تۈرلۈك ئالدىراش ئىشلار ، تەربىيەلىنىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بىلوگقا يازما يوللىمىغىلىمۇ ئۇزاق بوپتۇ . بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ ، 520بىلوگىدىكى يىڭى ئېلان قىلىنغان خەنچە ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ، يوللاپ قويدۇم .
ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈز ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن بولۇپ قويىدۇ ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈردىغىنى ؛ بەت سول يان تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قورال ئىستونى بىلەن ، بەت ئاستىدىكى «يىقىنقى ئىنكاسلار»دىكى باش سۈرەت ئۈنۈمى ، بۇ باش سۈرەت ئۈنۈمى مېكروسوفىت تور كۆرگۈسىدىن باشقا كۆرگۈچلەردە رۇشەن ئۈنۈمگە ئىگە .
ئۇسلۇبنىڭ ئارقا تەڭشەك بېتىمۇ تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى . تىزىملىك قوللايدۇ ، تۇغ رەسىمى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، باش تىزىملىك سولدىن باشلىنىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى .
بىر يىتەرسىزلىكى : ئۇسلۇب يان سىتونغا ئېنىقلىما بىرىشنى قوللىمايدۇ ، يان سېتوننى ئۆزگەرتىمەن ، دېگۈچىلەر بەيدۇلاپ ، شۇ بويىچە ئىش كۆرسە ، ئۆز مەقسەتلىرىگە تامامەن يەتكۈسى .
قۇرۇق گەپتىن نەپ ئەلا ، دەپتىكەن ، ئەمىسە ، ئۇسلۇب مانا ، يارىسا -يارىمىسا سىزلەرگە سۇندۇم .......
باش بەت كۆرۈنۈشى :
ئۇسلۇبنى كۆرۈش : بۇ يەردىن كۆرۈڭ
چۈشۈرۈش ئادرىسى :بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
چۈشۈرۈش ئادىرىسىدا مەسىلە باركەن. چۈشۈرگىلى بولمىدى .
سىز ئۈچۈن ئادرس يىڭىلاپ قويدۇم ، چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ، ساقلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەمما ، بىلوگ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى ، ھەممىسى ئەمەس ، مېنى ئالدىراتقىنىڭىزنى پەقەت ياقتۇرمىدىم . بەلكىم ، كۈندۈزدە كېسەل بېقىپ ، كىچىسى كەم خىزمەتلەرنى ئىشلەيمەن دەپ چارچاپ قالغاندىمەن ، شۇنداقتىمۇ مېنى چۈشىنىشىڭىزنى ، كەچۈرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
ھەقىقەتەن ياخىشى چىقىپتۇ .
پوچى ئۇسلۇبكەن . مۇئەللىمىدە سۇرئەت تىز ھازىر
ۋاي توۋا، سۈرئەت بەك تىزغۇ؟ تېخى قايسى كۈنى بىر يەردە كۆرۈپ بولىدىغان ئۇسلۇپكەن دەپ قالغانتىم، مانا ئەمدى ئۇيغۇرچىلىشىپ بولاپتۇ… مۇئەللىمگە ھاردۇق يەتمىگەي.
بەگ بۇرادەر پەگادا قىىلىپ قاپلا ، باشقىلار سىلىدىن بۇرۇن چىقىپ قاپتۇ
ياخشى چىقىپتۇ. قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
ئاھ دېۋانا!!!!!!