مۇرشىدى ئەپەندىم ۋە ئالىم ئەھەت ئەپەندىملەرنىڭ ئۇيغۇر بىلوگچىلىق ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىشى ۋە تىرىشىشى ئارقىسىدا ، WordPress سېستىمىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىش ، نەشىرى يىڭىلانسا ، تىز سۈرئەتتە تەرجىمىسىنى تاماملاش قاتارلىق ئىشلار ئۈزۈلمەي داۋام ئىتىش بىلەن ، كەڭ بىلوگگىر دوستلارنىڭ بىلوگ قۇرۇش ئىشتىياقىغا يەنىمۇ ئىلھام ۋە مەدەت ئاتا قىلماقتا . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، مەنمۇ بىر WordPress تە بىلوگ قۇرغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ، WordPress تەرجىمە ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان مۇرشىدى ئەپەندىم ۋە ئالىم ئەھەت ئەپەندىم باشلىق بارلىق جان كۆيەرلەرگە WordPress بىلوگگىرلىرى نامىدىن چۇڭقۇر مىنەتدارلىق بىلدۈرىمەن .
WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن ، Windows 7 ۋە Windows 8 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ تېزلىكتە ئومۇملىشىپ، Windows XP دەۋرىنىڭ ئاساسەن ئاياقلاشقانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ قېتىمقى نەشرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېسىش، EOT تونۇتۇش ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ . بۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسى مەقسەت قىلىنغاچقا ، يىڭىلىغاندىن كېيىن ، ئارقا بەت خەتلىرى ئۇيغۇرچە نۇرمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسى يۈز بەرگەنلىكتىن ، كود تەھرىرلەشنى ئۇقمايدىغان كۆپلىگەن بىلوگگىرلار ھىلىھەم 3.4نەشىرىنى ئىشلىتىپ يۈرمەكتە ......
كەڭ بىلوگگىر دوسىتلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، دوغاپ ئەپەندىم ئەڭ تىز ۋاقىت ئىچىدە WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش ئىشلىرىنى تاماملاپ ، پىقىرنىڭ باشقىلارغا تەمىنلەپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغانلىقى ئۈچۈن ، مۇشۇ توغۇرلۇق چۈشەنچە بېرىپ تۇرۇپتىمەن .
ئەمدى سېز WordPress بىلوگىڭىزنى خاتىرجەم يىڭىلىسىڭىز بولىۋىرىدۇ .
يىڭىلاشتىن ئاۋالقى تەكلىپ :
1.بارلىق قېستورمىلارنى ئىشتىن توختىتىپ تۇرۇپ ، ئاندىن يىڭىلاش ئىلىپ بېرىڭ .
2.سانداننى زاپاسلىۋىلىشنى ئەستىن چىقارماڭ .
3.بوشلۇقتىكى بارلىق ھۆججەتلىرىڭىزنى بىر نۇسخا زاپاس ساقلىۋىلىڭ .
نېمىشقا بۇنى ئەسكەرتىمەن ؟
يىڭىلاش ئىككى تۈرلۈك :
بىرسى بىلوگ ئارقا بىتىدە تۇرۇپ يىڭىلاش ئېلىپ بىرىش (ئاپتۇماتىك يىڭىلاش)
يەنە بىرسى يىڭىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بوشلۇقتىكى ئەسلى ھۆججەتكە قاپلىۋىتىش .
قايسى خىل ئۇسۇلدا يىڭىلاش ئېلىپ بارمايلى ، سەۋىر-تاقەتنىڭ چەكلىك بولۇشى تۇپەيلى ، يىڭىلاش يىرىم يولدا ئۈزۈلسە ، ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلۈپ ، بىلوگ ئېچىلمايدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر .
WordPressنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىق قوشۇلغان تولۇق نۇسخىسى :
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىق قوشۇلغان قوشۇمچە ھۆججەتلىرى :
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئەسكەرتىش : 3.5.1 نەشىرىگە يىڭىلاپ بولغان بولسىڭىز ، قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ قاپلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .
ئەگەر يىڭىلاش ئېلىپ بارمىغان بولسىڭىز ، ئارقا بەتتىن يىڭىلىسىڭىزمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يېزىق قوشۇلغان تولۇق نۇسخىنى چۈشۈرۈپ بوشلۇققا قايتا باسۇرۇپ يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ياردەمگە ئىھتىياجىلىق بولسىڭىز ، بىۋاستە سۆز قالدۇرۇڭ ......
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
جىددى لازىم بولۇپ قالدى ، كىمدە بار !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئۆچۈرلۈپتۇ ، سىز دە بولسا يوللاپ قويسىڭىز مۇئەللىم
ئۇچقۇرجاننىڭ توردېسكىسى ئۆلگەنچىغىبا ……
ۋاي چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ
چۈشتى چۈشتى باشقا تور كۆرگىدە ئاچسام ئېچىلدى
چۈشۈرۈش ئورنى ئېچىلمىدى بەيدۇ دىسكىسىغا يوللاپ قويامسىز؟
رەھمەت.مەنمۇ ئاپتوماتىك يېڭىلىۋىتىپتىكەنمەن. ھېچقانداق قىستۇرمىنى توختاتماي دېسە خەت شۇنداق سەت،ئەندى ھەل بولىدىغان بولدى مانا.
رەھمەت سىزگە!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەقىقەتەن مەن ئۈچۈنلا يوللىنىپتۇ بۇ يازما، 3.5.1 نى چۈشۈرۈپ يەرلىكتە سىنىسام، خەت شەكلى بەك ناچار چىققان ئىدى شۇ سەۋەبتىن يىڭىلاشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم، مانا ئەزىزلەر بۇ مەسلىنىمۇ ھەل قىپتۇ، رەھمەت بۇرادەرلەر
ھەر ئىككىڭلارغا كۆپ رەھمەت.. قىممەتلىك تېماڭلار ئۈزۈلمىگەي…
بۇ تېما بەك ياخشى يوللىنىپتۇ، ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا…
بۇ تېمىدا سىزنىڭ ئەجرىڭىز كۆپ ، سىز ئاۋۇ ھۆججەتلەرنى تەمىنلەپ بەرمىسىڭىز ، مەن يازمىنى يوللىمايتتىم . ئاساسلىق ئەجرنى سىز تارتتىڭىز ، شۇڭا سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت ….