ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، مۇئەللىم بىلوگىغا باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا !!!
بىر خىزمەتدىشىمغا لازىم بولۇپ قالغان ماتىرىياللارنى كۆچۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ، يان دېسكامنى كومپىيۇتىرغا چاتتىم . بۈگۈن نېمە بولدىكى ، كومىيۇتىرنىڭ ئىجرا سۈرئىتى كىشىنى تولىمۇ جىلە قىلاتتى . ھەتتا يان دېسكامنى تونۇغان بولسىمۇ ، يان دېسكا ئېچىش بۇيرۇقىنى بەرسەم ، قىتىپلا تۇرۋالدى . ئەمەلىيەتتە يان دېسكامدا ۋىرۇستىن ئەسەر يوقتى ، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا شۇنداق جىلە قىلىدىغانلىنىڭ سەۋەبىنى تالماي ، يان دېسكىنى قايتا ئۈزۈپ-چىتىپ قىلىشقا باشلىدىم .....
خىزمەتدىشىم نېمە بولغانلىقىنى سوراپ بولغۇچە ، يان دېسكىلىرىمنىڭ ھەممە رايۇنلىرى بىر-بىرلەپ «دېسكا فورماتلاش»توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى چىقىرىشقا باشلىدى . مەن بولسام تىخىمۇ جىددىلەشتىم ، سەۋەبى ؛ يان دېسكام بۇزۇلسا قەتئىي بولمايتتى ، ئۇنىڭىدا ئۈچ-تۆت يىللاردىن بىرى يىغىپ ساقلىغان مۇھىم ھۆججەتلىرىم بولغاندىن سىرىت ، قەدىردان دادام ۋە ئاچام ، سۆيۈملۈك ئوغلۇمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ماڭا ئانچە-مۇنچە تەسەللى بولىدىغان تۇرمۇش خاتىرە سۈرەتلىرى بار ئىدى ....
مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخرى يۈز بەردى ، يان دېسكام ھەقىقەتەن بۇزۇلغان ئىدى . كومپىيۇتىر ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقارمەن ، ئۆيگە ئەكىلىپ سىناپ باقارمەن ، ياق ! يەنە بولمىدى ، يان دېسكا توختىماي «فورماتلاش»توغۇرلۇق ئۇچۇر چىقىراتتى . مەن بەرىبىر يان دېسكىنى ھازىرچە ئىشلەتمىگەندىن كېيىن دەپ قويۇپ قويغانمۇ بولدۇم ، تاۋباۋ تورىدىن ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالى سېتىۋىلىشنىمۇ ئويلىدىم ، بىرىنچى قىتىم كۆرۈشكەن دۇكاندىكىلەر سىستېما ساتمايدىكەن ، ئەمما سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن .
-دېسكا ئۇچۇرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىگە ئىھتىياجىم بار .
-يان دېسىكىڭىزنىڭ سىغىمى قانچىلىك ؟ قانچىلىك سىغىمدىكى ئۇچۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىسىز ؟
-يان دېسكام 320گىگا بايىتلىق ، ئەمما ئىچىدىكى ئۇچۇر 250گىگا بايىت ئەتراپىدا .
-400يۇەن بېرىسىز ، يان دېسكىنى بىزگە ئەۋەتىپ بېرىسىز ، بىز تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، سىزگە ئەۋەتىمىز ....
پۇلغا كەلگەندە راستىنلا پىخسىقلىق قىلدىم . ھەقلىق دېتاللارنىمۇ كۆپ سۈرۈشتۈردۈم ، ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي قالسا زىيان تارتماي دەپمۇ ئويلىدىم ، يان دېسكىنى يەنىلا قويۇپ قويدۇم ......
بىلوگخۇمار بولغانلىقىم ئۈچۈن ، كۈندە يىڭى تېخنىكا ۋە يىڭى بىلىملەرنى ئىزدەپ تور بايلىقلىرىنى ئاختۇرىدىغان يامان خۇيۇم بار ، شۇنداق قىلىپ ، يان دېسكام بۇزۇلۇپ تەخمىنەن ئىككى ئايلارچە ئۆتكەندە ، توردىن يامان ياخشى دېتالدىن بىرنى تېپىۋالدىم .
بۇ دېتالنى تەۋسىيە قىلغۇچى قاتتىق دېسكا رايۇنىدىكى يوقالغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەت نامى بىلەن 95%ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ ، دەپ يامان تەرىپلەپ كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ دېتالنى سىناپ بىقىش ئىستىكىدە يان دېسكامنىڭ بىر دېسكا رايۇنىنى فورماتلاپ تاشلىغاندىن كېيىن ، بۇ دېتالنى قوزغاتتىم ، دېتال چۈشەندۈرۈشىدە دېيىلگىنى بويىچە ، «فورماتلانغان رايۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»نى تاللاپ ، «كېيىنكى قەدەم»نى باستىم . دېتال ئاستا ئىزدەشكە باشلىدى ، ھەمدە ئىزدەشكە كېتىدىغان ۋاقىتنى كۆرسەتتى ، مەن دېتالنىڭ ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتىنى باشلاپ قويۇپ ، كومپىيۇتىردا قىلشقا تىگىشلىك باشقا ئىشلىرىمنى قىلىشقا باشلىدىم .....
ئالاھىزەل يىرىم سائەتلەردىن كېيىن ، بۇ دېتال تاپقان ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەتلەر تىزىملىكى ۋە سىغىمىنى كۆرسىتىپ ، مەشغۇلاتنى تامالىغانلىق ئۇچۇرىنى بەردى . ئىزدەپ تاپقان تىزىملىكلەرگە تەپسىلى قارىدىم - ۋە ، خۇشاللىقتىن ۋاقىرىۋەتتىم ، ئۇ بارلىق ماڭا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ تاپقان ئىدى .....
ئەمدى تاپقان ئۇچۇرلارنى باشقا دېسكا رايۇنىدا ساقلىۋىلىشىم كېرەك ئىدى ، مەن دېسكا رايۇنىنى بىكىتىپ ، ساقلاش بۇيرۇقى بەردىم ، يەنە يىرىم سائەتتىن كېيىن بۇ ئىشمۇ تۈگىدى ، قارىسام بارلىق ئۇچۇرلار ئەسلىدىكى ھۆججەت قىسقۇچلار بويىچە ئۆز ئورنىدا ھىجىيپ قاراپ تۇراتتى ، شۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي ، باشقا دېسكا رايۇنلىرىنىمۇ فورماتلاپ ، بارلىق ئۇچۇرلىرىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم .....
ھەمدە بۇنداق ياخشى دېتالدىن تەڭ بەھرىمان بولايلى ، دەپ ، بۇ يەرگە يوللاپ ئولتۇرۇشۇم .......
دېتالىنى ئىشلىتىش قەدەم باسقۇچلىرى
دېتال نامى ۋە ئىقتىدارى
دېتال نامى : DRWSetup
ئاساسلىق ئىقتىدارى : قاتتىق دېسكا رايۇنىدىكى ئۆچۈرۈلگەن ، فورماتلاش ئارقىلىق يوقالغان ھۆججەتلەرنى 100% ئەسلىگە ئەكىلىپ بېرەلەيدۇ . يېشىل دېتال ، قاچىلاش ھاجەتسىز ، بولاقتىن يېشىپ ، بىۋاستە قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ .
مەشغۇلات جەريانى ۋە سۈرەتلەر
ھۆججەت ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى دېسكا رايۇنى ۋە ھۆججەتلەر
يۇقارقى رەسىمدىكى ئالتە قەدەم باسقۇچ بويىچە ، يۈتتۈرگەن سانلىق مەلۇماتلارنى تولۇق ئەسلىگە ئەكىلەلەيسىز .
دېتالنى چۈشۈرۈش
ئىزاھات
بۇ دېتال ھەقىقەتەن سىزنى ھاياجانغا سالىدىغان ياخشى دېتال ، ئەمما ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك يىرى ، بۇ دېتالنىڭ ئاچقۇچى بىللە تەمىنلەندى ، ئىشلىتىشتىن ئاۋال ، ئاچقۇنى ئاكىتپلاش ھۆججتىنى ئىجرا قىلىۋىتىشىڭىز شەرت ، بولمىسا ، «سېتىۋىلىڭ » دېگەن ئۇچۇرنى چىقىرىپ ، سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ .
رەسىمگە قاراڭ :
شۇنىڭ بىلەن مېنى ھاياجانغا سالغان ، بۇ دېتال توغرىسىدىكى قىسسە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئەمما دەيمەنكى ، بۇ دېتال توغرىسىدىكى مەزكۇر يازمىنى ئوقۇپ ، دېتالنى چۈشۈرۈپ ، ئىنكاس يازماي چىقىپ كېتىش مېنڭچە قاملاشماس . ئاۋال دېتالنى سىناپ بىقىپ ، تەسراتىڭىزنى يازسىڭىزمۇ ياكى ئەجرىمگە يارىشا باھا بەرسىڭىزمۇ قوبۇل قىلىۋىرىمەن . مۇشۇ كۈنلەردە يامان ئىنكاس سىغىنىدىغان بولۇپ قالدىم جۇما ...........
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
بەك ياخشى دىتال ئىكەن رەھمەت سىز گە !
قايسى كۈنى بىر دوستۇمنىڭ 1TB لىق قاتتىق دېسكىسىدىن چاتاق چىقىپتۇ ئىچىدە 3DMAX نىڭ لايىھە ھۆججەتلىرى بار ئىكەن ئالدىنقى كۈنى بىر رايونى ئېچىلماپتۇ ھەپىلىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي تۇرسا بىر نەچچە كۈندىن كىيىن قاتتىق دېسكىنى تۇنۇماپتۇ مىنى چاقىرىپتىكەن بارسام قاتتىق دېسكىدىن تاراق-تاراق قىلغان ئاۋاز چىقىپ تۇرۇۋېلىپ تۇنۇمىدى ئۇ دوستۇم ئالدىنقى كۈنىمۇ مۇشۇنداق ئاۋاز چىقىۋېلىپ تەستىراق تۇنۇغان ئىدى دەيدۇ ئۈستەل كومپىيوتېرىنىڭ قاتتىق دېسكىسى ئىدى ،ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالسام بولاتتى دەيدۇ دېسكا ئۆلسىمۇ مەيلى دەيدۇ لىكىن قىلمىغان ئامالىم قالمىدى قانداق قىلسام بولار.
مېنىڭمۇ يان دېسكامنى كومپىيۇتىر تونۇماسلىق سەۋەبىدىن ، كومپىيۇتىرغا كۆپ قېتىم چېتىش ئارقىلىق ، «فورماتلاڭ» دېگەن ئۇچۇر چىقىۋىلىپ ، ئاخىرى مۇشۇ دېتال قولۇمغا چۈشكەندىن كېيىن ، يان دېسكامنى فورماتلىۋىتىپ ، مۇشۇ دېتال ئارقىلىق بارلىق ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدىم …..
ئەمدىكى مەسىلە : ئۇ دېسكا كونا دېسكا ئەمەسكەن ، ئۇنداق بولغاندا ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاسانراق . ئەگەر قاغىلىقتا بولغان بولسا ، مەن ياردەم قىلاتتىم …..
ھېلىقى 1TB لىق قاتتىق دېسكا پەقەتلا بولالمىدى bios مۇ تۇنۇمايدىكەن مەخسۇس قاتتىق دېسكا ئوڭشايدىغان دىتاللارمۇ تۇنۇمىدى ،ھېلىمۇ بۇ دېسكىنى ئىشلەتكىلى تۆت يىل بوپتىكەن،خەنزۇچە تورلاردىن ئىزدىسەك بۇ دېسكىغا PC3000 قاتتىق دېسكا رىمۇنىت قىلىش ماشىنىسى بولسا شۇنىڭدا كۈرۈپ باقسا بولغۇدەك مېنىڭ بىر دوستۇم مۇشۇ ماشىنىدىن بىرنى ئالغان ھازىر ئالغىلىمۇ تۆت يىلدەك بولدى ھازىرغىچە تۈزۈك مەشغۇلات قىلالماي ئىشلىتەلمەي يۈرۈيدۇ ،دېسكىنىڭ ئىچىدىكى ماتىرىيالنى دىمىسىغۇ ئاللىقاچان تاشلىۋىتەتتۇق ئۇ دېسكىنى ئىچىدە يەتتە-سەككىز يىلدىن بىرى يىققان 3DMAX يېرىم تەييار لايىھە رەسىملىرى بار ئىكەندۇق ،ئەمدى ئۇنىڭدىن ئۈمىتنى ئۈزسەك بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
مۇنداق بىر ئىشنى بىلىمەن . يەنى بىرلىشىپ كەتكەن دېسكا بولسا ، يەنى بىر قانچە رايۇن بىر رايۇنلا بولۇپ قالغان دېسكا بولسا ، ئۇنى دېتال ئىشلەتمەيلا بارلىق دېسكا رايۇنىدىكى ھۆججەتلىرى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرەلەيمەن . ئۈمىدنى ئۈزىدىغان ئىش بولسا ، مەن بىر قېتىم سىناق ماتىرىيالى سۈپىتىدە ھەپىلىشىپ باقايمىكى . ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئاللاھ ئىگەم ياخشى ئەقىلدىن بىرنى ئاتا قىلىپ ئوڭشىلىپ قالسا ، پايدىغا ئىرىشەرمىز ، ئەگەر بولمىسا ، بۇرۇنلا ئۈمىد ئۈزۈلگەندىن كېيىن ، مەيلى دەرمىز …..
بۇ دىتالمۇ يامان ئەمەس لىكىنزە بەزى ھۆججەتلەرنى بۇزۇۋىتىدىغان ئىشى بار ئۇنىڭ.
مەنغۇ ئۇنداق ھېس قىلمىدىم ، ئەسلىگە كەلگەن ماتىرىياللارغا قارىسام ، بۇزۇلۇش بولغاندەك ئەمەس ، بەلكىم ، سىز ئىشلەتكىنى باشقا دېتال بولۇشىمۇ مۇمكىن …..
قاتتىق دېسكىدىكى ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۈچۈرۋېتىدىغان بىر دىتال بار لىكىن ئۈچۈرۈشكە ۋاقىت كۆپرەك كىتىدۇ ئۇ دىتالنىڭ ئىسمى نىمە ئىدى شۇ … مۇشۇ شۇمۇ قانداق [bcwipe3]
مەن بۈگۈن بىر توينى سۈرەتكە ئالغانتىم بۇئاپرات SD كارتىغا سۈرەتكە ئالاتتى كەچتە كىلىپ كومپىيۇتىرغا يۆتكەپ قۇياي دەپ قارسام 11 گىگابايىيىت ماتىريالدىن 500 مىگابايىت ماتىريال تۇردۇ سىغىمنى تەشكۇرسەم 16Gكارتىدىن 11G ماتىريال بار 3.55G بوش ئورون بار دەپ تۇردۇ ھىلقى يۇقاپ كەتكەن ماتىريال بىلەن بىر ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدە ئىدى بۇنىمە سەۋەپ بۇلسا ماڭا ياردەم قىلىڭلا
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ۋىرۇس تۇپەيلى ، ھۆججەتلەر «يوشۇرۇن»بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ ، تورغا ئۇلانغان ، ۋېرۇسخورى يىڭىلىنىدىغان كومپىيۇتىرغا چىتىپ ، كارتىنى تەكشۈرگۈزۈڭ ، ھەمدە يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى ئېچىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىڭ …..
ياخشى دېتالدىن ھەممەيلەن پايدىلانساق نىمىدىگەن ياخشى؟
قاتتىق دېسكىدىكى ھۆججەت-ماتىرياللارنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېتاللارنى ئىشلىتىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆزدىن يۇقىتىدىغان ئۇسۇل-چارىلەر بولسا ، مۇشۇ ھەقتىمۇ بىر سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن…
بار ، قاتتىق دېسكىڭىزنى بولقا بىلەن سوقۇڭ ياكى ئىگىز بىنادا ئولتۇرغان بولسىڭىز ، قىزىڭىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ، دەرېزە يىنىدا قىزىڭىزنى ئوينىتىڭ ، قىزىڭىزنىڭ قولىدىن پەسكە چۈشۈپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس ، ئەگەر شۇنداق بولسا ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى تۈگەيدۇ . قاتتىق دېسكىنى ساقلاپ قالسام بولاتتى دېسىڭىز ، بۇنى قانداق قىلىشنى بىلمىدىم …
قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى بىراقلا مەڭگۈلۈك يوقاتماقچى بولسىڭىز بۇ ئاسان كومپىيوتېرنى DOC تا قوزغىتىپ LFORMAT بۇيرىقى بەرسىڭىز قاتتىق دېسكا تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلىنىدۇ ئىچىدىكى ھۆججەتلەر ھەرگىز ئەسلىگە كەلمەيدۇ لىكىن ۋاقىت بەك كۆپ كىتىدۇ ئادەتتە 80GB لىق دېسكا تۇلۇق فورماتلىنىشقا بەش-ئالتە سائەت كىتىدۇ ،قاتتىق دېسكىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم ھۆججەتنى مەڭگۈلۈك ئۈچۈرمەكچى بولسىىڭىز بۇمۇ بەك ئاسان بىر دىتال بار ئىسمى [bcwipe3] بۇ دېسكىدىكى ھۆججەتلەرنى مەڭگۈلۈك ئۈچۈرەلەيدۇ خۇددى يۇقارقى بۇيرۇققا ئوخشاش ئۈچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ئورنىدىكى ئۇچۇرنى تىگىدىن ئۈچۈرۈپ تاشلايدۇ ھەر قانچە يامان دىتال بولسىمۇ تاپالمايدۇ،لىكىن بۇنىڭغىمۇ ۋاقىت كۆپرەك كىتىدۇ، بۇنى بەيدۇدىن تاپالايسىز.
سىزنى دەيمەن ، مۇئەللىم بىلوگىغا يازغان ئىنكاسلىرىڭىز شۇنداق قايىل قىلارلىق . ئەمما بۇنى ئارقا بەتكە كىرىپ مەنلا ئوقۇدۇم . ئەمما ، مۇشۇنداق پايدىلىق بىلىملەرنى سىز ۋاقىت چىقىرىپ ، يازما يوللاپ قويسىڭىز ، باشقىلار بىلەن تەڭ ئورتاقلاشساق بولماسمىدى ، دەيمەن . بولمىسىغۇ ئالدى بەتكە يازما يوللاش بېتىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدىم ، تىزىملاتمايلا ئەسەر يوللىغىلىمۇ بولاتتى . يەنە دەيدىغىنىم شۇكى ، مۇئەللىم بىلوگىنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن !!!
ئۇدۇل مىنى ئىزدىمەي ، مەندە ۋەششى سى بار ئىدى ،
ئۇنداق بولسا ، سىزدىكى ۋەھشىسى ماڭا ھەقىقەتەن لازىم ، يوللاپ بېرەمسىز ؟
مەن يەنە ئىشلىتىش ئويىدىمەن ، ئەگەر سىز بەرسىڭىز ……
ماڭا يوللاپ بېرىڭا شۇ ۋەششىسىدىن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، قانداق يوللاپ بەرسەم بولار سىزگە ؟ يەنە بىرسى بار ئۇ دېتالدىن ، سىناپ باقمىدىم ….
@بۇ جاۋابنى ماڭا يازدى دەپ ئويلۇدۇم .مۇشۇ تىمىدىكى ھەم超级数据恢复软件ئىككىسىنى ئىشلەتتىم مەن ئىھتىياجلىق نەرسە تېپىلدى ئەمما بەزىلىرى بۇزۇلۇپ قاپتۇ .قانداق قىلسام بولا بۇزمايدىغان دىتال بارمىدۇ؟ئەگەر شۇنداق بولسا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرسە بولامدۇ . ياخشىراق دىتال بولسا دەپ بەرسىڭىز .ئالاقىلىشىدىغان ئېلخەت ياكى چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم .
@ۋەھىمە : راسىت بامۇ يا چاقچاقمۇ ؟ راست بولسا ماڭا بەك لازىم ئىدى نەرسىلەرنى بۇزۋەتمەيدىغان بولسا دەپ بېرىڭچۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم ، ئالدى بىلەن دېسكىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ ماتېرىيال يوقاتقانلىقىنى دېسىڭىز ، ئەگەر دېسكا بىرلىشىپ كېتىشتىن بولغان بولسا ، دېتال ئىشلەتمەي ، ئەسلى دېسكا رايۇنى بويىچە 100% ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمەن ، ئەگەر باشقا سەۋەبتىن بولغان بولسا ، ئۇنى ئەسكەرتسىڭىز ، شۇنىڭغا قارىتا رېتسىپ بەرسەك بولماسما ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .ياق ئۇنداق دېسكا بىرلىشىپ كەتكەن ئىش يوق .ئۆزۇم ئۆچۈرۋەتكەن ….. ھازىر ئەسلىگە كەلتۇرسەم ھۆججەتلەر بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ ، شۇ چ چ غا قوشۇۋېلىڭا 2230353349 ، ئامالى بولسا تىزلا ئالاقىلاشقىلى بولدىكەن . بۇنىڭدا تولا ئىنكاس يازغانمىدۇ دەپ كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتتى………………..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ؟ئالدىراشما ؟جاۋابمۇ قايتامىدىڭىز مەن بەكلا جىلا بوپ كەتتىم ياردەم قىلغان بولسىڭىز
يوۋ پانا … ما تېما مەن ئۈچۈنلا يېزىلىپتىكەن.. مېنىڭ قاتتىق دېسكامنىڭ بىر رايونىدىكى ماتېريالنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرەمەن دەپ بېشىم قاتقانتى.. تېخى 80 يۈەنگە بىر يۇمشاق دېتالنى ئالسام بولامۇ دەپ ئولتۇرغانتىم.. بەكلام كۆپ رەھمەت جۇمۇ… ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن روزا رامزاندا… قېنى بىر سىناپ باقاي بۇ دېتالنى
سىناپ بولغاندىن كېيىن ، نەتىجىسىنى بىر يوللىۋىتەرسىز . مەنغۇ شۇنداق 100%ئەسلىگە ئەكىلىۋالدىم ، ئەمما ئەسلىگە ئەكىلەلمەي يۈرگەنلەرمۇ باركەن ئارىمىزدا ……..
مەنغۇ سىز دىگندەك قىلغان ئەمما ھۆججەتتىن باشقا ئاقماس نەرسىلەر چىقىۋاتىدۇ بۇ نىمە ئىشۇ؟
مەن ھازىر ئاشۇنداق يوقالغان ھۆججەتنى ئاسلىگە كەلتۈردىغان دىتالغا بەكلا ئىھتىياجلىق ئىدىم .ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز
ھەي … بۇ قېتىمقى سەپەردە كومپىيوتېرىم ۋىروسلىنىپ قېلىپ ئارقا ئارقىدىن سېستىما قاچىلاپ ئاخىردا D پەنگە سېستىمنى قاچىلۋېتىپ قاپتىمەن شۇنىڭ بىلەن نەچچە يىلدىن يانكى ساقلىغان ناىشا سۈرەتلىك سۈرەتسىز ۋە دەرىسلىك بەزى ھەقلىق قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبمۇ تۈگەشتى ئەسلىگە قايتۇرسام دەرىسلىك قىستۇرما بەت سېستىمىلىرى دىگەنلە يوق قۇرۇق پاخىال ھۆججەتتىن 40 gb ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت