نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يۇمشاق دېتال | ئاساسىي مەزمۇن
دوسىت-دۈشمەننى ئايرىيدىغان ياخشى دېتال-Process Monitor
2012-يىلى09-ئاينىڭ16-كۈنى | يۇمشاق دېتال |جەمئى 2291خەت بار | 805 قىتىم كۆرۈلدى+ | 5پارچە ئىنكاس بار

يازمىنىڭ تېمىسى ھەقىقەتەن غەلتىرەك ، ئەمما ، سىز يازمىنى تولۇق ئوقۇغان چىغىڭىزدا غەلتىلىك ھېس قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن ......
يىقىندا توردىن 360شىركىتى بىلەن تېڭشۇن شىركىتىنڭ زىدىيەتلىك خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدۇق ، 360ئېيتىدۇلەركى : «تېڭشۇن شىركىتىنىڭ كوت-كوت ئالاقىلىشىش قورالى شەخسىلەرنىڭ مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرىنى قانۇنىسز ھالدا يوشۇرۇن كۈزەتتى .....» . تېڭشۈن شىركىتى ئېيتىدۇلەركى : «360شىركىتى بىزگە بۆھتان چاپلىدى ، دېتالىمىزنىڭ كومپىيۇتىردا نۇرمال ئىجرا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى .....» ..... ۋاھاكازالار .
نۇرغۇنلىغان تور ئابۇنىتلىرى ئۆزىنىڭ بايقاشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ ، ئەمما ، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ «كوت-ئالاقىلىشىش»قورالىنىڭ تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتىردىكى قاتىق دېسكا ، ئابۇنىتنىڭ شەخسى ھۆججەتلىرىنى ئاقتۇرۇش قىلمىشلىرىغا ھىچكىم پەرۋا قىلمىغان .....مەنمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە .
مۇنداق تەجرىبە ئىشلەنگەن : كومپىيۇتىرغا «كوت-كوت» ، «مەيسىن» ، «ئالىي ۋاڭ ۋاڭ»قاتالىق سۆزلىشىش دېتاللىرى قاچىلانغاندىن كېيىن ، ئىشلەتكۈچى مائۇس ۋە كۆنۇپكا تاختىسىغا چىقىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، قىسقىغىنا 10مىنۇت ئىچىدە ، پەقەت «كوت-كوت»لا ، ئىشلەتكۇچىنىڭ ھۆججەت ئارخىپى ، بارلىق دىسكا رايۇنلىرى ۋە ئىشلەتكۈچى زىيارەت قىلغان تور بىكەتلەر ۋە پاراڭ خاتىرىسىنى ئاقتۇرۇپ چىقىپ بولغان .
بۇ گەپلەرگە ئىشەنمىگەن تۈزۈك .....چۈنكى ئاڭلىغان گەپنىڭ كۆپىنچىسى ئەپقاچتى گەپلەر . ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنگە نېمە يېتىدۇ ؟
شۇنداق ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنگە نېمە يېتىدۇ ؟
ئەمىسە ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ بېقىڭ .......
توردىن Process Monitorدېتالىنىڭ 2.93 نەشىىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ . ئاندىن سىز ئۇ دىتالنى قوزغىتىپ قويۇپ ، تەخمىنەن يىرىم سائەت كومپىيۇتىرىڭىزغا يىقىن كەلمەي باشقا مەشغۇلاتلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ ، ئاندىن كېيىن مەكۇر دېتالىنىڭ كۈزىتىش خاتىرىسىگە قاراپ بىقىڭ ، كومپىيۇتىرىڭىزغا زادى كىم چىقىلدى ؟ بۇ جەرياندا ، سىز سىناق ئۈچۈن ،«كوت-كوت» ، «مەيسىن» ، «ئالىي ۋاڭ ۋاڭ»قاتالىق سۆزلىشىش قوراللىرىنى قوزغىتىپ قويۇڭ .......
كۆپلەپ سىناڭ ، يەنە ئىشەنمىسىڭىز ، سېستىما كۈزەتكۈچىلىرىنى كۆپلەپ ئىزدەپ تېپىپ ، كومپىيۇتىرىڭىغا ئورنىتىپ سىناپ بېقىڭ . راس شۇنداقمىكەن ؟
كىم سىزنىڭ سادىق دوستىڭىزكەن ، كىم دۈشمەن ؟!
بۇنى چۈشنىۋالالايىز ......
قېنى ، دېتال ئىسمى :Process Monitor 2.93
ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىپ ، چۈشۈرۈپ ھەم قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ ........
قوشۇمچە :

1.http://technet.microsoft.com/en-us/sysinternals/bb896645.aspx بۇ ئادرستىنProcess Monitor v2.93نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ .
2.كۈزۈتۈش شەرتلىرىنى تەڭشەڭ :
1) Process name is qq.exe, Include (بۇ QQ نىڭ ئېلىپ بارغان بارلىق مەشغۇلاتىنى كۈزىتىدۇ )
2)Path contains tencent, Exclude (بۇ QQ ئاقتۇرغان ھۆججەت ۋە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ .)
3)Path begins with C:\windows, Exclude (بۇ QQ نىڭ سېستىما ھۆججەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ )
ئەمدى كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ كۆرىدىغان ۋاقىت كەلدى ...........

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 5 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. ئابلىكىم مۇھەممەد China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى11-ئاينىڭ08-كۈنى14:50:02  1-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم xpنى ئۆزلىكىدىن ئۇگۇنىش دەرىسلىكى بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز

    2. چاقماق China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى09-ئاينىڭ28-كۈنى23:11:20  2-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ھەي ھازىر جاسۇسلۇق قىلمايدىغان نەرسىلەرمۇ بارمىدۇ قايسى كۈنى بىر تور بىكەتكە كىرسەم شۈنلىي توغىرلىق گەپ بۇلۇۋىتىپتۇ قارىسام ئابونىتلارنىڭ كومپىيوتېرىغا ۋىروس تارقىتىپ بىر نىمە قىلغانلىقىنى دەيدۇ ھەيران قاپتىمەن . :twisted:

    3. ئىزھار China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى02-ئاينىڭ27-كۈنى00:53:24  3-رەت @جاۋاب جاۋاب

      دوسىت دۈشمەنلىرىمنى ئوبدان بىر ئايرىۋالاي دەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم.

    4. ئىستىقلال China Safari Windows : 2012-يىلى10-ئاينىڭ03-كۈنى01:44:16  4-رەت @جاۋاب جاۋاب

      راسلا شۇنداق ئاختۇرۇپ چىقالامدىغاندۇ …….

    5. ئەلگە نەپ China Mozilla Firefox Windows : 2012-يىلى09-ئاينىڭ16-كۈنى18:06:55  5-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ماۋزۇسى ئۆزگىچە بوپتۇ :mrgreen:

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !