ۋەھشى تاقا - تۇقا
بۇغداي تەرسەم ئېتىزغا،
پىشىپ كەتتى قوناقلار.
يىتىپ قاپتۇ بالنىستا،
بۇۋام كەيگەن تۇماقلار.
مەن دادامغا دېمەيمەن،
ئاغرىپ قالسا پايپىقىم.
كەپتەرلىرىم ۋاڭبادا،
دېبادىكەن تايچىقىم.
دادام كىردى 13كە،
شۆچەنبەندە ئوقۇيدۇ.
ئوبامامۇ غۇلجىلىق،
توشۇڭ ئېشتان توقۇيدۇ.
بىزنىڭ كالا داشۆسىڭ،
بەك ئۇستىكەن ھاڭراشقا.
دوختۇرخانا ياخشى جاي،
كۆڭۈل ئىچىپ يايراشقا.
سۇغارغىلى ئاپاردىم،
ماشىنامنى دەرياغا.
چۈشۈپ قاپتۇ چاۋسۇغا،
مەلىمىزدە بىر قاغا.
يارىم كەتتى ئاپتونۇمغا،
كىيىپ ئەسكى توشەينى.
يازدا ياققاچ قېلىن قار،
كىيىۋالدۇق بوتەينى.
ئاپام ئەتكەن چۆچۈرە،
يىغلاپ كەتتى ئازاپتا.
چۇۋاۋىلار مەس بولۇپ،
ئۇخلاپ قاپتۇ قاۋاقتا.
تاققا چېقتىم قىيىققا،
سۇدا ھەيدەپ تەرەكتۇر.
ئىچىۋەرمە سەلەركە،
بىنزىن ئىچىش شەرەپتۇر.
پۇلنى خەجلەش ئەجەپ تەس،
لېكىن تاپماق بەك ئوڭاي.
ئۇتىۋالدى كۆڭلۈمنى،
90ياشلىق بىر موماي.
ئەجەپ ئاچچىق ئاق ناۋات،
چاي دەملىدىم تۆمۈردە.
چىرايىڭنىڭ رەڭگى يوق،
گىرىم قىلغىن كۆمۈردە.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 06-كۈنى 12:57 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
ھا ھا ھا ، كۈلۇپ بوللالماي كۆزۇمدىن ياش چىقىپ كەتتى
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 03-كۈنى 2:49 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
شىئىر يامان ئەمەس چىقىپتۇ
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 01-كۈنى 5:13 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
بۇ غۇلجىنىڭ جىليۈز يېزىسىدىكى بىرەيلەن يازغان تاقا- تۇقا شېئىر ئىدى.. ئالامەت يېزىپتىكەن!