ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى ئۇيغۇرلاردىكى «ئەڭ بىلوگلار» باھالاش پائالىيىتنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ، يەنى پائالىيەت نەتىجىسى چىققۇچە ۋە چىققاندىن كېيىن ، نۇرغۇن بىلوگداش دوستلار ۋە بىلوگىمىز ئوقۇرمەنلىرى مۇئەللىم بىلوگىنىڭ 3-باسقۇچقا كىرەلمىگەنلىكىگە ئىچىنغانلىقىنى ، روھىمنى چۈشۈرمەي ، يەنىمۇ ياخشى ئەسەر ۋە تېخنىكىلار ئارقىلىق ، قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىلوگ قۇرۇش ئارزۇسىغا ياردەم قىلىشىمنى توختىتىپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ، ھەمدە سالامەتلىكمىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئۆز تىلەكلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى . بۇ جەھەتتە مەن مەن ۋە مېنىڭ باشقۇرۇشۇمدىكى «مۇئەللىم بىلوگى»غا كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !
رەھمەت سىلەرگە !!!
بۇ پائالىيەتتە شەرەپكە ئېرىشەلمىگەنلىك سەۋەبلىك مۇئەللىم بىلوگى يېزىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ . ئۇيغۇرلاردا تور بېكەت ئوخشاش بولمىغان سىستېما ، ئوخشاش بولمىغان سۇپىلاردا ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ خەلقىمىز ئۈچۈن نادىر مەزمۇنلارنى تەقدىم ئېتىپ كەلمەكتە . بۇنىڭ ئىچىدە بىلوگ ساھىبلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر بەگ ۋە پىرستانلار باشلىغان بىلوگباس ، ئىملوگ ، پ ج بىلوگ ۋە ۋوردپرس سىستېمىلىرىدا قۇرۇلغان بىلوگلار ھازىرغا كەلگەندە گۈللەپ ياشناپ ، ئويغۇر بىلوگچىلىقى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشماقتا ۋە قوشۇۋاتىدۇ ...
رەڭگارەڭ تور بېكەتلەر ئىچىدە بىلوگچىلىقنىڭ مانا مۇشۇنداق ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەتلەرگە ئېرىشمىكى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس . ئوخشاشمىغان بېكەتلەرگە نېسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، پەقەت ئويغۇر بىلوگلىرى ئۈچۈن ھىچكىمنىڭ تامچە-تامچىلەردىن كۆلچەك ھاسىل قىلىپ ، بىلوگ يېزىپ چارچىغانلارنىڭ ھارغىنلىقىنى بولسىمۇ تۆگىتىش ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ، ئويغۇر بىلوگچىلىقىغا مەدەت بېرىشى ھەقىقەتەن مەدھىيەلەشكە , ماختاشقا تىگىشلىك ئىش ، ئەلۋەتتە . ئۇلار باھالىمىسا ، بىز نېمىشقا باھالىمايسەن ؟ دېيەلەمدۇق ؟!
مۇشۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغرىقى بولدى ، نۇرغۇنلارنىڭ دېلى رەنجىدى ، جۈملىدىن مېنىڭمۇ دەسلەپتە كۆڭلۈم تازا يىرىم بولدى . ئەمما يەنە بىر نوقتىدىن تۇرۇپ ئويلاپ ئويلاپ باقسام ، كۆڭلۈم يىرىم بولغۇدەك ھىچ ئىش بولماپتۇ . كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرىدە مۇئەللىم بىلوگى ئۈچۈن قىلىنغان ئىنكاسلاردىن ، تور دۇنياسىدا مۇشۇنچىلىك ھالەتتە پۇت تىرەپ تورالىغىنمغا شۈكرى دېدىم ...بۇ جەھەتتە كومپىيۇتىر ھەۋاسكارلىرى مۇنبىرىدە مۇئەللىم بىلوگى ئۈچۈن يۈرەكلىك ھالدا ئىككى ئىغىز ھەق سۆزلىيەلىگەن «مۇھەممەد» ۋە «پاك زېمىن» قاتارلىق ئىككى دوستقا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ...
كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېسەم ، ئۇيغۇربەگ ۋە پىرىستانلاردىن تۆھپە تالىشىش دەرىجىسىگە بېرىپمۇ يەتمىدىم ، ھەم ئاشۇ قەدىردان بۇرادەرلىمنىڭ بولسىمۇ مۇشۇ شەرەپكە نائىل بولالىغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن . ھەم ئۇيغۇر بەگ بىلوگنىڭ «ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ بىلوگ» شەرىپىگە ئېرشكەنلىكىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن ...
بۇ پائالىيەت مەيلى بىلوگلارنى باھالاش جەھەتتىن بولمىسۇن ياكى بىلەت تاشلاش جەھەتتىن بولمىسۇن ، ئەڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلدى ، دەپ قارىدىم ئۆزەمچە ... مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئويغۇر بىلوگلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان يۈكسەل بىلوگى ۋە كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى ، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى بارلىق قىرىنداشلارغا ۋە «ئەڭ بىلوگ»لارنى مۇكاپاتلاش جەھەتتە ماددىي-مەنىۋى جەھەتتە يار-يۆلەكتە بولغان ئەزىزلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيىتىمەن . رەھمەت سىلەرگە ، بىز بىلوگگىر ئېنىقكى سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ۋە مەدىتىڭلاردىن ئايرىلالمايمىز . شۇنداقلا بارلىق بىلوگگىرلارغا ۋاكالىتەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى : بىز چوقۇم سىلەرنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ، تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلار بىلەن ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەنىمۇ ترىشىمىز !!!
ئەڭ ئاخىرىدا ، ئۇيغۇرلادىكى «ئەڭ بىلوگ» لارنى باھالاش پائالىيىتدە شەرەپكە نائىل بولغان
1. گىگانىت گرافىك بىلوگى
2. چاشقان تورخاتىرىسى
3. بىلگە بىلوگى
4. تورخۇمارلار كۇلۇبى
5. ئىزتىل بىلوگى
6. تور سودا بىلوگى
7. ئالىم ئەھەت بىلوگى
8. ئۇيغۇربەگ بىلوگى
9. ئۇيغۇرۇم تېخنىكا كۇلۇبى
10. يۈكسەل بىلوگى
قاتارلىق بىلوگلارنى قۇتلۇقلايمەن ھەمدە بۇ بىلوگلارنىڭ يىرىم يولدا توختاپ قالماي ، يەنىمۇ ياخشى مەزمۇنلار ،ئۆزگىچىلىكى بىلەن بىزگە ئۈلگە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن ...
يەنىمۇ ئاخىرىدا ، بىلوگ قۇرۇش جەھەتتە قېيىنچىلىققا ئۇچرىغان دوستلارنىڭ مۇئەللىم بىلوگىنى يوقلاپ تۇرۇشىنى ، مۇئەللىم بىلوگى ئارقىلىق يېڭى-يېڭى ئۇسلۇب ۋە تېخنىكىلارغا ئېرىشىشنى ، مۇئەللىم بىلوگنىڭ يېزىلىش يۆنىلىشى جەھەتتە قىممەتلىك پىكىرلىرى ئارقىلىق مۇشۇنداق شەرەپلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .
سۆزۈم تۈگىدى ، كۆپچىلىككە رەھمەت ! (ئوتتۇز ئىككى چىشىنى چىقىرىپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسى )
ئۇيغۇرلاردىكى «ئەڭ بىلوگ» ۋە مۇئەللىم بىلوگى
ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە
يازما ئۇچۇرلىرى
- بۇ يازمىنى مۇئەللىم بىرلىك: 1 ئاي ئىلگىرى ئۆرنەكلەر سەھىپىسىگە يوللىغان | ئىشلەتسىڭىز ئەسكەرتىڭ : ئۇيغۇرلاردىكى «ئەڭ بىلوگ» ۋە مۇئەللىم بىلوگى | مۇئەللىم بىلوگى
- خەتكۈش : ئەڭ بىلوگ, مۇئەللىم بىلوگىيېڭىلانغان ۋاقىت : 2015-يىلى 28-ماي
【ئالدىنقى يازما】بېلەت تاشلاش – «ئەڭ» بىلوگلارنى باھالاش پائالىيىتى
【كېيىنكى يازما】ۋوردپرس خەۋەر ئۇسلۇبى : M-Blog
【كېيىنكى يازما】ۋوردپرس خەۋەر ئۇسلۇبى : M-Blog
بەلەن بوپتۇ، بىلوگگىرلارغا بىرخىل قوزغاتقۇچ كۈچ بولغۇدەك!
مەن ۋورد پىرەسنى مۇئەللىم بىلوگىدىن باشلىدىم دىسەممۇ بولىدۇ، بىلوگدىكى بىلىملەرنىڭ يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە كۆپ پايدىسى تېگىدىكەن. ۋوردپىرەس بىلەن بۇرۇنراق تونۇشمىغىنىمغا سەل پۇشايمىنىم بار، مەن بىلوگىمنى ئاساسلىق ئۇسلۇبقا ۋە ۋورد پىرەسكە قارىتايمىكىن دەيمەن. بۇندىن كىيىن مۇئەللىم بىلوگىغا كۆپ كىلىمەن، مۇئەللىمدىن ئۆگىنىدىغان بىلىملەر كۆپكەن. ھازىر مەۋسۇم ئاخىرى بوپ قىلىپ بىلوگىمغا كۆپ نەرسىلەرنى يوللىيالمىدىم، تەتىلدە تازا بىر كۈچەي.
باش بېكىتىم : http://www.1tamche.com
ئۇسلۇب بېكىتىم: uslub.1tamche.com
شەرەپكە نائىل بولغان بلوگلارغا مۇبارەك بولسۇن. سىزنىڭمۇ كەمتەرلىكىڭىزگە ئاپىرىن.
يىڭى يازمىلار
ئالاقىلىشىش كۆزنىكى
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 393پارچە
بەت :18 بەت
باھا :2486 پارچە
سەھىپە :35 دانە
خەتكۈش :497 دانە
ئۇلىنىشلار:117 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 1221 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 110 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 6-ئاينىڭ28-كۈنى
باش بەت
ئادرىسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ مالال كۆرمىسىڭىز تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز
بۇ ئۇسلۇبنى كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن ئادرىسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ مالال كۆرمىسىڭىز تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز
@زۇليار توپقا ئەزا بولۇپ ، توپ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋىلىڭ...246910166
@بابۇر ئاۋۇ توپقا ئەزا بولۇپ ، توپ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋىلىڭ...246910166
@بابۇر توپقا ئەزا بولۇپ ، توپ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋىلىڭ...246910166
ماڭىمۇ بىر نۇسخا بولسا بوپتىكەن :razz:
ماڭىمۇ بىر نۇسخا بەرگەن بولسىڭىز،يېڭىدىن بىلوگ ئېچىپ يارىغۇدەك ئۇسلۇبنى ئەمدى كۆردۈم.... babur39@qq.com
رەھمەت مۇئەللىم. مەن سىناپ باقاي
بۇ راستىلا قالتىس قىستۇرمىكەن. بىلوگۇمنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى يېرىم ھەسسە تېزلىتىپ بەردى. ئۇستازغا رەھمەت.
مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي بىزنىڭ بلوگ بەك ئىغىرلىپ كەتكەن ئىدى ...
سالام. ماۋۇ قىستۇرما بولىدىغاندەك قىلىدۇ، مەنمۇ سىناپ باقاي قېنى.
چۈشمەس بولۇپ قاپتۇ چۈشىدىغان قىلىپ قويماملا مۇئەللىمكا
ماڭىمۇ بىر نۇسخا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
@ئەقىليار مەن ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرەي دېسەم ، ھەممە ئادەم بىرلا ۋاقىتتا سورىمايدىكەن ،شۇڭا QQتوپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، لازىملىقلار ئەزا بولۇپ چۈشۈرۋىلىپ ، كېيىن ئىھتىياج تۈگىگەندە توپتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىمۇ بولىدىكەن . شۇڭا توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، ئەزا بولۇپ ئىشلەتكەنلەر بىرەر مەسىلىگە ئۇچرىسا ، جاۋابقا ئېرىشمىكىمۇ قولاي بولىدىكەن . توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، شۇ يەردىن چۈشۈرۋالسىڭىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، نۇرقۇت تورىدا سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلار كۆپتكەن بىراق مەن چۈشۈرەلمىدىم . مۇنكىن بولسا ماڭا مۇشۇ ئۇسلۇپنى تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ ؟
چۈشۈرۈش ئادىرسى قۇرۇقكەن مۇئەللىم ،بولمىسا سومكامنى ئىشىلتىڭ !Somkam.com
ئۇستاز مومكڭن بولسا بۇ ئۇسلۇپنى يوللاپ بەسىڭىز