ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتمىللەتلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
خەنزۇ مىللىتى
2012-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى / مىللەتلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

خەنزۇ مىللىتى— جۇڭگودىكى ئاساسلىق مىللەت. ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شيا، شىياڭ، جۇ، چىن قاتارلىق ئاھالە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇشى ئارقىلىق خەن سۇلاسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن خەلقنىڭ نامى. 2000 – يىلى شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 23 مىڭ 900گە يەتكەن. ئۇلار شىنجاڭدنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، %75تىن كۆپرەكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ئورۇنلاشقان. خەنزۇ تىلى خەنزۇ – زاڭزۇ تىل سىستېمىسىنىڭ خەنزۇ تىلى تۈركۈمىگە مەنسۈپ. خەنزۇلار خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ئېغىز تىلىدا ئۆزىگە خاس فونىتىكىلىق، گىراماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر بولغاندىن باشقا، يەنە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلدىن قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەرمۇ بار. شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم خەنزۇلار ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ.

خەنزۇ مىللىتى شىنجاڭ رايونىدا ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئەڭ قەدىمكى دەۋىردىكى خەنزۇلارنىڭ ئەجدادى غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى قۇۋملەر بىلەن باردى – كەلدى قىلغان. ئالايلۇق خەن ۋۇدى دەۋرىدىكى جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە كېلىپ قايتقاندىن كېيىن، خانلىق غەربىي يۇرتتا چوڭ كۆلەملىك تېرىقچىلىقنى باشلىغان. مىلىدىدىن ئىلگىرىكى 60 – يىللاردا، غەربىي يۇرت قورۇقچىلىق مەھكىمىسى قۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن قوغداش، تېرىقچىلىق قىلىش، سودا قىلىش ۋە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي – شىمالىغا كېلىدىغان كۆچمەن خەنزۇلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلاسىدىن تاڭ سۇلاسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگىچە تۇرپان ئويمانلىقىدا كۇ جەمەتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قۇچۇ خانلىقى قۇرۇلغان. تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۇرپان ئويمانلىقى، قومۇل تۈزلەڭلىكى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان خەنزۇ ئاھالە كۆپ بولۇپ، بۇ يەرنىڭ مەمۇرىي ئايرىمىسسىدا ئىچكىرىدىكى جايلارغا ئوخشاش ‹‹ئايماق، ناھىيە، يېزا، كەنت›› تۈزۈمى قوللىنىلغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئەسكەرلەرنى قىسقارتىپ، ئۇلارغا يەر بۆلۈپ بېرىش، جىنايەتچىلەرنى ئەۋەتىپ بوز يەر ئاچقۇزۇش، ئاھالە كۆچۈرۈپ چىگرانى قوغداش، سودا – سېتىقنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغاچقا، خەنزۇ ئاھالىلىرى تۈركۈملەپ غەربىي قىسىمغا كۆچۈپ كېلىپ شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. مىڭگۇ يىللىرىدا نۇرغۇنلىغان خەنزۇلار شىنجاڭغا كېلىپ سودا بىلەن شوغۇللانغان، گەنسۇ، شەنشى، خېبىي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرمۇ شىنجاڭغا كېلىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ سانى تېز ئاشتى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈركۈمدىكى كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر، زىيالىي ياشلار، دېھقانلار، كادىرلار، پەن – تېخنىكا خادىملىرى ۋە سودا – سېتىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان خادىملار ئارقا – ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ چىگرا رايوننىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى تارقىلىشى كەڭ، ئىقتىسادىي پائالىيىتى كۆپ خىل. ئۆرۈپ – ئادەت جەھەتتە ئۇلار ئومۇمەن ئەسلى يۇرتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان، شۇنداقلا يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ – ئادەتلىرىنىڭمۇ تەسىرىگىمۇ چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئاياللار شىم چاپان كىيىشنى ياقتۇرىدۇ. تاماقتا ئۇن تامىقى ئاساس، گۈرۈچ تامىقى قوشۇمچە بولۇپ نان، پولۇ، سۈت، قوي گۆشى قاتارلىقلارنىمۇ ياقتۇرۇپ يەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بايرىمى باھار بايرىمىدۇر.

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟