WordPress پارولىنى بەزى چاغلاردا ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز. بۇندا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ پارول قايتۇرۇۋالساق بولىدۇ.
1. ئىلخەت ئارقىلىق قايتۇرۇپ ئەكىلىش:
ئەگەر بوشلۇقىڭىز ئىلخەت يوللاشنى قوللىسا، سىز ئارقا سەھنىگە كىرىش رايونىدىن پارول قايتۇرۇشقا كىرىپ ئىلخەتتىن ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
2.سانداندىن ئۆزگەرتىش:
ئەگەر بوشلۇقىڭىز ئىلخەت يوللاشنى قوللىمىسا، بوشلۇق ئارقا سۇپىسىدىن phpMyadmin ئارقىلىق ساندان باشقۇرۇشقا كىرىپ، wp_users دېگەن جەدۋىلىنى ئاچىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، قېرىنداشنىڭ بەلگىسىنى بېسىپ تەھرىرلەش بېتىگە ئۆتىمىز.
ئاندىن user_pass قىممىتىنى 5d41402abc4b2a76b9719d911017c592 قىلىپ ئۆزگەرتسەك، پارولىمىز hello غا ئۆزگىرىدۇ.
3. دوغاپ بلوگى تەمىنلىگەن پارول ئۆزگەرتىش دېتالىنى ئىشلىتىش:
ئەگەر يۇقارقىلارنىمۇ قالماشتۇرالمىسىڭىز، دوغاپ بلوگى تەمىنلىگەن پارول ئۆزگەرتىش قورالىدىن پايدىلىنىڭ. بولاق ئىچىدىكى php ھۆججىتىنى wordpress غول مۇندەرىجىسىگە قويۇپ، ھۆججەتنى تور كۆرگۈچتە زىيارەت قىلىسىز. زىيارەت ئادرىسى مۇنداق شەكىلدە: http://tornamigiz.com/resetpwd.php
چۈشۈرۈش ئادرىسى: بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئالامەت ئۇسلۇبكەنغۇ ماۋۇ… ھې ھې
شۇشۇ، ئالامەت بولۇپ قالدى بۇ ئۇسلۇب…
چ چ قانچە؟
402143662
خاتامۇ قانداق
توغرىلاپ قويدۇم…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بىلوگگىر دوستلار !
ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بىر مەزمۇن قالغاندەك ، يەنى ؛ بۇ قورالدىن پايدىلانغۇچىلار پارۇلنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ، ياكى بۇ قورالنى بوشلۇقتىن ئۆچۈرۈپ تاشلىشى ياكى نامىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشى كىرەك .
يامان نىيەتلىكلەر سىزنىڭ بوشلۇقىڭىزدا بۇ قورالنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالدىمۇ ؟ بولدى تۈگەشتىڭىز ، ھىچقانداق قىلالمىغان تەقدىردىمۇ ، سىزنىڭ قان تەرىڭىز سېڭگەن بارلىق يازما ۋە ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسا ، سىز مىڭ يىغلىغىنىڭىز بىلەن بىكار .
شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈپ تاشلىشى ياكى نامىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشى كىرەك ، نامى ئۆزگەرسىمۇ قىممەت ئۆزگەرمەيدۇ ……….
بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ!
مەردان جان، مۇمكىن بولسا بىلوگىمنىڭ ھىلىقى ئىشىنىڭ چالىسىغا بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن، ھازىر بىلوگىمدىكى يازمىلارغا ئىنكاس يازغىلى بولمايدۇ، نەچچە ۋاقتىن بىرى سىزنى يىراق سەپەردىن كەلدى ئوبدان دىمىنى ئىلىۋالسۇن دەپ دىمىگەن ئىدىم، دەمنى بولىشىغا ئىلىپ چارچاپمۇ قالغانسىز…
مەن بىلەن كوت كوت تا ئالاقىلىشىڭ.
ھەقىقەتەن ئىسىلكەن، ۋاقتى كەلگەندە جانغا ئوبدان ئەسقاتقۇدەك،رەھمەت
بۇ قورالنى بېكەت بوشلۇقىغا چۈشۈرۈپ قويالارسىزمۇ ؟ ئەسلى مەنبەدىن چۈشمەيدىكەن
دېتال قايتا تۈزىتىلدى.
بولدىغان ئىشكە ن .تەشەككۇر
راستلا ئىسىل ھۈنەركەن، رەھمەت ھە بۇرادەر
ئەرزىمەيدۇ…يازما يېڭىلاش ئاساسەن توختاپ قالدى…لېكىن ئاز قالماي ئېسىل ھۆنەرلەرنى تۆكمە قىلىمەن..
ۋاقىت تونىلى
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 382پارچە
بەت :18 بەت
باھا :2266 پارچە
سەھىپە :35 دانە
خەتكۈش :483 دانە
ئۇلىنىشلار:115 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 1085 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 92 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 2-ئاينىڭ17-كۈنى
باش بەت
بىر كۈن ۋاقتىمنى چىقارسام راۋۇرۇس بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىكەنمەن ما ئۇسلۇبلارنى :mrgreen: :mrgreen:
ۋاھ ئۆزگىچە ئۇسلۇبلاركەنغۇ
ئىسىل ئۇسلۇبلار ئىكەن ، رەھمەت
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت مۇئەللىم بۇنىمۇ بىلىۋالدىم ھەم WordPress نى يەرلىكتە سىناق قىلۋاتىمەن :wink:
@زۇلپىقار يازما ئاخىرىغا تولۇقلىما مەزمۇن قالدۇرۇپ قويدۇم ، شۇ يەردىن كۆرىۋىلىڭ ، مۇئەللىم بىلوگىنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر !
مۇئەللىم ئالدى بىلەن رەھمەت سىزگە! بۇنى چۈشۈرۈشنىغۇ چۇشۈردۇم لېكىن قانداق ئشلىتىشنى پەقەت بىلىلمىدىم يەنى 127.0.0.1 مۇشۇ بەتكە چىقىمىزغۇ؟ مۇشۇ يەرگىچىلا قىلالىدىم ئەڭ ئاستىغا پارول باسىدىغان يەرلەر باكەن دىمەكچى قانداق ئشلىتىدۇ بولسا مۇشۇ توغۇرسىدا يەنى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق تەپسىلىرەك يەرلىكتە مۇھىت قۇرۇش دەرىسى سۆزلىگەن بولسىڭىز ئالەمچە خوش بولغان بۇلاتتىم مەن يىڭى ئۆگەنگۈچى شۇڭا توغرا چۇشەنسىڭىز مەندەك بىلەلمىگەن تورداشلارمۇ بىلۋالسا رەھمەت جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن :smile:
بۇمۇ ئىنتايىن قۇلايلىق بوپتۇ ، ئىشتىن سىرىت توربەت ياسايدىغانلارغا ، ئىشخانىدا بىكار قالسا قىلدىغان ئىش چىقپتۇ .
ئاۋۇ مۇنبەر يۈزلۈكىنى ئۆزلەشتۈرسەم بولغۇدەك.
@قاسىمجان شۇنداقكەن ، مەنمۇ مەكتەپتە دائىم مۇشۇنى .ئىشلىتىمەن .
:razz: بەلەن يازما. ھەقىقەتەن قولايلىقتە بۇ.
خىلى سىپتا ئۇسلۇپتەك قىلدۇ ئاۋال مەن قول سالاي... :mrgreen:
@دوغاپ شۇنداق ...
رەھمەت مەنمۇ ساقلىۋالدىم
بىر نەچچسىنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋالدىم. ئىسىل تەگلىكلەر ئكەن...
گۈزەل!!!
@ئابدۇبەگ ئەسلى مەن بۇ يەرگە يېڭىلاشتىن ئىلگىرى ئىزدېگەن بولسىڭىزمۇ تاپالايتتىڭىز ، سىزدىن باشقىلارمۇ بۇ ھەقتە كۆپ سورىغاچ ، قايتا بۇ تېمىنى يېڭلاپ قويدۇم ، شۇ ...ئىشقىلىپ ھازىر تور بېكەت ئاقتۇرۇپ ئىزدەيدىغانلاردىن سورايدىغانلار جىقكەن .
@مەمەتجان دىسكازدا بۇ توغۇرلۇق يازما يوللىنىپ بولغاندەك ، ئاشۇ يازمىدىن پايدىلانغاچ تۇرۇڭلا ئەمدى ..... :mrgreen: