نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
يانفۇن ئۇسلۇبى توغرىسىدىكى سۇئاللار…
2014-يىلى04-ئاينىڭ08-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 2675خەت بار | 207 قىتىم كۆرۈلدى+ | 3پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلار ئېلىپ كەلگەن تور ئازادىلىكى نۇرغۇنلىغان بېكەت ۋە بىلوگلارغا كۆچمە ئۈسكۈنلەرگە ماسلاشتۇرۇش تەلىپىنى قويدى . كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېلېفۇن بىز ئىھتىياجلىق بولغان سۇ ، ھاۋا ، ئوزۇقلۇققا ئوخشاش مۇھىم تەركىبى قىسمىمىزغا ئايلاندى ۋە ئايلىنىۋاتىدۇ . مەيلى تۇرمۇش ، ئۆگىنىش ، خىزمەت بولسۇن ، قولىمىزدىن تېلېفۇن چۈشمەيدىغان بولدى . بۇرۇن تېلېفۇن پەقەت ئاددى ھالدىكى ئالاقىلىشىش ئىشلىرىغىلا ئىشلىتىلگەن بولسا ، ئەمدىلىكتە بۇر تار دائىرىدىن ھالقىپ ، چەكلىمىلىكتىن چەكسىزلىككە قاراپ يۈزلىنىپ ، تېخىمۇ قولاي ، ئەپلىك بولغان ، كۆپ خىللاشقان ئۇچۇر مۇھىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرشتىكى ۋاستىگە ئايلاندى ....
كومپىيۇتىر ۋە كومپىيۇتىر تورى تېخى ئومۇملىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرغان ، جۇغراپىيىلىك شارائىتىنىڭ چەكلەش كۈچىدىن ھالقىيالمايۋاتقان بۇ ۋاقىتتا ، سىمىسىز تورنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشى تېلېفۇننىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى . دېمىسىمۇ ، مەيلى تەرەققى قىلغان شەھەرلەر بولسۇن ، ياكى چەت ، يىراق ، تاغلىق رايۇنلار بولسۇن ، سىمىسىز تېلېفۇن سېگىنالى بار جايلاردا ، مەيلى بايۋەتچە ياكى ئاددى دېھقان بولسۇن ، ھەممەيلەننىڭ قولىدا ، ھەر بىر ئائىلىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن بار بولدى . بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۈندىدار ۋە تېلېفۇندا تور ئارىلاش مودا بولدى .
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك ، نۆۋەتتە يىڭىدىن ياساپ چىقىلغان بىلوگ ئۇسلۇبلىرى ماسلىشىشچانلىقنى ئاساس قىلىپ ياسالماقتا ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يەنىلا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ، بۇ خىل ئۇسلۇبلار كومپىيۇتىر ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، قىستۇرما ئىشلىتىلمەيدۇ ، پەقەتلا ئىككى قۇر كود ئارقىلىق بېكەتنى زىيارەت قىلىغۇچى ئۈسكۈنىنى ئانالىز قىلىپ ، بېكەتنى زىيارەت قىلىدىغان ئۈسكۈنە تېپىغا ھۆكۈم قىلىش ئارقلىق ، ئۇسلۇبنى شۇ خىل ئۈسكۈنىگە ماس ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
مۇئەللىم بىلوگى ئۇسلۇبى توغرىسىدىكى يازمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان سۇئاللار :
yanfun
بۇ سۇئاللارغا كەلسەك ، مۇئەللىم بىلوگى نۆۋەتتە ئىششلىتىۋاتقان ئۇسلۇب ، تېگىدىن ماسلىشىشچان قىلىپ لايىھەلەنمىگەن ، شۇنداق بولغاچقا ، تېلېفۇن ئۇسلۇبىغا ئايرىم ئۇسلۇب ئىشلىتىلدى . تېلېفۇن ئۇسلۇبى قاچىلىنىش جەھەتتە باش ئۇسلۇب بىلەن ئوخشاش مۇندەرىجىگە قاچىلىنىدۇ . كۆرسىتىلىش جەھەتتە بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق(سالھى بەگ ئىنكاسىدا ئوتتۇرغا قويغان يازمىسىدا نامى تىلغان ئېلىنغان قىستۇرما ) زىيارەت قىلغۇچى ئۈسكۈنە تېپىغا ماس ھالدا كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان . بۇ قىستۇرمىدا ئىككى خىل تاللاش بار .
1. كومپىيۇتىردا قايسى ئۇسلۇبنى كۆرسىتىسىز ؟ (رامكىدا سىز تاللايدىغان قاچلىنىپ بولۇنغان ئۇسلۇب نامى بار بولۇپ ، تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ) ، قايسى ئۇسلۇبنى تاللاپ قويسىڭىز ، كومپىيۇتىردا زىيارەت قىلسىڭىز ، بۇ قىستۇرما سىز تاللاپ بەرگەن ئۇسلۇبنى ئىجرا قىلىپ بېرىدۇ .
2.كۆچمە ئۈسكۈنىدە قايسى ئۇسلۇبنى كۆرسىتىسىز ؟ ئوخشاشلا سىز تاللاپ بەرگەن ئۇسلۇبنى ئىجرا قىلىپ بېرىدۇ .
دېمەك ، مۇئەللىم بىلوگى ئۇسلۇبى ۋە مۇئەللىم بىلوگى يانفۇن ئۇسلۇبى كۆرۈنمە يۈزى ئوخشاش بولمىغان ئىككى مۇستەقىل ئۇسلۇب . كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە كومىيۇتىردا كۆرسىتىش جەھەتتە قىستۇرمىغا تاينىدۇ .
قىستۇرمىغا تايانغاندا بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالمامدۇ ؟ بۇ مەسلىگە قارىتا ، تېلېفۇندا ۋە كومىيۇتىردا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق جاۋابىنى ئۆزىڭىز يەكۈنلەڭ ......

كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن
بىلوگ يازمىلىرى ئىككىلىك كودى !

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 3 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. تەلەي365 2014-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ما بەلەن گەپكەن قارسام مۇئەللىمكامنىڭ يازمىلىرىمۇ ئاۋاتلىشىپ كىتىپتۇ، مەنمۇ بۇ قىستۇرمىنى بۇرۇن ئېشلىتىپ باققان، ھەقىقەتەن ياخشى قىستۇرما ئىدى، لىكىن ئېسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسما :mrgreen:

      Internet Explorer 6.0Windows XP
    2. ئىشقىيار 2014-يىلى04-ئاينىڭ08-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مەن بۇ مەسىلىنى بىر قىستۇرما بىلەن ھەل قىلغان،ئايرىم يانفون ئۇسلۇبى قاچىلىمىغان ئىدىم.قىستۇرما تەڭشىكى ئارقىلىق ئۆزىمىز خالىغان رەۋىشتە ئۆزگەرتەلەيتتۇق،لىكىن قىستۇرما چەكلىمىسىدىن چىقالمايتتۇق.سىلى دېگەن مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر سىناپ باقسام بولغۇدەكتە

      Safari 534.30Android/4.1
    3. مۇئەللىم 2014-يىلى04-ئاينىڭ08-كۈنى |  3-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مانا بۇ كەڭ بىلوگگىرلار تېلېفۇن ئۇسلۇبى توغرىسىدا سورىغان سۇئاللارنىڭ جاۋابى ……

      Safari 534.30Android/4.0.4

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !