نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
WordPress تە يازما ۋە قوشۇمچە سۈرەتلەرنى بىراقلا ئۆچۈرۈش
2015-يىلى05-ئاينىڭ16-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 1669خەت بار | 144 قېتىم كۆرۈلدى | 1پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress بىلوگگىرلىرىغا مەلۇمكى ، WordPress تە بەزىدە يازما ئۆچۈرۈش ئىھتىياجى بولۇپمۇ قالىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا يازمىنى ئۆچۈرسەك يازمىغا قىستۇرغان خىل سۈرەت ۋە يازما ئىچىدىكى قوشۇمچە سۈرەتلەر بوشلۇقتا ساقلىنىپ قالىدۇ . بەزى ئىستىمالدىن قالغان ياكى قىممىتى ئاللىقاچان يوقالغان يازمىلارنى كۆپلەپ ئۆچۈرگەندە ، بۇ يازما ئىشلەتكەن سۈرەتلەر بوشلۇقنى ئىگەللەپ تۇرىۋىرىدۇ .
بۇ سۈرەتلەرنى ئىشلەتكىلى بولسىغۇ مەيلى ، ئەمما ئىشلەتكىلى بولمىسا ، بىر-بىرلەپ ئۆچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەگەر يازما ئۆچۈرۈلگەندە يازمىغا ئىشلەتكەن سۈرەتلەر بىللە ئۆچۈرۈلسۇن ، دېسىڭىز ، تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ functions.php ھۆججىتىنىڭ مۇۋاپىق جايىغا قويسىڭىزلا بولىدۇ.(پەقەت بىلەلمىسىڭىز ئەڭ ئاستىدىكى< ? نىڭ ئالدىغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ)

كود

  1. /* يازما ۋە سۈرەتنى بىراقلا ئۆچۈرۈش  
  2. /* ------------------------ */    
  3. function delete_post_and_attachments($post_ID) {    
  4.     global $wpdb;    
  5.     //خىل سۈرەتنى ئۆچۈرۈش    
  6. $thumbnails = $wpdb->get_results( "SELECT * FROM $wpdb->postmeta WHERE meta_key = '_thumbnail_id' AND post_id = $post_ID" );    
  7.     foreach ( $thumbnails as $thumbnail ) {    
  8. wp_delete_attachment( $thumbnail->meta_value, true );    
  9.     }    
  10.     //قوشۇمچە سۈرەتنى ئۆچۈرۈش    
  11. $attachments = $wpdb->get_results( "SELECT * FROM $wpdb->posts WHERE post_parent = $post_ID AND post_type = 'attachment'" );    
  12.     foreach ( $attachments as $attachment ) {    
  13. wp_delete_attachment( $attachment->ID, true );    
  14.     }    
  15. $wpdb->query( "DELETE FROM $wpdb->postmeta WHERE meta_key = '_thumbnail_id' AND post_id = $post_ID" );    
  16. }    
  17. add_action('before_delete_post', 'delete_post_and_attachments');    

يازما تامام ، ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسلىلەر بولسا ، يازما ئاسىتىغا ئىنكاس
قىلسىڭىز ، تىگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز ...

QR:  WordPress تە يازما ۋە قوشۇمچە سۈرەتلەرنى بىراقلا ئۆچۈرۈش

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 1 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. ئابدۇغاپپا 2015-يىلى05-ئاينىڭ16-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      بولىدىغان ھۈنەر ئىكەن رەھمەت سىز گە :smile: :smile:

      Google Chrome 42.0.2311.135Windows 7

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !