مۇنبەر ۋە مەن

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

مەن ئوقۇتقۇچى بۇلغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزەمنىڭ بىر مۇقەدەس ۋەزىپىنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلەنگەنلىكىنى ھىس قىلدىم .«ئوقۇتقۇچى ئىنسان رۇھىنىڭ ئىنژنىرى» بۇ سۆزنى كەرچە مەن كىتاپ يۇرناللاردا كۆپ كۆرگەن بۇلساممۇ بۇ سۆزنى قەلبىمگە مەرىپەت نۇرى چاچىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە تىرەن مەنا يۈشۇرۇنغانلىقىنى مۇنبەر ئالدىغا چىققاندىن كىيىن ئاندىن ئوقۇتقۇچى بۇلۇشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدىم .
ئوقۇتقۇچى جىسمانى ۋە فىزۇلۇگىيە جەھەتتە باشقىلارغا ئوخشاشلا ئاددى بىر ئىنسان ئەمما ئۇ مەنىۋى جەھەتتىن جاھالەت داۋزىسىغا ئوت ياققۇچى .مەرىپەت پاراۋۇزىنىڭ گۇدۇكىنى چالغۇچىدۇر.
شۇڭا مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ مۇقەدەس ئۇرۇنغا ئىرىشكەن ھەر بىر ۋىجىدان ئىگىسى ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋەتەن ، مىللەت ئالدىدا يۈكسەك جاۋابكارلىق تۈرغۇچى سۈپىتىدە ئىككىنچى قەدەمدە ئاددى بىر ئىنسان سۈپىتىدە تۇتۇش زۈرۈر.
ئۆزمنى ئىلىپ ئىيىتسام بىزنىڭ ئائىلىدە مائارىپ ئۇرۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار خىلى كۆپ ساننى ئىگەنلەيدۇ. ئالى مەكتەپ ، ئۇتتۇرا مەكتەپ ، باشلانغۇچ ،يەسىلى قاتارلىق ئۇخشاش بۇلىمىغان ئورۇنلاردا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىز ھەممىمىز بىر يەرگە كەلسەك مائارىپ ھەققىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارىمىز . بۇ ئارقىلىق كەسپى جەھەتتە ئورتاق مائارىپقا بۇلغان ئوتتەك ئىشتاياق رىشتىمىز تىخىمۇ چىڭ تۇتاشتۇرۇپ كەسىپى ئورتاقىلىققا ئىگە قىلدۇ. مىنىڭ بۇ 8يىلىق مۇنبەر ھاياتىمدا ئىرىشكەنلىرىم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىش ،ئۇستازلىرىمنىڭ يىتەكلىشى مىنىڭچە ئوقۇتقۇچىغا ئەڭ ئالى مۇكاپاتنىمۇ ئوقۇغۇچى بىرىدۇ. مۇنبەر بىرىدۇ. مۇنبەرگە ئىشتىياق ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن يانداشقاندا قەلىپ ئىگىسىگە ئاۋامنىڭ ھۆرمىتى دىڭىزدەك كەڭرى بۇلىدۇ. مۇنبەرنى قۇساق بىقىشنىڭ تۇزىغا ئايلاندۇرىۋالغانلارنى رىقابەتلىك دۇنياسى رەھىمسىزلىك بىلەن شاللايدۇ.
ئوقۇغۇچىللىرىمغا ھەر بىر قىتىم قارىغىنىمدا ئولار ماڭا ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى تىخىمۇ تۇنىتىدۇ. مۇقەدەس بۇرچۇمنى ھىس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. مەن ھەر بىرقىتىم مۇنبەر ئالدىغا كەلگىنىمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزەمنىڭ ئاشۇ سەبى بالىلار قاتارىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىم كۆز ئالدىمدا نامايان بۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچىمنىڭ مىھىرىبان چىرايى كۆز ئالدىمدا نامايان بۇلدۇ . مەن ئۆزەمنىڭمۇ يىللار ،ئايلار ئۆتۈپ شۇ مىھرىبان ئوقۇتقۇچىمنىڭ ئورنىدا تۇرغىنىمنى ئويلىسام كۆزلىرىمگە ئىللىق ياش كىلىدۇ. مەنمۇ ئاشۇ سەبى ۋاقىتلىرىمدا مىھرىبان ئوقۇتقۇچىمغا ئوخشاش بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئىزىنى باسقىنىم ئۈچۈن ئۆزەمنى تۇلۇمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىمەن .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى ھەم جاپالىق ،ھەم ئۇلۇغ كەلگۈسىدىكى ۋەتەن ،مىللەت ،خەلىق ئۈچۈن تۆھپە يارتىدىغان كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربىلەش ، بىزنىڭ ۋە مىنىڭ باش تارتىپ بۇلماس مەسئۇلىيىتىمىز ھەم بۇرچىمىز. مەن ھەر ۋاقىت ھەر سىكونت بۇ بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن ياشاپ ،ئۆزۈمنى بەخىتىلىك ھىس قىلىپ كەلدىم . مەن ئۆزەمنىڭ بۇ مۇنبەردىن ئايرىلسام قانداق بۇلىدىغانلىقىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن . مۇنبەر مىنىڭ بەختىم . تەختىم ھەم مىنىڭ شاتلىقىم دەپ ھىساپلايمەن . قەلبىم بىرخىل تاتلىق ھىسلارغا چۈمىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىققا بۇلغان ئىشتىياقىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

ئاپتۇر :مەغپىرەت رۇزى (يىڭىشەھەر ناھىيە قۇمۇشئېرىق يېزا بازار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :2   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   1   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   1 پارچە

  1. ئۇيغۇربەگ 4

    مەنمۇ مۇنبەرگە ناھايىتى ھەۋەس قىلىمەن…

    • مۇئەللىم ئىقبال

      @ئۇيغۇربەگ ئۇنداقتا سىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇڭ ئەمىسە ….بۇ بىر مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك خىزمەت….

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: