ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ( ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ)

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ﺑﺎﻻﯓ ﺋﺎﺯﺳﺎ ﺋﺎﮬ ﺋﯘﺭﻣﺎ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ .
ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.
ﺧﺎﺗﺎ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻦ.
ﺋﯚﺯﻯ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮﻛﯘﻧﻰ.

ﮔﻪﺩﻩﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﮬﯩﭽﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ.
ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.
ﺋﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﺎﺳﺎﯞ ﺗﺎﻱ ﮬﻪﺭﻳﺎﻥ ﭼﺎﭘﺴﺎ ﭼﺎﭘﻤﺎﻣﺪﯗ.
ﺋﯘﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.

ﺋﺎﻗﻨﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ.
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯘﮬ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ.
ﭼﯩﻠﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺟﯩﻢ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻰ.

ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺗﻮﻗﺎﭺ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﻳﻪﯞﻩﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ.
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻧﺎﻥ ﻳﺎﻗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﺎﺭ،
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﻱ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮﻛﯘﻧﻰ.

ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﺎﻻﻱ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ،
ﺋﯘﻻﺭ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﺪﻩ ﺳﯘ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.
ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﯗﺯﻧﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ،
ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﮕﻪﺭﻟﻪﭖ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،

ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﭼﺴﺎ،
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﮕﻪ ﺑﺎﻻﯕﻤﯘ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﭼﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،
ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﭖ،
ﯮﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﯨﯔ ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﺗﻮﻥ ﻳﺎﭘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.

ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﯓ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ،
ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﻣﻪﻳﺪﻩﯕﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﺗﺎﻗﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﺴﻪﯓ ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﻳﺎﺧﺸﯩﻨﻰ،
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯗﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :2   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   2   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   0 پارچە

  1. چاشقان 1

    مۇئەللىم، ھازىرغىچە سىزنى ساقلاپ ئولتۇرىمەن

  2. نوقۇت 2

    دۇنيادا ئاتا- ئانلاردەك كەڭ قورساق ئادەم بولمسا كېرەك

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: