يۈمۇرنىڭ يامىنى
ئايالىم بىلەن كوچا ئابتۇبۇسىدا كىتىپ باراتتۇق، تۇيۇقسىز ماشىنا بىر سىلكىنىپ يىنىمدىكى ئەرنىڭ پۇتىغا دەسسەپ سالدىم،دەرھال :كەچۈرۈڭ،قەستەن قىلمىدىم ـ دىيىشىمگە ، ھىلىقى ئەر :ئاكاڭنىڭ ئايىغىنىڭ نەچچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەمسە،دەسسەپ قويۇپ تۆلىيەلەمسە؟ دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى، ئەتراپىمدىكىلەردىن بەك خىجىل بولۇپ، پورتمالىمدىكى پۇلنى ئىلىپ يۈزىگە بىر ئاتاي دەپ قولۇمنى يانچۇقۇمغا سىلىشىمغا ، ئايالىم مىنى دەرھال قۇچاغلاپ يىغلامسىرىغان ھالدا: قەدىرلىكىم، ماڭا ئەمدى ئادەم ئۆلتۈرمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەنغۇ،يەنە تاپانچىڭىزنى يانچۇققا سىلىۋاپسىزدە ؟ دىيىشىگە ھىلقى ئەر ئالدىمدە پوككىدە تىزلىنىپ : مىنى كەچۈرۈڭ ،مەن خاتالىشىپتىمەن …… دىمەسمۇ، خوتۇننىڭ ئەقلىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم،مۇشتا خوتۇن بولسا ئۈچ تۆتنى ئەپ قويسام دەيمەن……
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ