نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | شېئىرلىرىم | ئاساسىي مەزمۇن
زىرىكىش
2013-يىلى04-ئاينىڭ23-كۈنى | شېئىرلىرىم |جەمئى 574خەت بار | 1,140 قېتىم كۆرۈلدى | 7پارچە ئىنكاس بار

زىرىكىش
ياتار سوزۇلۇپ
كىچىككىنە ياتاق ئىچىدە ،
ھايات قاينىغان شەھەر شاۋقۇنى
بەرمەيدۇ ئارام
ئۇيقۇلارنى قوغلاپ كېچىدە .

دېرىزە ئالدىدا مۆكچەيگەن بېلىم
يپىشقان ئىش ئۈستىلىمگە .
قارچۇمدىن ئۆتەر سايىلار
قالدۇرۇپ قويۇپ كەچمىشلىرىنى
سۇنۇق قەلبىمگە .

مەن ،
باھارنىڭ گۈل-چىمەنلىك ئوتلاقلىردىن
شىلىدىرلىغان بولاق تۇۋىدىن
خاتىرەمدىن
يۇمران چۆپ
كۆك ئاسمان
سۈزۈك سۇلاردن
ئىزلىرىمنى ئىزدېدىم بىردىن .

بىلمەستىنلا
بىرلا پەقەت نازۇك بىر چېچەك،
تەنھاغىنە قاپتۇ ئېچىلىپ .
بىلەمدىغانسەن ؟
خىياللىرىم ساڭىلا خاستەك
يۈرەكلىرىم كېتەر سېغىنىپ .....

يىراق شەھەر
ئۆز خۇشاللىقى بىلەن
قاينايدۇ قىززىپ .
غىرىب كۆڭلۈم
چۈملىلەرنىڭكىدەك پۇتلىرى بىلەن
زىرىكىشنى قويماقتا سىزىپ .

98.7.17(ئۈرۈمچى)

QR:  زىرىكىش

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 7 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

    1. تەشنايى 2013-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      «98 – يىللىرى بىر ئوت پىراقىدا شائىر ئىدىم، كىيىن مەرىپەت ئىشتىياقىدا مۇئەللىم بولدۇم. مانا ھازىرغا كەلگەندە مۇئەللىملار ئەمەس ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئۇستاز، پروگىراممىر… غا ئايلاندىم» دەۋاتقاندەك بىلىندى ماڭا ماۋۇ شىئىر. :lol:

      Google Chrome 26.0.1410.64Windows 8
      • مۇئەللىم 2013-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        مۇشۇ تەشناينى ، پىكىرلىرى ئاجايىپ ئەركىن ، ئەمما بۇ شېئىردا نەدە كود توغۇرلۇق گەپ بولسۇن ؟ :mrgreen:

        Internet Explorer 10.0Windows 8
    2. بىلنۇر 2013-يىلى04-ئاينىڭ24-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      مۇئەللىم گۇڭگا شېئر يازىدىكەنسىز ھە، ياخشى چىقىپتۇ.بۇنىڭدىن 13يىل مۇقەددەم يازغان شئېرما بۇ ،ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىڭىز ئوخشىمامدۇ ؟

      Internet Explorer 8.0Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        شۇنداق

        Internet Explorer 10.0Windows 8
    3. bilikal 2013-يىلى04-ئاينىڭ23-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      قالتىسقۇ .شىئىر :razz: دىگەننى ئۆلتۇرۋىتدىكەنىسىز جۇمۇ

      Google Chrome 25.0.1364.152Windows 8
    4. تەۋپىق 2013-يىلى04-ئاينىڭ23-كۈنى |  4-رەت جاۋاب

      مۇئەللىم مۇنداقمۇ ئىشىم بار دەڭە يازمىلا ئىسىل سەرخىل دەيلى .
      كەسپىڭىز ئەدبىياتمۇ يە؟؟؟؟؟

      ياخشى كەن ياخشىكەن دىۋان مىنىڭمۇ قانداق؟

      Internet Explorer 8.0Windows XP
    5. كۆلرەڭ بۆرە 2013-يىلى04-ئاينىڭ23-كۈنى |  5-رەت جاۋاب

      ياخشى چىققان ئەسەركەن :grin: :grin: :grin: :grin:

      Google Chrome 20.0.1132.11Windows XP

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !