مۇئەللىم ، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
ئەسىرلەردىن بىرى جاھالەت قاراڭغلۇقى بىلەن قەيسىرانە كۆرەش قىلىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ دىلىنى يۇرۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەل بولۇپ كەلدىڭىز . سەبىيلەرنىىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ، ئەڭ ئەقەللىيسى قانداق ياشاش ، قانداق ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت ئادىمىيلىك مىزانىنى كۆرسىتىپ بەردىڭىز . شۇڭلاشقىمۇ نامىڭىزغا تالاي داستانلار پۈتۈلدى.ياڭراق مەدىيەلەر ئوقۇلدى.
سىزنىڭ جەمىيەت ئۈچۈن ئۈنسىز ،مىھنەتسىز تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان ئەجرىڭىزنى قانچە مەدھىلىسىمۇ تۈگىمەيدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا بويچە قاتتىق ئىزىلگەن ،ھازىر بولسا ئىلىم-پەندە ئەڭ تەرەققي قىلغان يەھۇدى مىللىتىنىڭ ئۇستازنى ھۆرمەتلەش ئىددىيسىنى مىسال قىلىش ئارتۇق كەتمەس.
مانا بۈگۈن سىزنىڭ بايرىمىڭىز لىكىن بۈگۈن سىز باشقا بايراملارغا ئوخشاش دەم ئالمايسىز چۈنكى ،سىزنى ئو
قۇغۇچىلىرىڭىز ساقلاۋاتىدۇ.يەنە كىلىپ ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى سىزنى كۈتۈپ تۇرغان خىزمەتلەرنىڭ قاينىمىدا قانداق كەچ بولغىنىنى سەزمەي قالىسىز.
مۇئەللىم دىگەن سۆز،يول باشلىغۇچى ،يول كۆرسەتكۈچى،يورۇقلۇق تارقاتقۇچى دىگەنلىك بولۇپ سىز باشلىغان يول ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا سىزدىكى مەسئۇلىيەت تولىمۇ ئىغىر .ھەدىس كىتاپلاردىكىى «كىمنىڭ ھاياتتا ئۇستازى بولمىسا،ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتان.»دىگەن ئىبارىلەردىنمۇ ئۇستازنىڭ رولىنىڭ نەقەدەر موھىملىقنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.شۇڭلاشقا سىز ئۆز مەسئۇلىيتىڭىزنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ.بۈگۈنكىدەك بايرام كۈنىدە دەم ئالالمىسىڭىزمو ھىچ بولمىسا چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ ئىللىق كۈلۇمسىرەڭ.
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
بايرىمىڭغا مۇبارەك، ئەي سۆيۈملۈك باغۋەنلەر،
ئەۋلادلارغا بىلىمدىن سۇلماس قانات پۈتكەنلەر.
ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىنىڭ لوگوسى كۈرۈنمەيدا
muellim bayrimigizga mubarak bolsun
سالام مۇئەللىم
بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
رەھمەت ، ياخشى تىلىكىڭىزگە ، بىرگە بولسۇن !
ھۆرمەتلىك مۇئەللىم ، ھەر بىر كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن . سىز ھەممە كۈندە ھۆرمەتلىكسىز …
ھۆرمەتلىك دوستۇم ، رەھمەت سىزگە !
سىلەر دەم ئالمىدىڭلارمابىزگە جۇمە چۇشتىن كىيىن ئوقۇتقۇچىلارغا بايراملىق زىياپەت بار دەپ دەم ئىلىش بەردى بۇگۇن چۇشتىنكىيىنمۇ دەم ئىلىش بەردى…..ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلدىكىن بۇگۇن چۇشتىنكىن؟؟؟
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن دەرس ئۆتتۇق ، چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەت بايراملىق تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى ، سائەت تۆتلەر بىلەن ئۆيگە قايتىپ بايرام قىلدۇق .
ھەي مۇئەللىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن…ئوقۇغۇچىلىرىڭىزدىن سوۋغا ئالدىڭىزمۇ يا؟؟؟؟؟
ياق ، سوۋغا ئالمىدىم . ھەم ئالغۇممۇ يوق . ئۇلارنىڭ «بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، مۇئەللىم ! »دېگەن سۆرىنىڭ ئۆزىلا كۇپايە .
ھۆرمەتلىك ئالىمجان مۇئەللىم، بايرىمىڭزغا مۇبارەك بولسۇن…تەبرىك سۆزۈم بەك ئاددى بوپ قالدى، سالامەت بولۇڭ
رەھمەت دۇستۇم ، يەتتى . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە …….