بارماق دېسكا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى ، سىغىمىنىڭ بارغانسىرى ئېشىشى بىلەن ھەر بىرىمىزنىڭ يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان مۇھىم نەرسىلىرىمىز قاتارىغا قوشۇلدى . نۆۋەتتە ئىشلىتىدىغان مۇھىم ھۆججەتلەر ، سېستىما قاچىلاش ئىشلىرىدىمۇ بارماق دېسكىدىن ئايرىلالمايمىز .
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغۇچىلار ۋە ئۇسلۇپ گۈزەللەشتۈرگۈچىلەر ئادەتتە كومپىيۇتىردا يەرلىك مۇلازىمىتىر قۇرۇش ئارقىلىق PHP مۇھىتى ھازىرلاپ ، تەرجىمە قىلغان ياكى گۈزەللەشتۈرۈۋاتقان ئۇسلۇبلىرىنى سىناش ئىشلىرىنى ئېلېپ باراتتى .
بەزىدە خىزمەت ئورنىمىزدىمۇ ئۇسلۇب ئىشتىياقىمىز تۇتۇپ قالسا ، ئۆيدىكىنى كۆچۈرۋالمىغان بولساق ، «ھەي...............»دىن نەچچىنى دەپ سالىدىغان گەپ ، خۇددى ماڭا ئوخشاش .
شۇ كۈنلىرىمدە ، بارماق دېسكىدا مۇلازىمىتىر قۇرۇش دېتالى ئۇچراپ قالدى ، دېسە . سىلەرگە تەۋسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى ، بىر ھەپتە راسا سىنىدىم ، ئۇجۇر-بۇجۇرىگىچە . سەۋەبى ، سىلەر ئىشلىتىش جەريانىدا قېيىنچىلىققا ئۇچرىساڭلار دادىل مەيدانغا چىقاي دەپ ، ئاخىرى سىناقتىن ئۆتتى .
دىتال ھەققىدە :
دېتال نامى :USBWebserver
سىغىمى : 18.85MB
ئىجرا مۇھىتى : WIN XP , WIN 7 (مەن پەقەت مۇشۇ ئىككىسىدە سىناپ باقتىم )
ئالاھىدىلىكى : سىغىمى كىچىك ، قوزغىلىشى تىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە . قاچىلاش كەتمەيدۇ . دېتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ، پىرىستىن يېشىپ ، بارماق دېسىكىغا كۆچۈرۈپ ، «usbwebserver.exe»ھۆججىتىنى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولدى .
دېتال قوزغالغاندىكى كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرى :
ئەسكەرتىدىغان ئىشلار :
1.بارماق دېسكا نامىنىڭ ئىنگىلىسچە بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ .مەسىلەن :«www»دېگەندەك .
2.wordpressسېستىمىسىنى «root dir»ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە قاچىلاڭ . يەنى رەسىمدىكىدەك :
3.ئەگەر ئىغىزنى «80»دەپ بىكىتكەن بولسىڭىز ، «http://localhost/wordpress»ئارقىلىق سىناڭ ، ئەگەر ئىغىزنى «8080»دەپ بىكىتكەن بولسڭىز ، ئۇنداقتا «http://localhost:8080/wordpress»ئارقىلىق سىناڭ .سىناق جەريانىدا :
رەسىمدىكىدەك تاللاشنىڭ بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ ، ھەر ئىككىلىسىگە توغرا بەلگىسى قويۇلغان بولسا ، مۇلازىمىتىر نۇرمال دىگەن گەپ ، ئەگەر ئۈندەش بەلگىسى چىقىۋالسا ، ئىغىزنى ئۆزگەرتىڭ ......
دېتالنى چۈشۈرۈش:
خەيىر ، سىزگە ئامات تىلەيمەن ، ئۆيدە چالا قالغان ئۇسلۇب ئەمدى ئىشخانا ۋە تورخانىدىمۇ پۈتىدىغان بولدى-دە !
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:03 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
بۇمۇ ئىنتايىن قۇلايلىق بوپتۇ ، ئىشتىن سىرىت توربەت ياسايدىغانلارغا ، ئىشخانىدا بىكار قالسا قىلدىغان ئىش چىقپتۇ .
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:43 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بەلەن يازما. ھەقىقەتەن قولايلىقتە بۇ.
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:53 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@قاسىمجان @قاسىمجان شۇنداقكەن ، مەنمۇ مەكتەپتە دائىم مۇشۇنى .ئىشلىتىمەن .
2014-يىلى 02-ئاينىڭ 12-كۈنى 6:52 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
چۈشۈرەلمىدىم
2014-يىلى 02-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:21 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@يالمان چۈشۈرۈش ئادرسىنى يىڭىلاپ قويدۇم ، قايتا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 5:04 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
ئەمسە بىر كۆسىتىپ قويسىلا بوپتىكەن كود كود 1114096623
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 6:45 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىپ باقتىم ئۇبدانكەن لىكىن مەن بۇنى قاچلاپ يۇيۋىتىپ ئۇيغۇر ۋېبىنى قاچلاپ يەرلىك قىلسام نۇرمال ئەمەس مۇشۇ توسقۇنلۇق قىلدى شۇڭا ماڭا ياردەم قىلساڭلار ئاللاسىلەردىن رازى بولسۇن ئۇستازلار
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 6:56 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@قەلىب210 ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئىشلەتكىنىڭىز ۋىندوۋس 7 ما؟
ئەگەر ئۇنداق بولسا ، يەرلىك مۇلازىمىتىر قۇرۇشتا باشقا دېتال ئىشلىتىڭ . مەسىلەن : WampServer2.1 ….بۇ بولىدىغان دېتال . ئادەتتە مەنمۇ مۇشۇنى ئىشىلىتىمەن .
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى 3:21 چۈشتىن بۇرۇن 6-قەۋەت
نىمانداق ئېسىل گەپ بۇ،بەك قولايلىق ئىش بولدى.
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 08-كۈنى 2:58 چۈشتىن بۇرۇن 7-قەۋەت
بەك بەلەن دىتالكەن ،مەن ھەتتا كومپىيۇتىردىمۇ مۇلازىمىتىر قۇرالماي يۈرەتتىم،ئەمدى ئاسانغا توختايدىغان بولدى!