نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەتيۇمشاق دېتال>ئاساسىي مەزمۇن
يانفۇن رادىئاتسىيەسدىن ساقلىنىشنىڭ 12ئۇسۇلى
2012-يىلى05-ئاينىڭ16-كۈنى يۇمشاق دېتال ⁄ جەمئى 1401خەت بار 4پارچە ئىنكاس بار ⁄ 303 قىتىم كۆرۈلدى+

«تېلېفوننىڭ رادىئاتىسىيىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى.» «نيويورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يازغۇچىسى Ann Louise Gittlemanدوكتور مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، پەن-تېخنىكا يوقۇلۇپ كەتكەيدۇ، ئەمما بىز يەنىلا ستراتىگىيىمىزنى ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ سۈنئىي رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشىمىز لازىم.»
تۆۋەندە يانفوننىڭ رادىئاتسىيىسى راك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 12 خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1.    ئاۋاز ياڭراتقۇچ ئىشلىتىڭ
يانفوننى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇدىغان ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئىنىرگىيە ۋە كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
2.    قىسقا ئۇچۇر يوللاڭ
بەزى ۋاقىتتا ئۇچۇر يوللىغاندا، مېڭىڭىز ۋە تېنىڭىزنىڭ تېلېفون بىلەن ئارلىقىنى يېراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
3.    يانفوننى ئېتىۋىتىڭ
تېلېفوننى ئىشلەتمىگەندە ئېتىۋىتىش ياكى يىراق جايغا قويۇپ قويۇش، ياخشى ئادەتتۇر.
4.    ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىڭ
چوقۇم يانفوندا پاراڭلىشىش توغرا كەلسە، تېلېفوننى ئۇ قولىڭىزدىن بۇ قولىڭىزغا پات-پات يۆتكەپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ.
5.    كىچىكرەك بوشلۇقتا تۇرۇپ سۆزلىشىشتىن ساقلىنىڭ
6.    سىگنالغا دىققەت قىلىش
سىگنال ئاجىز بولغان ئەھۋالدا ياكى يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، پويىزدا يانفون ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.
7.    ئاۋازسىز ۋاگوندا ئولتۇرۇڭ.
نۇرغۇن پويىزلاردا ئاتالمىش ئاۋازى ۋاگون بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە يانفون ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ، شۇنداقلا يانفوننى ئېتىۋىتىش كېرەك. شۇڭا بۇنداق يەرلەر سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
8.    سۆزلىشىش ۋاقتىڭىزنى قىسقارتىڭ.
9.    ئالقان كومپىيوتېرىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى قىسقارتىڭ
10.نومۇرنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن يانفوننى ئۆزىڭىزدىن يىراقلاشتۇرۇڭ
11.يانفوننى يانچۇقىڭىزغا سېلىۋىلىشتىن ساقلىنىڭ
12.يانفونىڭىزنى ھۇجرىڭىزغا قويۇپ قويماڭ.

مەنبە : تور

 

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 4 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

    1. مۇزات : 2012-يىلى05-ئاينىڭ28-كۈنى04:36:13  1-رەت @جاۋاب جاۋاب

      بۇمۇ بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن :!:

      • ئىقبال : 2012-يىلى05-ئاينىڭ28-كۈنى10:31:49  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        راس دەيسىز ، بۇ چەكلىك ھاياتنى ئەنە شۇنداق قوغدىمىساق بولماس…..

    2. نۇرنىجات : 2012-يىلى05-ئاينىڭ28-كۈنى03:58:58  2-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ئانچە-مۇنچە يوقلاپ قويمىساق بولماس!مۇئەللىمنى!

      • ئىقبال : 2012-يىلى05-ئاينىڭ28-كۈنى10:32:39  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        يوقلاپ تۇرۇڭ ، قەدىناس بولۇپ قالىمىزغۇ ھامان …….

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

    باش سۈرىتىڭىز ؟