ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت ،
قانداق ئەھۋالىڭلار ، خۇتۇن-پوتۇن ، بالا-چاقا ، توخۇ-تۇمان ، ئۆي-ۋاقا ھەممسىسى سالامەتتۇ ؟
مۇشۇ كۈنلەردە ئىشنىڭ تولىلىقىدىن ، قۇندۇزدەك چاچلىرىم ئۇن زاۋۇتىدىكى ئىشچىنىڭ كاللىسىدەك ئاقىرىپ كەتتى .
نېمە ئىشلاركىن دېمەڭلار ، شۇ ئۆزەڭلار بىلىسىلەر ،مۇشۇ تور سودىسى دېگەن نەرسىگە ئالامەت قىزىقىپ ، تورسودا دىگەن ئاداشنى ئىزدېسەم ، ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ ، دۇم يېتىپ ئۇخلاپ قالدىمىكى؟ قاندا بولدىكى ، ئىشىكى قاقسام ئىچىلماي بىزاز بولۇپ ، بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كىتىن ھېيىت كېلىپ قالدى ، شۇندا قىلىپ پەتىلەپ كىلەي ئەمدى ، دەپ قارىسام ئىشكى يەنە قۇلۇپلاغلىق ، ئىچىمدە ماۋۇ ئاداش قىيىن ئانىسغا ساداقەتمەنلىك كۆرسەتلىكى كىتىپتۇ دە ، دەپ ئويلاپ ، دوغاپنىڭ قىشىغا بېرىپ دوغاپ ئىچكەچ پەتىلەپ تىچ ئامانلىق سورىشىپ كىلەي – دەپ ، قارىسام دۇكان سايمانلىرىنى شۇ پىتى قويۇپ قويۇپ نەگە ماڭدىكىن تاڭ ؟ يوغان بىر كاللەك مۇز تۇرۇپتكەن ، ئو مابالىنى دوكانى شۇ پىتى قويۇپ گۆشكە ئالدىراپ قاپتۇ دەپ ئويلىدىم .
ئەسلىدىكى پىلانىم بولسا ھەممەيلەنى ئەگەشتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ ئۆيىنى تازا پاتپارق قىلىۋىتەيلى دەپ قارىسام ، دوغاپنىمۇ تاپالمىدىم . ئىلھامىم نەدىن كەلدىكىن بىلمىدىم تۆۋەندىكى شېئىر كەپقالدى.
مۇز چىراي جامالىڭ جىنىم ئاغىنەم،
ئەسلى ئىسمىڭ ھەمنەپەس ئىدى.
بوسوغىدا قالدىم جان ئاداش ،
دوغاپ لىرىڭ بۇرنۇمدىن ئاقتى ،
بۇ شېئىر نى ئوقۇپ بولۇپ ، ئەمدى سەت تۇرمىسۇن ، ئۇيغۇربەگنى يوقلاپ ئوتەي ، ياقا يۇرتتا مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى بوش تارتمىغاندۇ-دەپ كىرسەم ، نەدە بۇ بەگمۇ قىزىقارلىقكەن ، چەتئەلگە چىقىۋىلىپ ، ئويۇن دېگەنى تازا ئوينىدىمىكى ، يا بىلمىدىم . ساپلا ساياھەت ۋە چىرايلىق قىزلارنىڭ رەسىملىرى......
ئۇيەر دىن ئوتۇپ سارايۋەنىڭ جىڭياڭ داۋىنىدا ئاچقان ئۇسلۇپخانىسنى تازا مالماتاڭ قىلىۋىتىپ ، داۋاندىن چۇشكۈچە تەشنا باققان تاغىل مۇشۇكنى كۆرۇپ قورقۇپ كىتىپ ، ئۇدۇلا سالىخانىڭ ئويىگە چۇشۇپ كەتسەم بولىدۇ ، سالىخانىڭ بىرمۇنچە تاپا تەنىسىگە چىداپ بولالماي ، ئۇيغۇرجانى يوقلاپ ، چىم بولۇپ كەتكەن بىلىمنى رۇسلاپ ، بىكئال قارىنى تاپالماي پۇتلىرىمنى قاپارتىپ ، مۇئەللىمكامنىڭ ئەسەرخانىسىدا قاچان ھىتلىق چاي قۇياكىن ؟ دەپ ، گەدەننى قاشلاپ ئولتۇردۇم......
ئاپتور : ۋەھىمە
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى 9:57 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،كىچىكىپ بولسىمۇ ئايىمىڭلىگە بولسۇن
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 01-كۈنى 10:28 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
ئىلھام دېگەن بار يەردە باكەن مانا.قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!ۋەھىمە جان.