ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
كۆزۈم،سېنى ئالدىغىم يوق...
باھارنىڭ چىرايلىق چېچەكلىرىگەتىكىلىپ قارىغىنىڭدا كۆزلىرىڭنىڭ يېلىنجاپ كەتكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي ئامالىم يوق. سېنىڭ ئۆزۈڭلا ئېتراپ قىلىپ سۆزلەيدىغان سۆزۈڭ باھار قۇشلىردەك چاڭىلداپ تۇرىدۇ.
سۆزلەيدىغان كۆز توغرۇلۇق ئاشىقلار بىلەن سۆزلەشسەڭ، سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنداقلا بۇلاق كۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇلدۇقلايدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن.
كۆزۈم ،ېنى ئالدىغىم يوق...
باھارنىڭ تولۇن ئېيىدا ئۆزىنىڭ تەنھا سايىسنى چۆرگىلىشىڭ سېنى بىئارام قىلمايدۇ؟ ئاي ئۆزىدە بار سېھرىنىڭ ھەممىسنى ئاشكارىلاپ، سېنى تېپىرلىتىپ قويدى. شۇ قەدەر گۈزەل كېچىدە بۇ يەردىكى ئېچىرقىغان تەنھالىق چىدىماستىن تىپىرلاپ سەكرىمەكتە.
جىمجىت كېچىدە جىمجىت ماڭغان تەن. زارىقىۋاتقان كۆز ۋە بۇلدۇقلايدىغان قان سەممىسى بىللە ماڭماقتا.
ئاي ھەر قېتىم پەيدا بولغاندا ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى بىرەر قېتىملىقى بىلەن ئوخشاش دېگەن ھېسىسىياتىنى بەرگەن ئەمەس.
سۈرلۈك كېچىدە جىمجىت ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنچەلەيلەۋاتقان ئاي كۆزىنىڭ يېلىنجىشىدا ئۆزىنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا. سۆزلەيدىغان كۆز ئۇزاققىچە ئاينىڭ تىلىدا پىچىرلاپ چىقتى.
ئايغا قادالغانچە تۇرغان كۆز، چىراغ نۇردەك چاقنايدىغان كۆز ئۆزىنىڭ بارلىق سېھرى بىلەن ئايغا نۇرىنى سەپمەكتە.
كۆزۈم،سېنى ئالدىغىم يوق...
جىمجىتلىقتىن جىجىتلىققىچە تالاي مۇساپىلەر بار. كۆز، ھىجران بىلەن ئوتلۇق-ئوتلۇق سۆزلەيدىغان كۆز كۆزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن توختىماي سۆزلىمەكتە.
كۆزۈم...
ئادەم كۆزىدە يېلىنجايدىغان كۆز.
- ئاپتور : مۇئەللىم
- سەھىپە : تەۋسىيەلەر
- باھا سانى : يوق
- ۋاقىت : 6 - ئاپرېل
ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە
يازما ئۇچۇرلىرى
- بۇ يازمىنى مۇئەللىم بىرلىك: 1 يىل ئىلگىرى تەۋسىيەلەر سەھىپىسىگە يوللىغان | ئىشلەتسىڭىز ئەسكەرتىڭ : سۆزلەيدىغان كۆز | مۇئەللىم بىلوگى
- خەتكۈش : كۆزيېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-يىلى 6-ئاپرېل