بەزىدە بىكار قالساملا ، ئۇنى-بۇنى ئاختۇرۇپ قويىمەن ، بەزىدە مەن ئىزدەپمۇ تاپالمىغان نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىملەرمۇ ، كۆزۈمنى لال قىلىدىغان كود رەڭدارلىقىمۇ شۇنداقلا ، كودلارنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن كود ئۈنۈمدارلىقلىرىمۇ ئۈچراپ قالىدۇ . بەزىسىنى ئامبارغا ساقلاپ قويۇپ ، ۋاقتى كەلگەندە ئىشلەتسەم ، يەنە بەزىلىرىنى كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە دوستلىرىمغا سۇنغۇم كېلىدۇ .
تۆۋەندىكىسى بولسا ، HTML5 + CSS3 دىن پايدىلىنىپ ياسالغان تىزىملىكلەر . بۇنى كود بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار ، ئەمدىلەتىن ھەپىلىشىشكە باشلىغانلار ، كودقا نېسبەتەن ئازراق بولسىمۇ قىزىقىش پەيدا بولىۋاتقانلار ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىم . ياكى ئۇسلۇب ياساشقا كىرىشكەنلەر بولسا بولسا ، تۆۋەندىكى كودلاردىن پايدىلىنىپ ، بىلوگ ئۇسلۇبىغا كۆركەم تىزىملىك قوشۇۋالسىمۇ ھېساب ......
1.CSS3 دە ياساسالغان تىزىملىك
2. jQueryدە ياسالغان ئاددى تىزىملىك
3.CSS3 دە ياساسالغان كۆركەم تىزىملىك
4. CSS3 نىڭ بۇ تىزىملىكىچۇ ، تىخى ...
5.مۇزىكىلىق تىزىملىك
6.CSS3 تىن يەنە بىر تىزىملىك
7.سېنبەلگىلىك CSS3 تىزىملىكى
8.يېشىل رەڭلىك CSS3 تىزىملىكى
9. يەنە بىر كۆركەم CSS3 تىزىملىكى
كۆرۈش | چۈشۈرۈش10. سىرىلما ھالەتتىكى CSS3 تىزىملىكى
شۇنىڭ بىلەن تىزىملىك توغرىسىدىكى يازما مۇشۇ يەردە تامام بولدى ، تىزىملىكلەرنىڭ بەزىسى چۈشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنمىدى . مۇشۇ تىزىملىكلەردىن پايدىلىنىپمۇ كۆركەم بولغان ئۇسلۇبلار تىزىملىكىنى ياساپ چىقىشقا بولىدۇ . قېنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشنى بىر باشلىۋىتەيلى .....
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 22-كۈنى 11:54 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم!
قانداق ئەھۋالىڭىز؟ يانفۇن نۇسخىدىمۇ ئىزدەش ئىقتىدارى قاتقىنىڭىزغا رەھمەت! يېڭى «چاپان»لىرى خويمۇ يارشىپتۇ جۇما!
ئەمدى بىر شىڭگىل يارىدەم سۇرايمەن. بىر چىمدىم چايدەكلا، ئەمما يۇق دېسىڭىز بولمايدۇ.
ما تىزىملىكنى ئورناتتىم ،ئەممــــــــــــــــــــــــــــازە ئىئوت تۇنۇمىدى. ئۇسلۇبنىڭ باشقا جايلىرىنىڭ نۇرمال بولمىسا.
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:03 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئەرخان @ئەرخان مۇشۇ تىزىملىكنىڭ «css» ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئۈستى قۇرىغا ئۇسلۇبنىڭ «style.css» نىڭ ئەڭ ئۈستى قۇرىدىكى «font-face» قىسمىنى چاپلاڭ .
ئىككىنچى قەدەمدە «font-famly» دىن باشلانغان ھەر قانداق ئورۇنغا ئۇيغۇرچە يېزىق شەكلىنى قىستۇرۇڭ …
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 17-كۈنى 10:16 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بۇ تىزىملىكىنى نەدىن چىقىرىمىز
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى 9:21 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ياخشى تېما ، مەن بەك قىزىقىمەن مۇشۇنداق تىمىلارغا.
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى 9:25 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@بىلىم ئەپەندىم كۆپرەك كۆرۈڭ ئەمىسە ، پايدىسى جىق …..
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:01 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
كىچىككەن بولساممۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي، بىر كۈنلەردە لازىم بۇلۇپ قالىدۇ چۇقۇم.
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 17-كۈنى 1:25 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
كۆپ رەھمەت.. گەرچە پايدىلىنىشنى بىلمىسەممۇ ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت…
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:36 چۈشتىن بۇرۇن 6-قەۋەت
مەنمۇ ساقلاپ قوياي لازىم بولغاندا شاققىدە چىقىرىپ ئۇسلۇبنى پەيزى قىلۋىتىدىغان بولدۇمدە
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:34 چۈشتىن بۇرۇن 7-قەۋەت
بولمىسا ئۆزۈم يوللىۋېتىمەن… ئېنگىلىزچە توردىن ئىزدىسەم چىقۋاتىدۇ. ئېنگىلىزتىلى ئاساسى بولسا مۇشۇنچىلىك پايدىسى بار ئوخشايدۇ
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:48 چۈشتىن بۇرۇن 8-قەۋەت
داۋامىغا تەشنا بىز ھە….
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:56 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ياسىنجان داۋامى چىقىپ قالار ، ھە !
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:22 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم ئۇيغۇرچە خەت يازساق نورمال چىقامۇ
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:31 چۈشتىن بۇرۇن 9-قەۋەت
دىۋان…
مۇئەللىم سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنىڭ ئادەمگە ئەسقاتمايدىغىنى يوق جۇمۇ… ئەڭ مېغىزلىق ئادەمگە لازىملىق تېمىلارنى يوللايسىز… مەنمۇ ئامبىرىمغا تىقىپ قوياي… ئۇسلۇب ئۆزگەرتىشكە بەك ماس كېلىدىغان نەرسىلەركەن بۇ. ئادەمنى خىجىل قىلىپ تارتىنمىدىم ھە،،،