نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
بېكەت تەستىق نۇمۇرىغا ئاپتۇماتىك ئېرىشىش
2014-يىلى02-ئاينىڭ16-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 1731خەت بار | 270 قىتىم كۆرۈلدى+ | 4پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
نۆۋەتتە كۆپلىگەن تور بېكەتلەر قانۇنلۇق بولۇش ھەمدە دۆلەت ئىچى بوشلۇقلىرىنىڭ تىز ھەم مۇقىملىقى شۇنداقلا تور بېكەت ئاچقۇچىلاردىن تور بېكەت تەستىقنامىسى بىجىرشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك ، تور بېكەت تەستىقى بىجىرىۋاتىدۇ . بۇنداق بولغاندا بېكىتىڭىز قانۇنلۇق تىزىمغا ئېلىنىپ ، دۆلەتنىڭ ئۇچۇر باشقۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نېزاملىرىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن ئاساستا كەڭ تور ئابۇنىتچلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ .
ئادەتتە ھەر بىر تور بېكەت تەستىقنامىسدا تەستىق نۇمۇرى بولىدىغان بولۇپ ، بىز ئادەتتە بۇ تەستىق نۇمۇرىنى بېكەت ئاستى قىسمىدا خاتىرلەپ ، كۆرسىتىپ قويىمىز .
تور بىكەت تەستىق نۇمۇرىنى بىۋاستە يېزىپ قويۇشقىمۇ ياكى تور بىكەت تەستىقلىغۇچى ئورگان تور بېكىتىدىن تارتىپ چىقىرىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ . بۇ يەردە سۆزلەيدىغىنىممۇ دەل تارتىپ ئىشلىتىش توغرىسىدا بولىدۇ .
تارتىپ ئىشلەتكەندە رەسىملىك ياكى يېزىق ھالىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ . بۇنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :

رەسىملىك ھالەتتە كۆرسىتەي

تۆۋەندىكى كودنى بەت ئاستى ھۆججىتى (footer.php) نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :

  1. "http://icp.aizhan.com/" target="_blank">"http://icp.aizhan.com/geticp/?host=بۇ ئورۇنغا تور بېكەت نامىڭىزنى يېزىڭ (http ۋە wwwنى قوشماڭ )&style=2" style="width:126px;height:41px;border:0;" />  

يېزىق ھالىتىدە كۆرسىتەي

تۆۋەندىكى كودنى بەت ئاستى ھۆججىتى (footer.php) نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :

  1. "http://icp.aizhan.com/" target="_blank">"text/javascript" src="http://icp.aizhan.com/geticp/?host=بۇ ئورۇنغا تور بېكەت نامىڭىزنى يېزىڭ (http ۋە wwwنى قوشماڭ )&style=1" charset="utf-8">  

ئەسكەرتىش

مەيلى رەسملىك كۆرسىتىش ياكى يېزىق ھالىتىدە كۆرسىتىشنى تاللاڭ ، تو بېكەت نامىنىڭ يېزىلىشىغا دىققەت قىلىڭ ، مەسلەن : كود ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئورنىغا muellim.me شەكلىدە يېزىڭ ، ھەرگىزمۇ ۋە www.muellim.me شەكلىدە يازماڭ .....
ئۈنۈمىنى مۇئەللىم بىلوگىنىڭ بەت ئاستىدىن كۆرۈڭ .

كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن
بىلوگ يازمىلىرى ئىككىلىك كودى !

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 4 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :3 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. ھاجى 2014-يىلى03-ئاينىڭ02-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ھارمىغايسىز…
      «بۇنداق بولغاندا بېكىتىڭىز قانۇنلۇق تىزىمغا ئېلىنىپ ، دۆلەتنىڭ ئۇچۇر باشقۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نېزاملىرىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن ئاساستا كەڭ تور ئابۇنىتچلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ .» ماۋۇ توغرىسىدا تەپسىلىيراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بىلىۋالساق؟

      Google Chrome 31.0.1650.63Windows 8.1
    2. دوغاپ 2014-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      قولدا يېزىپ يۈرمەيدىغان ئىش دەڭە ئەمدى!

      Google Chrome 33.0.1750.27Windows 8.1
      • مۇئەللىم 2014-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        شۇنداق ، مەن ئىككى بوشلۇققا ئىككى بۇرادەرگە تەستىق بىجىرگەن ، ئۇلار تىلىفۇنغا كەلگەن ئۇچۇرغا دىققەت قىلمىدىمۇ ، ئەيتاۋۇر ھازىرغىچە تەستىق نۇمۇرىنى بىلەلمىگەن ئىدىم . بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىۋاستە ئېرىشكىلى بولىدىكەن ھەمدە تەستىق بىجىرگۈچىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى بەت ئاستى تەستىق ئۇلانمىسىنى چىكىش ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدىكەن . :smile:

        Google Chrome 32.0.1700.107Windows 8.1
        • سالىھ بىگ 2014-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى |  2-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

          مەن ئاستىنى بسىپ تور بىكىتىمنى ئىزدەپ باقسام ئۇندا نەسىنى ئامماپتىمەن . :razz: . تەستىق ئىلىش كىرەك بوشلۇقلار قىممەتمۇ قانداق مۇئەللىمكا مىنىڭچە .

          Google Chrome 21.0.1180.89Windows XP

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !