نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يازمىلىرىم | ئاساسىي مەزمۇن
«قىزغىنلىق»نىڭ نەتىجىسى(بىلوگنىڭ كەلگۈسى) ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيىدۇ
2013-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى | يازمىلىرىم |جەمئى 4370خەت بار | 121 قىتىم كۆرۈلدى+ | 2پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىلوگگىرلار
مەن ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئارقا- بىرنەچچە يازمىنى يوللىدىم مىنىڭ بۇنداق قىلىشىمدا مەلۇم سەۋەپ بار
بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ئۇنداقتا تۆۋەندىكى يازملىرىم ئارقىلق بۇنىڭ جاۋابىنى بەرمەكچىمەن، بۇ يازمام سىزنى ئويغا سىلىشىمۇ ياكى سىز ئۈچۈن پەقەت كۆرۈپلا ئۆتۈپ كىتىدىغان يازما بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق قىزغىنلىق بولسا ھامان بىر نەتىجىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ پەقەت سىزدە قىزغىنلىقنى داۋاملاشتۇردىغان ئىرادە بولسىلا
قىزغىنلىق
مەن كىچىكىمدە ئوقۇتقۇچىلىققا قىزىقاتتىم، شۇڭا دادام ئاپاملار مەندىن چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولىسەن دىسە ئىككىلەنمەيلا، مەن چوڭ بولسام بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قلىمەن دەيىتتىم، دادام بولسا مىنىڭ ھەربىي بولۇشىمنى ئارزۇ قىلاتتى، ئاپام بولسا دوختۇر بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى، ئاكام بولسا مىنىڭ بىر تەنتەربىيىچى بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلىلاتتى، تا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئارزۇيۇم ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن يانمىدى، لىكىن مىنىڭ
بۇ ئارزۇيۇمنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇنداق بىر ئىش سەۋەپ بولدى،
مەن تولۇقسىزنىڭ ئىككنجى يىللىقىغا چىققاندىن كىيىن بىزنىڭ ئۈگىنىش بىسىمىمىز بارغانسىرى ئىغىرلاشتى، چۈنكى بىز مەكتەپتىكى قوشتىل سىنىپى يەنى ئىچكىرى تولۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق سىنىپى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن دەرىسلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈگۈتۈپ ئىمتىھانغا يىرىم يىل تەييارلىق قىلاتتۇق، شۇۋەپلىك بىزگە ئادەتتە قوشۇمچە دەرسىلەر ئىنتايىن ئاز ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى، تەنتەربىيە، پائالىيەت، ۋە باشقا قوغۇمچە دەپ قارىلىدىغان دەرىسلەرنىڭ ئورنىغا ماتىماتىكا، ئەدەبىيات، خەنزۇتىلى، فىزىكا، خىمىيە، قاتارلىق غوللۇق دەرىسلەر سەپلىنىپ ئۆتۈلەتتى، شۇ سەۋەپلىكمىكىن ۋاقتىت ئۇزارغانسىرى مىنىڭ ئوڭ قۇلۇقىمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كەتتى، دوختۇرخانىغا كىرىپ تەكشۈرتتۇق، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىرىسى خارەكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ چىقتى، قۇلۇقىمدىن توختىماي بىر خىل سۇيۇقلۇق چىقاتتى، ئەمما يىرىڭ ئەمەس، داۋالىدى دورا بەردى ئەمما خىچ ئۈنۈمى بولمىدى، بۇ مەن ئۈچۈن تىخىمۇ بىسىم بوپ قالدى، تىخىمۇ ئىچىنىشلىق بولغىنى مەن شۇ يىلى ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىگە بولالمىدى، سەۋەبى مىنىڭ كىملىكىمدىكى ياش ئىمتىھانغا قاتنىشش ياش چەكلىمىسىدىن 2 ياش ئىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەپ بولدى، مىنىڭ يۇقۇرلاپ ئوقۇش ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلاندى، ماڭا ئىنتايىن بەك زەربە بولدى دەپ قارىساممۇ بولىدۇ، تىخى مىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرشۈمگە 5 ئاي بار ئىدى، مەن مەكتەپتىن چىكىنمەكچى بولدۇم دادام يول قويمىدى، مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ يول قويمىدى، سىنىپ يۆتكلىمەن دىدىم، دادام مۇ قوشۇلمىدى ، مەكتەپ مۇدىرىمۇ قوشۇلمىدى، يەنە ئوقۇدۇم لىكىن كۈنلىرىم شۇنداق مەنىسىز تۇيۇلۇپ كەتتى، چۈنكى مەن ئوقۇساممۇ خىچقانداق نەتىجە چىقمايدىغاندەك خىس قىلاتتىم، مەن ئىنتايىن تەسلىكتە ئوقۇش پۈتتۈردىغان كۈننى كۈتىۋالدىم، قانداق كۈتىۋالدىڭلا دىمەيسىلە، شۇ كۈنى ئاتا - ئانىلار مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز ھەممەيلەن سىنىپقا كىردى، مەكتەپ رەھبەرلىرى سۆز قىلىدى، ئاتا - ئانانىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى، ماڭا ئۇلارنىڭ نىمە دىگەنلىكى ھازېرغا قەدەر بىر سىر، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ھىچقانداق گىپىنى ئاڭلىيالمىدىم، ئاخىرىدا بىزنىڭ سىنىپ مۇدىرىمىز سۆز قىلىدى، ئاندىن مىنى چاقىرغاندەك قىلىدى
مەن جىم ئولتۇردۇم چۈنكى نىمە دىگىنىنى ئاڭلىمىدىم . مۇئەللىم يىنىمغا كىلىپ ئۇكام سۆز قىلىشنى خالىمامسىز دىدى، ئاندىن ئاڭلىدىم، مەن ياق ئۇنداق ئەمەس بايا بايا .. ھە جىددىيلىشىپ قاپسىزدە ھىچقىسى يوق سىزنىڭ ئاكا ھەدىلىرىڭىز ساۋاقداشلىرىڭىز ئىچ ئىش بولمايدۇ دىدى، بۇ گەپلەرنىمۇ ئىنتايىن تەس پەرىق ئەتتىم، ئوتتۇرغا چىقتىم، باشقا گەپ قىلمىدىم چۈنكى بىز جاپا تارتتۇق لىكىن بىزدىنمۇ بەكرەك ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز جاپا تارتتى ئەمەسمۇ، ئۇلار ھەركۈنى 8 سائەت ئىشلىسە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۈگەيدۇ، لىكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمايتتى، بىزنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارام ئىلىش دەمئىلىش كۈنلىرىنى، ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ ئىسسىق تاماق يەيدىغان ۋاقىتلىرىنى قولدىن بىرىپ قوياتتى، مەن بۇ ھەقتە يەنە توختىلىمەن ھازېر سۆزلىسەم گەپ بەك ئۇزىراپ كىتدىكەن، شۇنداق قىلىپ ئوقۇش پۈتتۈردۈم.
دادام تولۇق ئوتتۇرغا ئەكىرىپ بەرمەكچى بولدى، مەن ئىلگىرى سەنئەت مەكتەپ، تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئىنتىھان بىرىپ چاقىرىق قەغىزىگە ئىرىشىپ بولغانىدىم لىكىن سالامەتلىكىم بۇنىڭغا يار بەرمىدى، بۇ ئارزۇلىرىم كۆپۈككە ئايلاندى. تولۇق ئوتتۇرغا كىرگىلى ئۈنىمىدىم، چۈنكى مىنىڭ بۇ خاياتىمدا ئوقۇش دىگەن نەرسىدىن ئۈمىد قالمىدى دەپ ئويلاتتىم، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ دادام مىنى كومپىيۇتېر ئۈگەنسۇن دەپ بىر تەربىيلەش مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن كومپىيۇتېر ئۈگەندىم لىكىن مەن زورىغا ئۈگىنىۋاتاتتىم، ئۈگەنمىسەم دادامنىڭ خاپا بولۇشىدىن ئەنسىرەيتتىم، شۇنداققىلىپ زورىغا 3 ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ۋورد، ئېكسئېل دىگەنلەرنى ئۈگەندىم . ئانچە مۇنچە بەرسىلەرنى قىلالىغۇدەك بولدۇم، دادامغا قىلغان نەرسىلىرىمىنى كۆرسىتىپ قويۋىدىم شۇنداق خوش بوپ كەتتى، مەن دادامنىڭ خوش بولغىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمگە ئاز تولا بولسىمۇ ئۈمىد پەيدا بولدى، بىر كۈنى بازار ئايلىنىۋىتىپ ئۆزۈم يالغۇز ( مىنىڭ ئەھۋالىم شۇنداق بولغاچقا مەن باشقا بالىلار بىلەن ئارلاشمايتتىم) بىر بىنانىڭ ئۈستىدىكى ئېلان شۇندا ياراپ كەتتى ئىچىملىك ئېلانى ئىكەن قارىسام بىر قولىدا توپ يەنە بىر قولىدا ئوت شۇنداق ھەيۋەتلىك ئاندىن ئىچىملىكنىڭ رەسىمىۇ ئىچىملىك سۇلىرىنىڭ ئارسىدىن ئتىلىپ چىققان شۇنداق ھەيۋەتلىكتە، پاھ دەپ قالدىم ئىچىمدە بۇنى قايسى سېستىمىدا قىلغاندۇ مەنمۇ شۇنداق قىلالامەنمۇ دىگەن ئويغا كەلدىم، مەكتەپكە قايتىپ مۇئەللىمدىن سورىدىم، مۇئەللىم : پوتوشۇپتا لاھىيلىگەن ئېلانكەن ، دىدى . شۇنىڭ بىلەن مەندە بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولدى.......
داۋامى : كىيىنكى يازمىدا
ئاپتور : تەلەي 365

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى باھايىڭىزنى تاللاپ باقمامسىز ؟

قالتىسكەن ياخشى ئادەتتىكىچە پايدىسىز چۈشەنمىدىم ئەخلەت

ئاپتور « تەلەي365» ھەققىدە

تەلەي365
  • تەلەي365، مەن سىزنىڭ 365 كۈن تەلەيگە يولۇقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ تەلەي365 دىگەن نام بىلەن بۇ بىلوگدا سىزگە ئەسەر يوللاۋاتىمەن، مەن ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى ئۈگنىشكە بەك ئامراق، ئارام ئالماي توردىن دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىپ قويىمەن، مەن لاھىيە ساھەسىدە mx سىتۇدىيىسى نامىدا، سەنئەت ساھاسىدە بولسا، شەپەق نامىدا، ئەدەبىيات ساھەسىدە بولسا تەلەي 365 تەخەللۇسى بىلەن سىز بىلەن ئۇچرىشىمەن

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 2 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. تەلەي365 2014-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئاپلا مۇئەللىمكا ئاۋۇ گەپنى ئەمدى ئىنكاس رامكىسىغىمۇ چىقىرىۋىتىپسىزغۇ :smile:

    2. تەلەي365 2013-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىمكا ئاۋۇ يەردىكى ئاپتور ھەققىدە دىگەن يەر بىكار تۇرسىمۇ چىرايلىق تۇرمايدىكەن .

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !