نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
ئەخلەت ئىنكاس (spam) نى توسۇش (1)
2014-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 1799خەت بار | 121 قىتىم كۆرۈلدى+ | 3پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress تە قۇرۇلغان بىلوگلاردا ئەخلەت ئىنكاسنى (spam) توسۇش ھەقىقەتەن باشنى قاتۇرىدىغان قېيىن مەسىلە . تەستىق نۇمۇرى ئارقىلىق تىزىملاش ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ ياكى ، ئىنكاس يېزىش رايۇنىغا «سىيىرىلما ھالەتتە قۇلۇپلاش» قىستۇرمىسى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ بەرىبىر ئەخلەت ئىنكاسلاردىن قۇتۇلالمايمىز . يۇقارقى ئۇسۇللار تىزىملاش جەدىۋەللىرىنىڭ ئەخلەت ئىنكاس ماشىنىلىرى ئارقىلىق ئاپتۇماتىك تولدۇرلىشىنى كونتىرۇل قىلسىمۇ ، ئەمما ئەخلەت ئىنكاسلارنى يەنىلا توسالمىدى .
ئەخلەت ئىنكاسلارنىڭ ئىزچىل بۆسۈپ كىرىشىدىكى سەۋەب نېمە ؟ ئەمەلىيەتتە ئەخلەت ئىنكاس ماشىنىلىرى تىزىملاش جەدىۋەللىرىنى توشقۇزۇش ئارقىلىق ئەخلەت ئىنكاس يوللىماستىن بەلكى ، WordPress بېكەت سىستېما ھۆججىتى ئىچىدىكى wp-comments-pos.php ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك ئوقۇش ئارقىلىقلا ئاپتوماتىك ئەخلەت ئىنكاس يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .
spam نىڭ پىرىنسىپى مانا مۇشۇنداق ، بۇنداق ئەھۋالدا بىز wp-comments-pos.php ھۆججىتىنىڭ ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ، ئەخلەت ئىنكاس ماشىنا ئادىمىنىڭ ئەخلەت ئىنكاس يوللاشتىكى كىرىش ئىغىزىنى توسۇۋىتىش ئارقىلىق ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئەخلەت ئىنكاسلارنىڭ ھۇجۇمىنى تۇسىيالايمىز .
مەشغۇلات جەريانى تۆۋەندىكىچە :

ئەخلەت ئىنكاسلارنى توسۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر

  • Wordpress سىستېما ھۆججەتلىرى غول مۇندەرىجىسىدىكى wp-comments-pos.php نىڭ نامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قويۇڭ ، مەسىلەن : spam-pos.php دېگەندەك .
  • ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ، ئىنكاس قىلىپ ھۆججىتى comments.php ئەسلىدىكى wp-comments-pos.php تاپالماسلىق سەۋەبىدىن خاتالىق كۆرۈلۈشى تۇرغانلا گەپ ، بۇ ۋاقىتتا يەنە ئىككىلەنمەي wordpress/wp-includes/comment-template.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ، wp-comments-pos.php ھۆججەت نامىنى ئىزدەپ تېپىپ ، بۇ ھۆججەت نامىنى بايىقى ئۆزگەرتكەن ھۆججەت نامى spam-pos.php غا ئالماشتۇرۋىتىڭ .

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن ئەخلەت ئىنكاسلاردىن قۇتۇلىسىز . ئەخلەت ئىنكاسنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى wp-comments-pos.php ھۆججىتىنى ئۇسلۇب ھۆججەتلىرى مۇندەرىجىسىگە يۆتكىۋىتىش . بۇ خىل ئۇسۇلنى كېيىنكى يازمىمىزدا تەپسىلى تونۇشتۇرىمىز . ھازىرچە مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ ئۈنۈمىنى كۆرگەيسىزلەر .

كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن
بىلوگ يازمىلىرى ئىككىلىك كودى !

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 3 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. ئۇيغۇرجان 2014-يىلى04-ئاينىڭ11-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مەن باھا قارا تىزىملىكى بىلەنلا توسۇپ قويدۇمغۇ دەيمەن
      ئىشقىلىپ جىمىپلا كەتتىغۇ بۇ پەرەڭلەر :grin:

      Google Chrome 33.0.1750.154Windows XP
    2. سالىھ بىگ 2014-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئەخلەت ئىنكاسنى توسساق باشقا خاتالىق ياكى بىرەر ئىش چىقماسمۇ .

      Google Chrome 33.0.1750.149Windows 7
      • مۇئەللىم 2014-يىلى04-ئاينىڭ08-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        @سالىھ بىگ : ئۇنداق بولمايدۇ ، سىز ھۆججەتنىڭ نامى ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ ھۆججەتنى ئىجرا قىلىشتا تەلەپ قىلىدىغان ھۆججەت ئىچىدىكى نامىنىمۇ ماس قەدەمدە ئۆزگەرتىسىز ئەمەسمۇ ! :smile:

        Google Chrome 33.0.1750.154Windows 7

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !