نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | لايىھەلەر | ئاساسىي مەزمۇن
ئېلان ئۇقۇمى(قۇرۇلما جەھەتتىكى چۈشەنچىسى)
2014-يىلى04-ئاينىڭ03-كۈنى | لايىھەلەر |جەمئى 4790خەت بار | 420 قېتىم كۆرۈلدى | 1پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئېلان ئۇقۇمى لاھىيە نىڭ كىلىش مەنبەسى: بۇرۇن كىشىلەر ئۆي ئىمارەتلەرنى بەرپا قىلىشقا باشلىغاندا، ئۆي ئىمارەتلەرنىڭ ھىچقانداق نەقىش، گۈل ۋە مەرەپلىرى ئويۇلمىغان، چۈنكى ئۇ ئۆي ئىمارەتلەر سىرتقى مۇھىتتىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينىسىلا بولاتتى. لىكىن كىيىنچە كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋيىەسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىمارەتلەر مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئويناشتىن باشقا، يەنە سەنئەت، باي كەمبەغللىك، ۋە سەلتەنەت قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان شەكىللەر بارلىققا كىلىپ سەنئەت كەسپى ۋۇجۇتقا چىقتى، تاملار غا ھەرخىل نەقىش ، داڭلىق كىشلەر رەسىملرى، مەنزرە رەسىملىرى، سىموۋىل خارەكتېردە ئىپادىلەندى. بارا بارا ئويمىچىلىق كەسپى تەرەققى قىلىپ دۇنياغا داڭلىق بولغان پارتىنئون ئبادەتخانىسى، گىلادىياتورلار مەيدانى قاتارلىق مەدەنىيەت سىمولى بولغان ئەسەرلەر ۋۇجۇتقا چىقىپ سەنئەت ھەقىقى شەكىلگە كىردى، كىيىن كىشىلەر تاشلارغا ئويۇش ئۇسىلۇلىنى قوللىنىپ ھەرخىل قاپارتما رەسىملەرنى سىزىپ مەڭگۈ ئۆچمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ ئەينى ۋاقىتتى پاجىئە ۋە ئۇرۇش مالىمانچلىقى قەھرىمانلىق، ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئىپادىلىدى، تۇنجى ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ ئىزنالىرىنى ھازېرمۇ مىسىرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، مىسىردا كۆپلىگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلرى ساقلانغان بولۇپ ئويمىچىلىق مەدەنىيتىنىڭ بۆشىگى دەپ ئاتالغان. ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققياتى سىزمىچىلىق سەنئىتىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۈرتكە بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا كىشلەر تۈنجى سەنئەتكە قەدەم قويغان مەزگىلدە شەيئىنىڭ پەقەت شەكلىنى كەلتۈرۈش بىلەن قانائەتلەنگەن بولسا كىيىن بۇ شەكىلنى رەڭ بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تام سىزما سەنئىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىزگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئادەملەرنىڭ سىياقىنى رەڭگى ۋە ھەرخىل خارەكترىنى ئىنىق پەرەقلەندۈرۈش ئىمكانيىتىنى ياراتتى، مەسىلەن بىز بۇرۇن مەكتەپلەردە ياكى كىتاپلاردا ئوقۇغان ئۆڭكۈرلەردىكى تام سىزما رەسىملىرىنى سىزمىچىلىق سەنئىتىنىڭ ئەسەرلىرى ئىكەنلىكىنى شۇ رەسىملەرنىڭ سىزىلغان دەۋرى ۋە سىزىلىش ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئاساسەن بىز سىزمىچلىقنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشىنىپ يىتەلەيمىز.

سەنئەتنىڭ تىخىمۇ ئەۋجىگە چىققان دەۋرى : بۇ دەل سىزمىچىلىق سەنئىتى بىلەن ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ بىرىكتۈرلىشى بولۇپ، شەيئىنى ھەقىقى تۈردە نامايەن قىلغان. بۇنى ھەرخىل رەڭلىك ساپال بۇيۇملار ۋە ھەيكەللەردىن كۆرەلەيمىز. يىقىنقى زامان ۋە ھازېرقى زامان سەنئەت ئۇقۇمى. دۇنيا ئۇرۇشىلىرى پارتىلاپ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بىز نۇرغۇنلىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى يوقاتتۇق، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدرۇغان سەنئەت ئىزنالىرىنى يوقاتتۇق، نۇرغۇنلىغان سىزما رەسىملەر كۆيدۈرۈلدى، ئىمارەتلەر بولسا زەمبرەكلەرنىڭ ئوقىدا پارە - پارە بولدى، سەنئەتكارلارنىڭ يۈرىكى شۇ ئىمارەتلەر بىلەن پارە - پارە بوپ كەتتى ! بۇ بىر داڭلىق رەسسامنىڭ ئىيتقان سۆزى.

دۇنيا ئۇرۇشلىرى ئاخىرلىشىپ، پۈتكۈل دۇنيا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات شۇئارلىرىنى ئىگىز كۆتۈرگەندىن كىيىن سەنئەتكارلار ئاستا - ئاستا باش كۆتۈرۈپ، دۇنيادا گۈزەل - سەنئەت دىگەن بىر كەسىپنى قايتا ۋۇجۇتقا كەلتۈردى، دەسلەپتە ئويمىچىلىق ۋە رەسساملىق كەسىپلىرى بىلەن گۈزەل سەنئەت كەسپى تەرەققى قىلدى، رەسساملىقتا دۇنياۋى ئەسەرلەر بارلىققا كىلىپ كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغاندىن كىيىن بارغانسىرى كىشىلەردە سەنئەت ئۇقۇمى كىڭىيىپ بۇنى ھەرخىل شەيئىلەردە قوللاندى، دۆلەت بايراقلىرى، دۆلەت گىرىبلىرى، ھەرخىل ماركا قاتارلىقلاردا سەنئەت ئەسەرلىرى قوللىنىلدى، كىيىن دۇنيادا مەھسۇلاتلارنى ئورالما ئارقلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەش بارلىققا كىلىپ، سەنئەتكارلارغا پەقەت رەسىم سىزىپ تامغا چاپلاپ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى نەپكە ئىرىش تۈرۈشتىن باشقا يەنە بىر خىل «ئېلان» دىگەن ئۇقۇم بارلىققا كەلدەى، ئەينى ۋاقىتتا ئويمىچىلىق بىلەن سىزمىچىلىق بىر بىرىدىن پەقەتلا ئايرىلالمىغان بولۇپ، ئورالما رەسىملىرى ئاۋال سىزىلاتتى، ئاندىن ئۇنى قىلىپقا ئاياتتى، ئويۇپ بولغاندىن كىيىن قىلىپ ئارقىلق بىسىپ چىقىرىلاتتى، كىيىن تەرەقىياتلار تىزلىشىپ ئىلتېر كومپىيۇتېرلار بارلىققا كىلىپ رەسىم سىزىش قەلەم قەغەرزىدىن ھالقىپ نۇر ئارقلىق سىزىدىغان يەنى كومپىيۇتېردا سىزىلىدىغان بولدى، تەرەققىياتلار ھەرخىل لازېرلىق باسما ماشىنىلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، باسمىچلىق ۋە ئويمىچىلىق ئىشلىرى بىر بىرىدىن ئايرىلىپ چىقتى، كىيىن ھەرخىل ئويمىچىلىق ماشىنىرلىرى بارلىققا كىلىپ ئويمىچىلىقمۇ ماشىنىلاشتى. ھەرخىل ماشىنىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشى نوپۇس ئىڭىنىڭ كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ جەمىئەت تىخىمۇ كۆپ ئېلان ۋاستىلىرىغا مۇھتاج بولدى، شۇنىڭ بىلەن ھازېرقى دەۋىردىكى ئېلان ۋاستىلىرى بارلىققا كىلىپ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ھالغا كىلىپ قالدى ئېلان تارقىلىش يولى ۋە شەكلى ھازېرقى ئېلان شەكلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنى مۇنداق چوڭ تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

1. باسما ئېلان(ئېلان دوسكىسى) تۈرلىرى: پۈركىمە ئېلان، گىزىت ئېلانى، كارتا، ماركا، تەشۋىقات ۋارىقى، تەشۋىقات دوسكىسى، ھەرخىل قائىدە تۈزۈم جاھازلىرى ۋە باشقا تۇرمۇشىمىزدا ئۇچىراۋاتقان ئېلانچىلىق تۈرلىرى(بۇنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئۇ شەكىل، ۋە ماتېر يال جەھەتلەردىنمۇ نۇرغۇنلىغان تۈرلەرگە ئايرىلغان. بۇنىڭ تارقىلىش جەھەتتە چەكلىمىسى ئىنتايىن ئاز، ئۈنۈمى يۇقۇرى)

2.سۈرەت ئېلانى(ۋىدىئو) تۈرلىرى: تىلىۋىزىيە ئېلانى، تورئېلانى، ۋە باشقا ئېلان شەكىللىرى، ( بۇنىڭ يەنە باشقا تۈرىلرىمۇ بار لىكىن بۇ بىرقەدەر كۈچ ۋە مەبلەغ جىق كىتىدىغان ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقۇرى شەكىلدۇر، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ)

3. ئاۋاز ئېلانى(ئاۋدىئو) تۈرلىرى:رادىئو ئېلانى، مەدداھلىق ئېلانى(سەييارە تەشۋىقات ئېلانى) قاتارلىق شەكىللىرى بار(مەبلەغ ئاز كىتىدۇ، ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى تارقىلىش دائىرىسى چەكلىك.)

4. ئويمىچىلىق ئېلانى تۈرلىرى:ھەرخىل قاپارتما خەت، نەقىش چىلىك، ۋە باشقا ئويمىچىلىق تۈرلىرى( مەبلەغ بىر قەدەر يۇقۇرى كىتىدۇ، تۇراقلىقلىقى ياخشى، ئۈنۈمى خىلى ياخشى، تارقىلش دائىرىسى چەكلىك) ۋاقىت قىس بولغاچقا ئەسەرنىڭ ئۇزاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەزى مەزمۇنلار قىسقارتىلدى توغرا چۈشنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەزكۇر ماقالىنى تەلەي365 ئۆزى شەخسەن يازغان . ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆچۈرمە قىلىپ ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ، ئەگەر ئىشلەتسزيازما ئادرىسى ۋە يازغۇچىنى ئەسكەرتىڭ

QR:  ئېلان ئۇقۇمى(قۇرۇلما جەھەتتىكى چۈشەنچىسى)

ئاپتور « تەلەي365» ھەققىدە

  • تەلەي365، مەن سىزنىڭ 365 كۈن تەلەيگە يولۇقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ تەلەي365 دىگەن نام بىلەن بۇ بىلوگدا سىزگە ئەسەر يوللاۋاتىمەن، مەن ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى ئۈگنىشكە بەك ئامراق، ئارام ئالماي توردىن دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىپ قويىمەن، مەن لاھىيە ساھەسىدە mx سىتۇدىيىسى نامىدا، سەنئەت ساھاسىدە بولسا، شەپەق نامىدا، ئەدەبىيات ساھەسىدە بولسا تەلەي 365 تەخەللۇسى بىلەن سىز بىلەن ئۇچرىشىمەن

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 1 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. پەرۋاز 2015-يىلى06-ئاينىڭ20-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      چۈشىنىشلىك سۆزلەپسىز،

      Google Chrome 35.0.1916.153Windows 7

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !