نۆۋەتتە WordPress قا يىڭى قەدەم باسقۇچىلارنىڭ مەندىن سورايدىغان سۇئاللىرى كۆپىنچە ئۇسلۇبنى قانداق تەرجىمە قىلىمىز ؟ ئۇسلۇبقا ئۇيغۇرچىنى قانداق تونۇتىمىز ؟ قايسى ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىمىز ؟ ......مۇشۇ تەرىقىدە بولۇۋاتىدۇ .
WordPress توغۇرلۇق نۇرغۇن يازما يوللاندى ، بولۇپمۇ WordPress ئۇسلۇبلىرىغا ئۇيغۇرچىنى قانداق تونۇتۇش ، ئىئوت ئۇلاش توغۇرلۇق . شۇڭا بۇ جەھەتتە كۆپ توختالمايمەن .
WordPress تا ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ، قانداق تەرجىمە قىلىش ، ئۇيغۇرچىنى قانداق تونۇتۇش ، قايسى ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتىن كۆرە ، ئۆزىمىزنىڭ WordPress ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا كىرەك بولىدىغان تۆۋەندىكى قوراللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى تولىمۇ زۈرۈر ، كودنى تونۇشمۇ مۇھىم ، ئەمما تۆۋەندىكى قوراللارنى ئىشلىتىش تىخىمۇ مۇھىم .
WordPress قا يىڭى قەدەم باسقۇچىلار ئۈچۈن زۈرۈر قوللار تۆۋەندىكىچە :
ئەڭ مۇكەممەل تور كۆرگۈ :
- Firefox:چەتئەللەرنىڭ نۇرغۇن پىرۇگىراممىلىرى دەل مۇشۇ تور كۆرگۈ ئاساسىدا ئېچىلغان . شۇڭلاشقا ، پىرۇگىراممىلارنىڭ بۇ تور كۆرگۈگە بولغان ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى ، بۇ تور كۆرگۈنىڭ قېستورمىلىرى مول . بولۇپمۇ FireFox نى تور كۆرگۈچلەر ئىچىدىكى «WordPress» دېيىشكە تولىمۇ مۇناسىپ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
تەۋسىيە قىلىدىغان باشقا تور كۆرگۈلەر :
- Safari : ئالما تور كۆرگۈچى . رەسىم كېسىش ئىقتىدارى بولۇپ قويىدۇ ، ئەمما Windows سېستىمىسى شارائىتىدا رولىنى ئانچە ياخشى جارى قىلدۇرالمايدۇ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
- Chrome : گوگىلى تور كۆرگۈسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئىقتىدارى ياخشى بولغان ، قوزغىلىش سۈرئىتى تىز ، زىيارەت سۈرئىتى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان تور كۆرگۈ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
PHP تەھرىرلىگۈچلەر
- PHP تەھرىرلىگۈچلەر كوپ بولسىمۇ ، بەزىلىرى ئوچۇق كودلۇق ، بەزىلىرى بولسا يېشىۋىتىلگەن ، ئەمما بۇ يەردە پەقەت ئۈچ خىلنىلا تونۇشتۇرىمىز ، سەۋەبى ، بۇلارنى ئىشلىتىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ .
- Pspad : ئوچۇق كودلۇق ، قوللاشچانلىقى يۇقىرى .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
- Notepad++ : يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
- Editplus : ھەقلىق دېتال ، دۆلىتىمىزدە كود بىلەن ھەپىلەشكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى ئىشلىتىدۇ . لازىملىقلار ئىسمى ئارقىلىق ئۆزلىرى تېپىپ چۈشۈرۋالسا بولىدۇ .
يۇقارقىلاردىن باشقا ، يەنە ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولغان ، ئوچۇق كودلۇق ، ئەمما سىغىمى چوڭراق بولغان تەھرىرلەش دېتاللىرىمۇ بار . - eclipse : كۆپ خىل تىلنى قوللايدۇ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
- Aptana : بارلىق سۇپىلارنى قوللايدۇ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
CSS تەھرىرلىگۈچلەر
PHPتەھرىرلىگۈچلەردە گەرچە CSSھۆججەتلىرىنى تەھرىرلىگىلى بولسىمۇ ، ئەمما CSS ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەشتە يەنىلا كەسپى دېتاللارنى ئىلەتكەن ياخشىراق . دائىم ئىشلىتىلىدىغان CSS تەھرىرلىگۈچلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت .
- Topstyle : ھەقلىق دېتال ، ئاپتۇماتىك ھالدا كود قوشۇش ، كود خاتالىقنى تۈزىتىش ۋە كود ئۈنمىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە . لازىم دېگەنلەرنىڭ دېتال ئىسمىغا ئاساسەن ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ ، چۈشۈرۋىلىشىنى ئەسكەرتىمىز .
- Dreamweaver : ئىقتدارى ئالاھىدە ، كۆپ كىشلەر ئىشلىتىدىغان ، مەخسۇس تەھرىرلىگۈچى دېتال . بۇنىمۇ لازىم دېگەنلەرنىڭ دېتال ئىسمىغا ئاساسەن ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ ، چۈشۈرۋىلىشىنى ئەسكەرتىمىز .
PHP مۇھىتى
WordPressقا نېسبەتەن ھچقانداق چۈشەنچىسى بولمىغان يىڭىياچىلارغا قارىتا ئېيىتقاندا ، ئەڭ ئاقىلانە تاللاش-يەنىلا ئۆز كومپىيۇتىرىدا PHPمۇھىتى قۇرۇش ئارقىلىق ، WordPressقا قارىتا كۆپلەپ سىناش ۋە مەشىق ئېلىپ بېرىپ ، بەلگىلىك چۈشەنچە ۋە سەۋىيە ھازىرلىغاندىن كېيىن ، ئاندىن WordPressئۈچۈن ئشلىتىدىغان مەخسۈس بوشلۇق ئېلىپ بىلوگ قۇرۇشتۇر .
WordPressقا يىڭى قەدەم باسقۇچىلارنىڭ ئاۋال ئويلايدىغىنى ، ھەقسىز بوشلۇق ئىلتىماس قىلىپ بىلوگ قۇرۇپ ، ئاندىن مۇقىم بوشلۇققا كۆچۈش بولسىمۇ ، ئەمما ، ھەقسىز بوشلۇقلارنىڭ چەكلىمىسى ۋە تۇراقسىز بولۇشى ، قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستا ، ماتىرىيال يوللاشقا كېتىدىغان ۋاقتىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك ، ئاسانلا بىلوگ قۇرۇش قىزغىنلىقى سوۋۇپ ، ۋاز كېچىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپرەك ..... - WampServer : بۇ قوللايدىغان سېستىما دائىرىسى بىر كەڭ بولغان ، PHPمۇھىتى قۇرۇش دېتالى ، ئىشلىتىشمۇ قولاي . windowsمەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۆپلىگەن نەشىرلىگە ماسلىشىدۇ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
- Smart Apache : بۇ دېتالمۇ PHPمۇھىتى قۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى دېتاللارنىڭ بىرى .
- چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
FTP بوشلۇققا ھۆججەت يوللاش قورالى
FTPقوراللىرى بولسا كومپىيۇتىردىكى ھۆججەتلەرنى بوشلۇققا يوللايدىغان ، يەنى بوشلۇق بىلەن كۆمپىيۇتىر ئارىسىدا ئۇچۇر ئۇزىتىش رولىنى ئۆتەيدىغان كۆۋرۈك دېتال . شۇنداقلا تور بىكەت قۇرغۇچىلار ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۈرۈر دېتال .....
- Filezilla : يىڭىلىنىش سۈرئىتى تىز ، چەكلمىگە ئۈچراشچانلىقى كىچىك ، ئوچۇق كودلۇق سېستىما .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
- FlashFxp : ھەقلىق دېتال ، 30كۈنلۈك سېناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بار . ئىشلتىش ھەقىقەتەن قولاي دىتال . لازىم دېگەنلەرنىڭ دېتال ئىسمىغا ئاساسەن ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ ، چۈشۈرۋىلىشىنى ئەسكەرتىمىز .
- گەرچە بۇ يازما WordPressقا يىڭى بولغانلارنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولسىمۇ ، ئەمما پىشقەدەم بىلوگگىرلارنىڭمۇ كۆرۈپ پايىدىلىنىشىنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ . چۈشەنمىگەن ياكى يەنە سناقتىن ئۆتكەن قوراللار بولسا ، ئىنكاس شەكلىدە تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز ....
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
بەك ياخشى يازما ئىكەن ، مەن بەك ئىھتىياجلىقتىم . چۈشۈرۈش ئادىرىسنى ئوڭشاپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
ماڭا مۇشۇ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ھەققىدىكى بىلىملەر بولسا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيىتقان بولاتتىم…
بۇ توغۇرلۇق تىخى تەييار يازما يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى بۇ ھەقتىكى دەرسلەرنى يوللىغۇدەك ئىمكانمۇ بولمايۋاتىدۇ .
سىز ھېلقى مۇئەللىم شۇمۇ، مەنمۇ شاگىرتلىققا كىرسەم بولامدۇ..
قايسى مۇئەللىمنى دەيسىزكىن ، مۇئەللىم بىلوگىنڭ قۇرغۇچىسىنى دېسىڭىز ، دەل مەن شۇ ، باشقىسىنى دېسىڭىز ، مەن بولۇشۇم ناتايىن .
يىڭى بىلوگگىرلار توپى كەڭ بىلوگگىر دوستلارنىڭ ئۆگىنىش مەيدانى ، شۇ يەردىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيسىز ……
مەن دىمەكچى بولغان مۇئەللىمۇ شۇ نومۇرى قانچىدۇ. بولسا مەنمۇ قېتىلسام.
مەنمۇ لازىملىق دىتالدىن ئىكىكىنى چۈشۈرۋالدىم، رەھمەت سىزگە ، تىخىمۇ سەرخىل يازمىلارنى يوللايسىز …ھە؟
ما يازمىڭىز لېكىن بەك پېچەت بوپتۇ.. لېكىن ما تەييارلىقلارنى ئۆگىنىپ بولغانتىم.. ئەمدى داۋامىغا تەشنامەن… ئىزدىنىشتىن بىر يازما كۆچۈرۋالغان بىلوگىڭىزغا يوللاپ قويايمۇ لېكىن بەك ئېسىل يازمىكەن.
بولىدۇ ، سىزگە تەھرىرلىك ھوقۇقى بىرەي ، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يوللاپ قويۇڭ .
ئېسىل يازما تونۇردىن قومرۇلۇپتۇ-ھە! مېھنىتىڭىزگە ھەشقاللاھ!
سىزگىمۇ ھەشقاللا ، كۆپ ياردەم ۋە قوللاشلار سىزدىن كېلىۋاتىدۇ .