ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەھلى جامائەت ، بۇ گەرچە ھەقلىق بولغان دېتال بولسىمۇ ، تورئارلاپ يۈرۈپ بايقاپ قالدىم .
بۇدېتال بولسا پوتوشوپتا ئۇسلۇب لايىھىلەپ ، لايىھىلەنگەن ئۇسلۇبنى بىۋاستە ئۇسلۇپ ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ، سىزنىڭ php,css,تىللىرىنى پىششىق بىلىشىڭىز ھاجەتىسىز ، سىز پەقەت photoshopنى بىلسىڭىزلا ، ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئۇسلۇبنى ئۆزىڭىز لايىھىلەپ ياسىيالايدىكەنسىز، مەن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم . ھەقىقەتەن ياخشى دېتالكەن. ۋاقىت سەل قىس بولغاچقا ئۆزۈم ئۇسلۇب تۈزۈپ باقمىدىم، ھەقسىز نۇسخىسىدا سىز ئۇسلۇب ھۆججىتنى ساقلىيالمايدىكەنسىز، ئەمما سىز بوشلۇقىڭىزغا بىۋاستە يوللىيالايدىكەنسىز، ئەمما بوشلۇققا يوللىغاندا ئىھتىيات قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى مەن بۇ دېتالدا بوشلۇققا ئۇسلۇب يوللاپ سىناپ باقمىدىم، پەقەت قوزغىتىپ ئانچە مۇنچە ئېتىشىپ باقتىم، قىلىپلىرى باركەن ئۆزگەرتىپ باقتىم، خالاس....
قىزىقسىڭىز سىزمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
بۇ بەتكە كىرگەندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىپ ئەسلى ئادرستىن چۈشۈرۈڭ ؛
چۈشۈرۈپ ، سىناپ باقايچۇ ......
ھۆججەت سىغىمى :27.85MB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2014-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى:ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈش | بەيدۇدىن چۈشۈرۈش
ئاپتور : تەلەي
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى 9:02 چۈشتىن كېيىن تەخىت
بولىدىغان قىستۇرمىكەن ، ئەمما قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىم ، قاچىلاپ ئۆزى تەمىلىگەن پ س د رامكىنى تەھىرلەپ باقتىم، لىكىن قانداق چىقىرشنى بىلمەيۋاتىمەن ، ساقلىۋالغىلى بولغان بولسا بەك ئىسىل ئىشتىن بىرسى بولاتتتى .
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى 2:52 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
تەكلىپىم ئىنكانبار photoshop cs3 تىن يۇقۇرى نەشىرىگە قاچىلاش كىرەككەن سىزنىڭ قىتىشىڭىز ھاجەتسىز پەقەت سىز قاچىلاش پىراگراممىسىنى قاچىلىسىڭىز، ئۆزى قىتىلىدىكەن.
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى 2:49 چۈشتىن بۇرۇن پەگاھ
بولسا مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ ئۇسلۇپ ياساپ باققان دوستلىرىمىزنىڭ ئىنكاسىنى ئايمىز قالدۇرۇپ قويشىنى ئۈمىد قىلىمەن چۈنكى مەن بۇ دىتالدا ئۇسلۇپ ياساپ باقمىدىم، ئەمما ئۈنۈمىنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:37 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
چەتئەللىكىنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوق .قىنى سىناپ باقايلى
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى 9:40 چۈشتىن بۇرۇن 5-قەۋەت
ماندا ئىشلامۇ چىقىپتۇدە ئەمدى!