ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، روزا ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
كەڭ بىلوگگىر دوستلارنىڭ روزا ھېيىتىنى قۇتلۇقلاش ، بىلوگ يېزىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە ، كۆرۈنمە يۈز ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان ، WPئۇنۋېرستىتى بىلوگىنىڭ 2012-يىللىق بىلوگ ئۇسلۇبى ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ، ھېيىتلىق سوۋغا سۈپىتىدە تارقىتىلدى .
ئۇسلۇب ھەققىدە
ئۇسلۇب نامى : wp ئۇنۋېرستىتى .
ئۇسلۇب تۈرى : خەۋەر ئۇسلۇبى ( cms)
ئالاھىدىلىكى : ئۆزگىچىلىككە ئىگە تىزىملىك رايۇنى ۋە كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە ، بىر تىزىملىك ۋە يان رامكىنى ئۆزى بەلگىلەشنى قوللايدۇ ، مۇكەممەل بولغان ئۇسلۇب تەڭشەك بېتىگە ئىگە بولۇپ ، باش بەت ۋە يازمىلار بېتى ، ئايرىم بەتلەرنى ئۇسلۇب تەڭشىكىدىكى مۇناسىپ تەڭشەكلەرنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزىڭىز خالىغان شەكىلدە كۆرسىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز ، تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك يەنە بىر تەرەپ ؛ ئۇسلۇبقا قىسقا كود ئىقتىدارى بىلەن يازما يوللاش بېتى قىتىۋىتىلگەن بولۇپ ، يازما يوللاش بىتىنىمۇ كۆركەم لاھىيەلەنگەن ، مۇكەممەل بىر بەت دېيىشكە بولىدۇ .
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : مۇئەللىم بىلوگى
ئۇسلۇب كۆرۈنۈشى
باش بەت كۆرۈنۈشى
تەڭشەك بېتى كۆرۈنۈشى
سەھىپىلىك بەت كۆرۈنۈشى
ئەسەر يوللاش بېتى كۆرۈنۈشى
ئىزدەش بېتى كۆرۈنۈشى
ئۇسلۇبنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش
باشقا تەرەپلەر
- يىڭى بىلوگگىرلارنىڭ ئۇسلۇب ئىشلەتكەندىن كېيىنكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش جەھەتتىكى قېيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، مۇشۇ ئۇسلۇبتىن باشلاپ تارقىتىلغان بارلىق ئۇسلۇبلارغا خەت نۇسخىسى ئۇسلۇبنىڭ ئۆزىگە قىتىۋىتىلدى ، بۇنداق بولغاندا ، ئۇسلۇبنى قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كېيىن ، ئۇسلۇب ئۆزىگە قېتىپ قويۇلغان خەت نۇسخىسىنى ئاپتوماتىك تونۇپ ، يەنە قايتىدىن ئىئوت تونۇتۇش ئاۋارىچىلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىندى .
ئۇسلۇبنى بىر كونۇپكا ئارقىلىق قاچىلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى ، يەنى سىز ئۇسلۇبنى كومپىيۇتىرىڭىزغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ، باشقۇرۇش بېتى←كۆرۈنۈش تىزىملىكى ←باشتېمىلار ← ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش دېگەن تەرتىپ بويىچە ، ئۇسلۇبنى يۈكلەپ ، قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . رەسىمگە قاراڭ :
ئۇسلۇبقا قارىتا پىكىر-تەكلىپ بېرشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن . يولۇققان مەسلىلەر بولسا ، ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قويساڭلار ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن .......
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇ ئۇسلۇپنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي دىسەم چۈشۈرۈش ئادىرسى بەيدۇدا يوقاپ كىتىپتۇ. تورخۇمارغا ئىقتىدارلىرى ئوخشىشىپ كىتىدىغان ياكى ئاساسەن يىقىنلىشىدىغان بىرەر ئۇسلۇپ بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن. مەن پەرەز قىلغان ئالاھىدىلىكلىرى:
1. باشقىلار تېزىملىتىپ تەستىقلىق ھالدا تېما يوللىيالايدىغان بولسا
2.سىن قويۇش، يېزىق، رەسىم يوللاشنى ھەم كۆرسىتىشنى ، تەستىقلىق ئىنكاس يېزىشنى قوللىسا
3.ئۈچ دەرىجە بويچە تېزىملىك يەنى سەھىپە قۇرغىلى تەھرىرىلىگىلى بولسا
بەت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى تولۇق بىلمىگەچكە يۇقارقى ئىقتىدارلارنى ئۇسلۇپ ياكى قىستۇرما ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ بىلمىدىم. قىسقا بىر كۆرسەتمە بەرسىڭىز.
…ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ راسلا چىرايلىڭ چىقىپتۇ ، ئەمما مەن سەھىپىىدىكى يازمىلار دىگن يىرىنى تەڭشەشنى بىلمەي قالدىم بى ياردەم قىلسىڭىز
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئالدى بىلەن بىلوگچىلىق ساھەسىگە قەدەم باسقىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن . ئەگەر تەڭشەشنى ئۇقمىغان جايلار بولسا ، 1302698656نۇمۇرلۇق مۇڭداشقۇنى قوشۇڭ ۋە مەسلىھەت سوراڭ . شۇ ئارقىلىق بىلمىگەن تەرەپلىرىڭىزدە جاۋابقا ئىرىشەلەيسىز …..
تېخى توغېىلانماپتىغۇ ؟ خەت ساندۇقىمغىلا يوللىۋىتىڭە ، رھمەت مۇئەللىم
چۈشۈرش ئادىرسىدىن ئۆچۈرلىپتۇ ، باشقا تەمىنلەش ئادىرسىنى قالدۇرغان بولسىڭىز رەھمەت.
مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتمەكچىمىتىڭىز ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ، ئادرسنى توغۇرلاپ قوياي . مۇشۇ بەيدۇ دېگەن گۈينى زە………….
بۇ بىلوگ ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن ئىسىلكەن. مەن ياخشىراق ئۇسلۇب تاپالماي يۈرگەندە مۇئەللىم ئاغا ئۆزى تاللاپ بەرگەن. مەن تىخى بۇ ئۇسلۇبنى ماڭىلا تەييارلىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. قارىسام بۇ يەردە ئاشكارىلاپتۇ،پاتنىت تەلەپ قىلغىلى بۇلارمۇ باشقىلار ئىشلەتمەيدىغانغا….
تىزىملىنىش جەھەتتە مەخپىيلىك يوق ، كىرىش ئورنىنى يوشۇرسىڭىزمۇ ، ئەمما ، كىرىش ئادرىسى ھەممەيلەنگە ئېنىق تۇرسا ، ھەم ئەخلەت ئىنكاسلارنىڭ ھۇجۇمىمۇ بۇنىڭ ئوبدان دەلىلى تۇرسا ، يەنە مەخپىيلىك دېيىشكە بولامدۇ ؟
ئەگەر بىخەتەرلىكنىى ئويلاشسىڭىز ، كىرىش ئادرسنى ئۆزگەرتىۋىتىڭ …..
«ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن»…دەيدۇ ، مۆمىنجان ئابلىكىم ، شۇنىڭدەك بۇ ياخشى ئۇسلۇبتا نۇرغۇنلارنىڭ ھەققى بار ، مەخسۇس بۇيرۇتۇلغان ئۇسلۇبلار بۇنىڭ سىرتىدا ….
ئەگەر سىزگە قايسى تىلدا بولمىسۇن ، ياخشىراق ئۇسلۇب ئۇچرىسىا ، شۇ ئۇسلۇبنى مەخسۇس بۇيرۇتۇش ئارقىلىق ياكى ئارزۇيىڭىزدەك ئۇسلۇبتىن بىرنى مەخسۇس ياساتقۇزۇش ئارقىلىق ، پاتنىت ئالالايسىز …..
بىز ئۆزلەشتۈرۈپ تارقاتقىنىمۇ شۇ توردىكى ھەقسىز ئۇسلۇبلار …..
چۈشۈرەلمىدىم مۇئەللىم ئاغا ، بەيدۇ دىكلەر ئۆچۈرۋەتكەنمۇ نىمە؟
ماڭا بىر نۇسخا بەرسىڭىز
قايتا يوللاپ قويدۇم ، بىمالال چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەيسىز …..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ ئۇسلۇب ھەقىقەتەن چىرايلىق ئۇسلۇب ئىكەن، جىق جاپا چېكىپسىز، رەھمەت! مەن بۇ ئۇسلۇبنى ياقتۇرۇپ بىلوگىمغا ئىشلەتكەن ئېدىم، ئەمما بىلوگنىڭ مۇشتەرى بولىدىغان ئىقتىدارىدا چاتاق چىقتىمۇ قانداق، ئىشلىمەۋاتىدۇ، بۇ كوددىكى مەسىلىمىدۇ ياكى باشقا چاتاقمىدۇ؟ مۇشتەرى بېتى: http://www.umidlen.com/feed
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، مۇشتەرى بولۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىشلىمەسلىكى ئۇسلۇبنىڭ مەسلىسى ئەمەس ، بۇ ئۇسلۇبنى ۋىپ ئۇنۋېرستىتى بىلوگى (wpdaxue.com)ئۆزى بىر قوللۇق ياساپ ، ئەلالاشتۇرغان ئۇسلۇب بولۇپ ،بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارىغا قىسقىسى گەپ كەتمەيدۇ ، مەيلى كۆرۈنمە يۈز ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولمىسۇن ، ھامان قول قويسىز ، مەسلەن ؛ ئاۋازلىق ئىزدەش ئىقتىدارى قايسى ئۇسلۇبتا بار؟
مۇشتىرى بولۇش مەسلىسىگە كەلسەك ، بۇ جەھەتتىكى يولۇققان مەسلىلىرىڭىزنى بىر بەيدۇلاپ بېقىڭ ، ھامان جاۋابىنى تاپىسىز ……
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مۇئەللىم ئاغا ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! گەرچە كىچىككەن بولساممۇ . بلوگچىلىق ئىشلىرىڭلار ئۇڭۇشلۇق بولسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سەھرايىم ئېنىم ، سىزنىڭمۇ ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك ، ئۇتۇقلۇق بولسۇن ، ئۆي-ئىچىڭىز ئامان-ئېسەن ، سالامەتچىلىككە تولسۇن !!!
مەنمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي مۇئەللىم .بىرەر مەسىلىگە يۇلۇقسام سىلىگە ھايت دەيمەن ئەمسە …
بەك پىچەت چىقىپتۇ بىلوگوم بولغان بولسا چۇشۇرۇپ ئىشلىتەرمەنكەن…
مانا ئەمدى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «يالغۇز»بوپسىز …………..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مۇئەللىم، ئالدى بىلەن ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ ھېيتلىق سوۋغىڭىزغىمۇ كۆپ تەشەككۈر!مەن لوپنۇرى بلوگىنىڭ تارمىقىدا يەنە بىر بلوگ ئاچقان ئىدىم. بۇ ئۇسلۇبىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇڭا، بۇ ھېيتلىق ئۇسلۇبىڭىزنى ئىشلىتەي دەپ قاچىلىغان ئىدىم. ئەمما، باش بەتنى تازا نورمال چىقىرالماي قالدىم. مالال كۆرمەي بىر تەڭشەپ بەرگەن بولسىڭىز. يەنە بىر بلوگنىڭ ئادىرىسى: http://tetqiqat.com/
مېنىڭ چ چ نۇمۇرۇم :1428817175
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىزنىڭمۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇئەللىم بىلوگىنى قوللىغىنىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن .
خەتلەر نۇرمالكەن ، دېمەك ، سىز ئۇسلۇب تەڭشىكىگە كېرمەپسىز ، ئۇسلۇب تەڭشكىگە كېرىپ ، سىيرىلما رەسىمنى كۆرسىتىش ، يىڭى يازمىنى كۆرسىتىش ….دېگەندەك تۈرلەرنى تاللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، سەھىپە رەت نۇمۇرى كىرگۈزىدىغان جايلارنى بىر توشقۇزۇپ ، ئۇسلۇب تەڭشىكىنى بىر ساقلىۋەتسىڭىز ، بېتىڭىز نۇرمال كۆرۈنىدۇ .
يەنە بىرسى ؛ تىزىملىك تۇرغۇزۇشنى ئۇنتۇماڭ …..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇسلۇب ئىسىل چىقىپتۇ، مەنمۇ كىچىككىنە تەكلىپىمنى قالدۇرۇپ قوياي، يان سىتوندىكى خەتلەرنىڭ باشلىنىشى سولدىن باشلىنىپتۇ، مۇمكىن بولسا ئوڭدىن باشلىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز تىخىمۇ ئىسىل ، كۆركەم چىققۇدەك …
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت