ئۇسلۇب ئارخىبى
- ئۇسلۇب نامى : Wesky
- ئۆزلەشتۈرگۈچى : مۇئەللىم بىلوگى
- ئۇسلۇب يوللىغۇچى : مۇئەللىم
- ئۇسلۇب تۈرى : cmsئۇسلۇبلار
- ئۇسلۇب رەڭگى : بۇ ئۇسلۇب يېشىل ، قىزىل ، قارا ، كۆك ، سۆسۈن قاتارلىق بەش خىل كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە ، ھازىرچە يېشىل رەڭلىك كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچىنى نۇرمال كۆرسىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە نۇرمال تەڭشەلگەندىن باشقا ، باشقا رەڭلەر تەڭشەلمىدى ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، باشقا رەڭلەر ئايرىم تەڭشەپ بېرىلىدۇ ......
- يان ستونى : ئىككى ئېستوندىن تۈزۈلگەن .
- ئالاقىدار سۆزلەر:Wesky
ئۇسلۇب كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىچە :
ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى
- 1.ئارتۇقچە تەلەپ قىلىپ قاچىلايدىغان قېستورمىلىرى يوق . 2.كۆركەم بولغان كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە . 3.كۆپلىگەن ئېلان ئورۇنلىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن ، ئېلان كودىنى تەڭشەك بېتىدىن قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . 4. يان رامكا ۋە تىزىملىك قوللاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئۆز ئارزۈيىڭىزغا خاس ھالدا ، يان رامكا ئىقتىدارىنى تولۇق ئاچالايسىز ، تىزىملىكنى ئۆزىڭىز بىكىتەلەيسىز ......
- باشقىلار :بىلوگ تۇغىنى logo.png ھالىتىدە ساقلاپ ۋە مۇشۇ ئىسىمنى قويۇپ ، ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى images ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە يۇكلىۋەتسىڭىزلا كۇپايە .
ئەسكەرتىش
- ئالاقىلىشىش شەكلى : كوت-كوت نۇمۇرىمىز -1302698656 توپ نۇمۇرىمىز : 246910166
ئۇسلۇب كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ياىشىمۇ ؟مەن بۇ ئۇسلۇپنى چۈشۈرەلمىدىم. بولسا ئىلخەت ئادرىسىمغا يوللاپ بىرىڭە!!!!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، چۈشۈرۈش ئادرسىنى ئوڭشاپ قويدۇم ، مۇشۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ ….
ئۇزۇن بوپتىكەن چۇشۇرۇپ قۇيۇپ سىناپ باقمىغىلى،بۇگۇن سىنسام ما ئۇسلۇبتا خەتلەر سولدىن ئوڭغا چىقىۋالدا،يەنە خەتلەرمۇ چىرايلىق ئەمەس.نېمشقا بۇنداق بۇلىدۇ؟ ياكى سىز تۇلۇق تەرجىمە قىلماي تارقاتقانمۇ؟
بۇنىڭ پەقەت يېشىل رەڭگىلا تەڭشەلگەن ، باشقا رەڭلىرى تەڭشەلمىگەن . سىز ئۇسلۇب تەڭشىكىدىن باشقا رەڭلەرنىمۇ ئايرىم-ئايرىم تاللاپ بېقىڭ …..
مەزمۇنلار يېڭىلانمايدىغۇ مۇئەللىم ؟ بىرەر قازناققا كىرىپ خورەكنى بولۇشىغا تارتىپ ئۇخلاپ قالدىڭىزمۇ نېمە تەتىل دەپ؟
سىز ئۇخلاپ قالغاندا يىڭىلاي دەپ شۇ …..
ئاخىرى بلوگىڭىزدا ئېلان قىلىپسىز ھە! بۇ ئۇسلۇب ھەقىقەتەن چىرايلىق،سىپتا چىققان ئۇسلۇبكەن.بىر ۋاقىتلاردا ئۆزۈم ياسىغان ئۇسلۇب دەپ قوزغۇتۇپ قۇيۇپتىكەسىز،تېخى تۇلۇق پۇتىمگەن ئوخشىمامدۇ؟
نەدىكىنى دەيسىز ؟ بەلكىم ئۇنداقمۇ دېمىگەندىمەن . مەن تىخى ئۇسلۇب ياساش باسقۇچىغا قەدەم قويمۇدۇم …..
چىرايلىق ئۇسلۇبكەن
قېنى مەن يوللىغان ئىنكاس كۆرۈنمەيدا؟
مۇئەللىم بۇ ئۇسلۇبنىڭ باشقا رەڭلىرى ھەقلىقما؟ يا ھەممىسى ھەقلىقمۇ؟ ئېتىياجغا ئاساسەن تەڭشەپ بېرىلىدۇ دەپسىزغۇ؟ ماڭا لازىم بولۇپ قالغاچ سورىدىم ھە… ھەقسىز بولسا ئىشىلىتىۋېرەي… ھە راسىت بىر ئۇسلۇبنى قانچە پۇلغا تەرجىمە قىلىپ بېرىسىز؟
ئەسلىدە ھەقلىق تارقىتاي دېگەن ، ھەم دەسلىپىدە چۈشۈرۈش ئادرسىنىمۇ تەمىنلىمىگەن . قارىسام بىر ئوقۇغۇچىغا لازىم بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەقسىز تارقاتتىم …..يەنە بىرسى بار ، ئۇنى ھەقلىق تارقىتىمەن …..ئادەتتە بۇيرۇتۇلىدىغان ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ ، ئاندىن باھا جەھەتتە كېلىشسەك بولىدۇ . ئادەتتىكىچە ئۇسلۇب بولسا ، ھەقسىز ياكى ئەرزانراق ئۆزلەشتۈرۈلۈپ بېرىلىدۇ . ھازىرغا قەدەر تىخى ئۇسلۇبنى بىر پۇڭ چاغلىق ھەقلىق تەمىنلەپ باقمىدىم ……