ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتمىللەتلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
قىرغىز مىللىتى
2012-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى / مىللەتلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

قىرغىز مىللىتى - شىنجاڭدىكى قىرغىزلار ئاساسلىقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قىسمى يەنە ئۈچتۇرپان، ئۇنسۇ، گۇما ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى تېكەس قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. نوپۇسى 176 مىڭ (2006 – يىلىدىكى مەلۇمات). قىرغىز تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. قىرغىزلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قىرغىز يېزىقىنى قوللىنىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ئەجدادلىرى يىراق قەدىمكى زاماندا جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان يېنىسەي قىرغىزلىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.

قىرغىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ. يازدا كىگىز ئۆيلەردە، قىشتا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. گۆش – ماي، سۈت – قايماقنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى ئىنتايىن نەپىس، ئەرلىرى كىگىز قالپاق، كانۋاي كۆينەك كىيىدۇ. ئاياللىرى كۆمۈش تۈگمىلىك پەلتۇنى ياخشى كۆرىدۇ. بېشىغا ئاق رومال ئارتىدۇ. قىرغىزلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. مېھماننى ئەتىۋارلايدۇ. 12 مۆچەلنى قوللىنىدۇ. ھېيت – بايراملاردا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. قىرغىزلار ناخشا – ئۇسۇلغا ۋە قوشاق – بېيىتكە ئۇستا. ئۇلارنىڭ ‹‹ماناس›› ئېپوسى ئېلىمىزدىكى ‹‹ئۈچ گۆھەر››نىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنياغا مەشھۇر.

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟