نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
WordPress تە پارۇلنى كۆرسىتىش ۋە يوشۇرۇش
2015-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 1467خەت بار | 162 قېتىم كۆرۈلدى | 2پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىلوگگىر دوستلارغا مەلۇمكى ، WordPress باشقۇرۇش بېتىگە (ئارقا بەت) كىرمەكچى بولساق ، بولۇپمۇ پارۇل كىرگۈزگەندە ، كىرگۈزگەن پارۇلىمىز قېنىق چېكىت ھالىتىدە چىقىدۇ . بەزىدە پارۇلنى كۆرۈلمەسلىك سەۋەبلىك ، خاتا كىرگۈزۈپ سېلىش سەۋەبىدىن ، ئارقا بەتكە كېرەلمەيدىغان ياكى يېڭى بىلوگ قۇرغۇچىلاردا پارۇلنى ئاسان ئەسكە ئالالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپمۇ قالىدۇ .
ئەگەر پارۇل سان ياكى ھەرپ ھالىتىدە كۆرۈنسىچۇ ؟
بۇ چاغدا بىر نەچچە قېتىم كىرگۈزۈش ئارقىلىق ، ئەسلى ھالىتىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان پارۇلنى ئەستە ساقلىۋىلىشىمىزمۇ ئاسانغا توختايدۇ . بۇ يازمىمىزدا دەل مۇشۇ ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز . مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددىي .

باسقۇچلار

تۆۋەندىكى ئادرېستىن بۇ parulk.js ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ، ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچىڭىز ئىچىدىكى js ھۆججەت قىسقۇچىغا يۈكلەڭ .

ھۆججەت ئۇچۇرى:
ھۆججەت نامى :parulk.js
ھۆججەت سىغىمى :1.47KB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى:ھۆججەتنى چۈشۈرۈش

ئۇندىن كېيىن تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ functions.php ھۆججىتىنىڭ مۇۋاپىق جايىغا قويسىڭىزلا بولىدۇ.(پەقەت بىلەلمىسىڭىز ئەڭ ئاستىدىكى< ? نىڭ ئالدىغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ)

  1. function ludou_prevue() {          
  2.    wp_enqueue_script("jquery");          
  3.    wp_enqueue_script( 'prevue', get_template_directory_uri() . '/js/jquery.prevue.min.js', array(), '1.0', true );          
  4. ?>          
  5. "text/css">          
  6.    .prevue-icon-eye:before { content: "\f177"; }          
  7.    .prevue-icon-eye-off:before { content: "\f160"; }          
  8.           
  9. }          
  10. add_action( 'login_enqueue_scripts', 'ludou_prevue' );      

بولدى ، ئىش شۇنىڭ بىلەن تامام !

ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭ

2015050701

2015050702

QR:  WordPress تە پارۇلنى كۆرسىتىش ۋە يوشۇرۇش

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 2 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. مۇئەللىم 2015-يىلى05-ئاينىڭ11-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      شۇنداق ، كۆچۈپ بولدۇم .

      Google Chrome 42.0.2311.11Windows 7
    2. قاسىمجان 2015-يىلى05-ئاينىڭ11-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      ئۆي كۆچۈپ بولدىڭىزما؟

      Safari 600.6.3Mac OSX 10_10_3

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !