،بولمىسا سومكامنى ئىشىلتىڭ !Somkam.com
ئۇستاز مومكڭن بولسا بۇ ئۇسلۇپنى يوللاپ بەسىڭىز