ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
مۇھەببەت ئەڭ كاتتا سوۋغا ، بۇ دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر . بىز ھەر كۈنى تۈرلۈك-تۈمەن مۇھەببەت سىناقلىرىغا دۈچ كېلىمىز . مەن بۇ يەردە دېمەكچى بولغان مېھىر -مۇھەببەت خاسلا قىز - ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى كۆرسەتمەستىن ، بەلكى ئىنسانلار ئارا كۆيۈنۈش ، يار-يۈلەكتە بولۇش ، قوللاش ۋە ھۆرمەتلەشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
بارغانسىرى تىزىلىشىۋاتقان تەرەققىيات مۇھىتىدا ، بىز بىغۇبار بالىلىقىمىزدىكى ئەڭ ساپ ھېسىيات ۋە مۇھەببەتلىرىمىزنىڭ ئورنىغا ، ئىشەنمەسلىك ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتىمىز ، بارغانسىرى ياتلىشىۋاتىمىز . ئاشۇ كوچا-كويلاردا بىر بۇردا نانغا زار بولۇۋاتقىنىمۇ بىزنىڭ قىرىندىشىمىز ، بىر تېيىن پۇل ئۈچۈن قولىدا پايپاق ، قاتىراپ يۈرۈپ ، سىزنىڭ سېتىۋىلىشىڭىز ئۈچۈن پىشىڭىزنى تارتقىنىمۇ سىزنىڭ ، بىزنىڭ قىرىندىشىمىز . پۇتىڭىزدىكى پايپاقنى تېخى تۈنۈگۈنلا ئالغان ئىدىڭىز ، بۈگۈن يەنە بىرنى ئېلىپ قويۇڭ ، ئالماشتۇرۇپ كېيسىڭىز ، پۇتىڭىزنى تەرلەتمەيدۇ ، ھەمدە ئۆز قىرىندىشىمىزنى قوللىغان بولىمىز .
تۆۋەدىكى فىلىمدە سىز كۈندە ماڭىدىغان كوچىدىكىگە ئوخشاش كۆرۈنۈشلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن . ناخشىدىكى مۇڭلۇق كۈي قەلبىڭىزنى تىتىرەتسە ، ئۇنىڭغا يانداشقان ھالدىكى كۆرۈنۈش قەلىب تارىڭىزنى چېكىپ ، سىزنى ئۆز تەبىئىيتىڭىزگە قايتىشىڭىزغا ، يۈتتۈرۈپ قويغان ئادىمىلىكىڭىزنى ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تېپىۋىلىشىڭىزغا تېخىمۇ ئۈندەيدۇ . كېلىڭ ، بىز ھەممەيلەن مۇشۇنداق كېچىك ئىشلاردىن باشلاپ ، قىرىنداشلىق مېھرىمىزنى ئەۋج ئالدۇرايلى . مۇھەببەتنىڭ قۇدىرىتى چەكسىز ........
نۆۋەتتە :1 باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى 1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى 0 پارچە
باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 09-كۈنى 7:28 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، «مۇڭلۇق كۈي قەلبىڭىزنى تىتىرەتسە ، ئۇنىڭغا يانداشقان ھالدىكى كۆرۈنۈش قەلىب تارىڭىزنى چېكىپ ، سىزنى ئۆز تەبىئىيتىڭىزگە قايتىشىڭىزغا ، يۈتتۈرۈپ قويغان ئادىمىلىكىڭىزنى ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تېپىۋىلىشىڭىزغا تېخىمۇ ئۈندەيدۇ».
راستىنلا بەك ياخشى تېما بوپتۇ بۇ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت. قوللىرىڭىز تالمىسۇن. ھەممىمىز مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئۆز-ئارا مېھىر-مۇھەببەت قوللىرىمىزنى سۇنايلى….