مېغىزلىق بىر جۈملە سۆز

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئوتتۇرا ئەسىردە، ياۋرۇپادا دانا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ دائىم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ۋەزىر-ۋۇزۇرالىرىنى چاقىرىتىپ ئۇلارغا: «كۆپچىلىك سىلەرنىڭ ھەرقانداق مەسىلىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدىغان مېغىزلىق بىرجۈملە سۆز تېپىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن، شۇ بىرجۈملە سۆزبىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگىدەك بولسۇن» دەپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇتەلىپى ۋەزىرلەرگە تولىمۇ تەس كەپتۇ، ئۇلار چوڭقۇر باش قاتۇرۇپتۇ، ئۇيان ئويلاپتۇ-بۇيان ئويلاپتۇ، ئاخىرى ھەممىسى ئىلاجىسىز قاپتۇ.
دەل شۇ پەيتتە، پاكار بويلۇق، ئاپئاق چاچلىق بىر ئۆلىما پادىشاھنىڭ يېنىغا كىلىپ قاتلاغلىق بر ۋاراقچىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ، ئىھتىرام بىلەن ئۇنىڭغا: «ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى، بۇ ۋاراقچىغا بىر جۈملە سۆز يېزىلغان، ئۇ سىلىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس» دەپتۇ.
پادىشاھ ۋاراقچىنى ئاچاي دەپ تۇرىشىغا ئۆلىما دەرھاللا:«ئالىيلىرى، بۇنى ھازىر كۆرمىسىلە، سىلى ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇپ، ھەقىقەتەن مەسىلىنى ھەل قىلىش زۆرۈر بولغاندا ئاندىن كۆرسىلە. شۇچاغدا، ئوبدان ئويلانسىلىلا ئۇنىڭ سىلى دىگەندەك مېغىزلىق بىر جۈملە سۆز ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدىلا.» دەپتۇ. پادىشاھ بىرئاز ئويلانغاندىن كىيىن، ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ باش لىڭشىتىپتۇ ۋە ئۇ ۋاراقچىنى ناھايىتىمۇ چىرايلىق بىر ھەميېنىغا سېلىپ ساقلاپتۇ.
نەچچە كۈن ئۆتمەي پادىشاھنىڭ بۇ دۆلىتىگە خوشنا دۆلەت تاجاۋۇزقىپتۇ. پادىشاھ قوشۇنلىرىنى باشلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئاتلىنىپتۇ. ھەش-پەش دېگىچە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق باشلىنىپ ھەممە ياققا ئۇرۇش ئوتلىرى يامىراپتۇ. ئەپسۇسكى، كەسكىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى پادىشاھقا بارغانسىرى پايدىسىز بولۇپتۇ، كەينى-كەينىدىن مەغلۇب بولۇپ كۆپلىگەن زىمىنلىرىدىن ئايرىلىپتۇ. بىر قېتىمقى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، پادىشاھ قوشۇنلىرىنى باشلاپ دۈشمەن بىلەن ئۈچ كىچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ ئاخىرى تەڭ كىلەلمەي مەغلۇب بولۇپتۇ. ئۇلار كەشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغىمۇ قارىماي قېچىپتۇ. دۈشۈمەن قوشۇنلىرى غەلبىسىرى قوغلاپ زەربە بىرىپ ئۇلارنى زادىلا بوش قويىۋەتمەپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ ئاتلىق يالغۇز قېلىپ بىر تاغ يولىنى بويلاپ قېچىپتۇ. توساتتىن تىك يارغا كىلىپ قېلىپ پادىشاھنىڭ ئېتى ماڭماي تۇرىۋاپتۇ. ھالاكەت گىرداۋىدا تۇرغان ئۇنىڭغا ئارقىدىن قوغلاپ كىلىۋاتقان دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ گۈپۈرلىگەن تۇياق ئاۋازى بارغانسىرى ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ، پادىشاھ كۆزلىرىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئاپتۇ، ياشلىرى مەڭزى بويلاپ ئېقىپتۇ. ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم چامدىسا ھەممىنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىنى بىلەتتى.
شۇ ئەسنادا ئۆلىمانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋاراقچىسى يادىغا يىتىپتۇ-دە، يانلىرىنى سىلاشتۇرۇپ ئۇ ۋاراقچىنى ئېچىپ قاراپ، ۋاراقچىدا «ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ» دەپ يېزىلغان بىرجۈملە سۆزنى كۆرۈپتۇ.
پادىشاھ ئۇخەتنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇپتۇ، تولىمۇ ئاددى بۇ سۆزدىن ئۇ بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئالدانغاندەك ھىس قىپتۇ. ئەمما بىردىنلا: شۇنداق، ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ! تېخى ئالدىنقى كۈنىلا شاھلىق تەختىمدە سەلتەنەت سۈرىۋاتقان ئىدىم، ۋاھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرچۈشكە ئايلاندى، جاننى ساقلاپ قالىمەن دەپ، ئىگىسىدىن ئايرىلغان لالما ئىتتەك يەككە-يىگانە قالدىم. ئەمما، يوقالغان شانۇشەۋكەتلىرىمگە ئوخشاش كۆز ئالدىمدىكى بۇ مۈشكىلاتلارمۇ چوقۇم ئۆتۈپ كىتىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. شۇنداق دەپ، پادىشاھنىڭ كۆڭلى تەسكىن تېپىپتۇ. بىرئازدىن كىيىن، بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقان دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازىدىن ئۇلارنىڭ باشقا ياققا قوغلاپ ماڭغانلىقىنى، دۈشمەنلەرنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاشقىنىنى بىلىپتۇ......
پادىشاھ بەل قويىۋەتمەپتۇ، ئۇ مەغلۇب بولغان قوشۇنلىرىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، ئاۋامنىڭ ياردىمىدە جەڭ قىلغانسىرى كۈچلىنىپتۇ، ئاخىرى تارتقۇزۇپ قويغان زىمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. پادىشاھ نۇسرەت قۇچۇپ ئوردىغا قايتقىنىدا، ئاۋام خەلق يولنىڭ ئىككى قاسنىغىدا ئۇنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ، كۆپچىلىك شادىمانلىقتا ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ، پۈتكۈل شەھەر قاينام تاشقىنلىققا چۈمۈپتۇ.
جەڭ ئېتىغا مىنىپ كوچىدا مەردانە كىتىۋاتقان پادىشاھقا تۈمەن مىڭلىغان خەلق تۇشمۇ-تۇشتىن تەنەنتەنە قىلىشىپ گۈللەرنى تەقدىم ئىتىپتۇ. شۇ ئارىدا، پادىشاھ ئۆزىنى ئەڭ باتۇر جەڭچى، ئەڭ بۈيۈك شاھزادە ھىسقىلىپ كۆرەڭلەپ كىتىپتۇ. ئۇ خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئەتىراپتىكى كىشىلەر توپىغا قول پۇلاڭلىتىپتۇ، ئۇ ۋە ئاۋام ئۇرغۇپ تۇرغان غەلبە خوشاللىقلىرىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ.
دەل مۇشۇ پەيتتە، پادىشاھ توساتتىنلا ھېلىقى ۋاراقچىنى ئىسىگە ئاپتۇ ۋە خۇددى بەدىنىگە چوغ تەگكەندەك قاتتىق چۈچۈپ ئۇ ۋاراقچىنى ئېلىپ ئوقۇپتۇ: ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ!
ھەش-پەش دېگىچە پادىشاھنىڭ كەيپىياتى خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كىتىپتۇ، مەغرۇرلىنىش ھىسياتى ئىھتىياتچانلىققا ئۆزگۈرۈپتۇ. شۇنداق، نۇسرەت قازانغان بولساممۇ، ئەمما بۇمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ. شۇڭا ھازىرقى غەلبە مىۋىسىنى ساقلاپ ئاداققىچە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن دەيدىكەنمەن مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، سۇ كەلگىچە تۇغان سېلىشىم كېرەك.
شۇنداق ئويلاپ، پادىشاھ دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ئوردىغا قايتىپتۇ. ئۇ ئۇستا ھۈنەرۋەن تەكلىپ قىلىپ ئوردىنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يىرىگە ۋاراقچىدىكى شۇ بىرجۈملە سۆزنى ۋىۋىسكا قىلدۇرۇپ ئېسىپتۇ. ئارقىدىن، ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەسكەرلەرنىڭ ھەرقاچان ھۇشيار تۇرىشى، داۋاملىق مەشىق قىلىپ ئۆز ئائىلىسى ۋە دۆلىتىنى قوغىداش ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپتۇ.
شۇندىن كىيىن، پادىشاھ ئوڭۇشسىزلىققا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا مۇشۇ بىرجۈملە سۆز بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بىرىپتۇرىدىكەن، تىرىشىدىكەن، پايدىسىز ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىدىكەن؛ ئەگەر ئۇتۇق قازانسا، غەلبە قازىنىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ۋە پىلانلىرىنى پۇختا ئىگىلىدىم دەپ بىلگىنىدە، پادىشاھ يەنە مۇشۇ سۆزبىلەن ئۆزىنى قىلچىمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىق، ئىھتىيات بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن.
مەنبە:مىسرانىم تورى

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    A+
يوللانغان ۋاقتى :2014-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى  | سەھىپە : تەۋسىيەلەر
خەتكۈش :

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :2   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   2   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   0 پارچە

  1. قاغىلىق ئوغلى 0

    ياخشى ماقالىكەن :wink:

  2. نۇر 0

    ھەقىقەتەن مېغىزلىق بىر جۈملە ئىكەن، مەغلۇب بولغۇچىغا تەسەللىي، زەپەر قۇچقۇچىغا ئاگاھلاندۇرۇش بولالايدىكەن!

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: