ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
كەڭ بىلوگگىرلارغا بىلوگ ئۇسلۇب ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى function.php ھۆججىتى ناتونۇش ئەمەس . بىلوگنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشتە مۇناسىۋەتلىك كودلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئادەتتە function.php ھۆججىتى ئىچىگە قويۇشقا توغرا كېلىدۇ . ئەلۋەتتە ، function.php ھۆججىتى ئىچىدىكى كودلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ ھۆججەتنى تەھرىرلەشمۇ تەسلىشىدۇ ، ھەتتا ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدۇ . يېڭى بىلوگگىرلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، بۇ ھۆججەتكە كود قوشۇش تولىمۇ مۈشكۈل بىلىنىدۇ .
بۈگۈن بۇ يازمىمىزدا ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ۋە قولاي بولغان function.php ھۆججىتىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز ؛
مەشغۇلات باسقۇچلىرى
1.ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە «inc» نامىدا بىر تارماق ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇڭ .
تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ فونىكىسىيە ھۆججىتى بولغان function.php نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۈستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ ؛
- define('INC', TEMPLATEPATH.'/inc');
- IncludeAll( INC );
- function IncludeAll($dir){
- $dir = realpath($dir);
- if($dir){
- $files = scandir($dir);
- sort($files);
- foreach($files as $file){
- if($file == '.' || $file == '..'){
- continue;
- }elseif(preg_match('/.php$/i', $file)){
- include_once $dir.'/'.$file;
- }
- }
- }
- }
ئۇسۇل شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى ......
ئەمدى بىلوگقا ئىقتىدار قوشماقچى بولسىڭىز function.php غا كود قوشۇپ يۈرمەي ، كود تەھرىرلىگۈچى دېتالدىن پايدىلىنىپ ، يېڭى php ھۆججەتتىن بىرنى قۇرۇپ ، قوشماقچى بولغان ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك كودنى بۇ يېڭى ھۆججەت ئىچىگە قوشۇڭ ھەمدە ھۆججەت نامىنى خالىغانچە قويۇڭ ، ھۆججەت نامىغا سان ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى لاتىن يېزىقىدا يازسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئاندىن بۇ ھۆججەتنى ساقلاپ ھەمدە ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچىغا بايام قۇرغان «inc» نامىلىق ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە يۈكلەڭ .
بۇ ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇسلۇبنى سىناڭ ، سىز قاتماقچى بولغان ئىقتىدار قېتىلىپتىمۇ ؟
ئەمدى يەنە ئىقتىدار قاتماقچى بولسىڭىز ئىسمى لاتىن ئۇيغۇر يېزىقىدا ياكى سان بولغان يېڭى ھۆججەت قۇرۇپ ، مۇناسىۋەتلىك كودلارنى كۆچۈرۈپ ، «inc» ھۆججەت قىسقۇچىغا يۈكلەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . ......
ئۈنۈمىنى مۇئەللىم بىلوگىدىكى ھەر يازما ئاستىدىكى« يازما مەنبەسى» نامىلىق قوشۇمچىدىن كۆرۈڭ .
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ