قىزىقارلىق يۇمۇرلاردىن تاللانما

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بىر قاغا بىر پارچە گۆشنى ئۇغۇرلاپ كىلىپ بىر دەرەخكە كېلىپ قۇنۇپ تۇرسا، بىر تۈلكە بۇنى كۆرۈپ قېلىپ كۆڭلىدە قاغا دىگەن دۆت نىمە، ئىككى-ئۈچ ئېغىز ماختاپ قۇيسام ئۆزىنى بىلمەي قاقىلدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاغزىدىكى گۆش چۈش كەتسە يەۋالمايمۇ دەپ ئۇيلاپ قاغىغا:
-ھەي قاغا ،-دەپتۇ، قاغا پىسەنت قىلماپتۇ،تۈلكە يەنە :
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك قاغا، سەن بەك چىرايلىق جۇما،--دەپتۇ. قاغا يەنە پىسەنت قىلماپتۇ، تۈلكە يەنە نۇرغۇن شىرىن-شىكەر گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ قاغا يەنىلا جىم تۇرۇۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈلكە جىلە بولۇپ:
-ھەي قاغا نەدىن سەن؟-دىسە، ھېلىقى قاغا ئاغزىدىكى گۆشنى پۇتىدا چىڭ قىسىۋېلىپ تۇرۇپ:
-مەن ئاتۇشتىن،-دىگۈدەك.
( 10 )
ساراڭلار ساناتورىيەسىدە دوختۇر ئىككى ساراڭنىڭ ساقايغان-ساقايمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئورۇندۇق ياساشنى بۇيرۇپتۇ، ئۇلار ياساپ بولغاندىن كېيىن ياسىغان ئورۇندۇقلىرىنى سىرلاشنى بۇيرۇپتۇ، سىرلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا يېڭى سىرلىغان ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇ ئىككى ساراڭنىڭ ئىچىدىكى بىرى بېرىپلا ئولتۇرۇپتۇ، يەنە بىرى گېزىت قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ. دوختۇر كۆڭلىدە ماۋۇ ساراڭ ساقايغان ئوخشايدۇ دوپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن:
- ھەي، سەن نېمىشقا ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە گېزىت قويۇپ ئولتۇرىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ساراڭ:
- ماۋۇ ساراڭدىن ئېگىزرەك ئولتۇراي دېدىم. - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

( 11 )
قىممەت ئۆي
يېڭى توي قىلىپ ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۋاتقان ياش ئەر-ئايال پاراڭلىشىپتۇ؛
ئايال؛بىزمۇ قاچان باشقىلارغا ئوخشاش قىممەت باھالىق ،ئېسىل ئۆيدە ئولتۇرامىز،بۇ ئەسكى ئۆيدىن جاق تويدۇم!
تاپا-تەنىدىن زېرككەن ئەر خۇرسىنغان ھالدا دەپتۇ؛
-كېلەر ئايدىن باشلاپ قىممەت ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولدۇق.
-نېمە،يېڭى ئۆي ئالىمىزما!
-ياق،بايا ئۆي ئىگىسى تېلېفون قىلىپتۇ،كېلەر ئايدىن باشلاپ ئۆينىڭ ئىجارسنى بىر ھەسسە ئۆستۈرىدكەن.
( 12 )
ئۇچ پوچى
ئۇچ پوچى تازا ئىچىپ قىزىغاندىن كېيىن خوتۇنلىرنىڭ ئەۋرشىملىكىنى ماختاپ پو ئېتىشقا باشلاپتۇ؛
بىرنچى پوچى؛مېنىڭ خوتۇنۇم شۇنداق ئەۋرشىمكى بوينىغا يۆگەيدىغان شارپىنى كىيىم ئورنىدا كىيەلەيدۇ.
ئىككنىچى پوچى؛مېنىڭ خوتۇنۇم شۇنداق ئەۋرشىمكى،ئالدىنقى كۈنى ئۆيدە مۇنچىغا چۇشمەن دەپ،ئىككى پۇتى
سۇ چۈشۈرۈش تۇرۇبىسغا كىرىپ كېتىپتىكەن ئاران تەستە تارتىپ چىقىرىۋالدىم.
ئۈچىنچى پوچى؛ سىلەرنىڭ خوتۇنۇڭلار ئانچە ئەۋرشىم ئەمەسكەن ،مېنىڭ خوتۇنۇم ئالدىنقى كۈنى شاپتۇل يەپ،
ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇرۇقچىسىنى يۇتۇۋالغان ئىدى،سىرتقا چىقسا قوشنىلار قورسقىڭىزدىكى بوۋاق قانچە
ئايلىق بولدى دەپ سۇراپتۇ.
( 13 )
مۇمكىن ئەمەس
ۋىجىك بىر ئادەم قىقاس-چۇقانغا تولغان قاۋاققا كىرىپ توۋلاپتۇ؛
-سىرتتكى تېبەت ئىتى كىمنىڭكى؟
ناھايىتى بەستىلىك كەلگەن بىرسى دېۋەيلەپ كېلىپ دەپتۇ؛
-مېنىڭكى،نېمە بولدى؟
ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قورققان ۋىجىك ئادەم دەرھال مۇلايىملىشىپتۇ؛
- كەچۈرۈڭ ئەپەندى، ئىتىڭىزنى كۈچۈكۈم ئۆلتۈرۈپ قويدى.
بەستىلىك كىشى مەسخىرىلىك كۈلۈۋەتكەندىن كېيىن دەپتۇ؛
-بۇ پەقەتلا مۈمكىن ئەمەس!قېنى ئېيتە ،مېنىڭ ئىتىم شۇنداق يوغان ھەم ياۋۇز تۇرسا ،سېنىڭ كۈچۈكۈڭ
قانداق ئۆلتۇرۇپ قويدى؟
-كۈچۈكۈم ئىتىڭىزنىڭ گېلغا تۇرۇپ قېلىپ ئۆلتۇرۇپ قويدى...
( 14 )
بىر يىگىت يولدا كېتىۋېتىپ بىر پالچىغا ئۇچراپ قاپتۇ ۋە پال ئاچقۇزماقچى بوپتۇ. پالچى:
- ئوغلۇم، سەن ھاياتىڭدا ئۈچ قېتىم ئۆيلىنىدىكەنسەن، كېيىن بىر سەۋەب بىلەن قارىلىنىپ 10 يىل تۈرمىدە ياتىدىكەنسەن، ئۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىڭ ئەسلىگە كېلىپ ئۆسۈپ چوڭ ئەمەلدار بولىدىكەنسەن؛ ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىدا پىچاق يەپ ئۆلىدىكەنسەن. - دەپتۇ. يىگىت ئۇنىڭغا ئىشەنمەي پۇلمۇ بەرمەي كېتىپ قاپتۇ.
كېيىن پالچى دېگەندەك ئۈچ قېتىم ئۆيلىنىپتۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىپ كېتىپ 10 يىل تۈرمىدە يېتىپتۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئاقلىنىپ چىقىپ كاتتا ئەمەلدار بوپتۇ. بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى پالچى ئېسىگە كېلىپ ئويلاپ باقسا پالچىنىڭ ھەممە گېپى توغرا چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بەكلا قورقۇپ كېتىپ پېنسىيەگە چىقىۋېلىپ ئۆيىگە بېكىنىۋاپتۇ. تالا-تۈزگە چىقىپ قالسىمۇ «پىچاق يەپ كېتىش» تىن قورقۇپ تام ياقىلاپ بېرىپ تام ياقىلاپ قايتىپ كېلىدىكەن، ھېچكىم بىلەنمۇ ئارىلاشماپتۇ.
ئاخىرى قانداق بوپتۇ دېمەمسىلەر، جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە جان ئۈزۈپتۇ.
( 15 )
تۇغۇت بۆلۈمىگە يېڭىدىن تەقسىم قىلىپ كەلگەن سىستېرا قىز بىر دوختۇردىن سوراپتۇ :
- دوختۇر، دىققەت قىلدىڭىزمۇ بىلمىدىم. يېقىدىن بۇيان تۇغۇت بۆلىمىمىزگە كىرگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغىۋاتىدۇ، بۇنڭىدىكى سەۋەپ زادى نىمە ؟
دوختۇر پەرۋاسىزلا مۇنداق دەپتۇ:
- ھازىر جەمىيەت ئامانلىقى بارغانسىرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنداق شارائىتتا كىممۇ سىرتقا يالغۇز چىقىشقا پېتىنالايدۇ؟
( 16 )
بىر ئايال ئۆيىنى سىرلىتىش ئۈچۈن سىرچى ياللاپتۇ، ھېلىقى سىرچى كەچ كىرگۈچە ياتاق ئۆينى ئاران سىرلاپ تۈگىتىپتۇ ۋە قالغان ئىشنى ئەتىسى كېلىپ قىلىدىغانغا دېيىشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. كەچتە ھېلىقى ئايالنىڭ يولدىشى قايتىپ كېلىپ، چىراقنى ياندۇرماقچى بولۇپ قۇرۇمىغان تامنى تۇتۇۋېلىپتۇ، بەش قولىنىڭ ئىزى تامغا چىقىپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە سىرچى يەنە ئىشلىگىلى كەپتۇ، ھېلىقى ئايال سىرچىغا:
- ياتاق ئۆيگە كىرىڭە، مەن سىزگە ئاخشام يولدىشىم تۇتقان يەرنى كۆرسىتىپ قوياي - دەپتۇ.
سىرچى ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
- كەچۈرۈڭ خانىم، مەن گەرچە نامرات بولساممۇ دىيانەتلىك، پاك ئادەممەن؛ ناشايان ئىشلارنى قىلمايمەن- دەپتۇ.
( 17 )
بىر ئايال بىر كوزىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. كوزىنىڭ ئىچىدىن دىۋىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ:
-ئەگەر مېنى مۇشۇ كوزىنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسىڭىز ئۈچ تىلىكىڭىزنى ئورۇنلاپ بېرەتتىم.
ئايال دىۋىنى قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ، دىۋە ئايالغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ ۋە:
- رەھمەت سىزگە، بايام سىزگە دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن، ھەرقانداق تىلىكىڭىزنىڭ قوشۇمچە شەرتى بار. ئۇ بولسىمۇ سىز نېمىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئېرىڭىز شۇنىڭ 10ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ-دەپتۇ.
ئايال بۇنى ئاڭلاپ:
- كېرەك يوق، بىرىنچى تىلىكىم دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال بولغۇم بار-دەپتۇ. دىۋە ئەسكەرتىپ:
بۇ تىلىكىڭىز ئېرىڭىزنى سىزدىن 10ھەسسە كېلىشكەن قىلىۋېتىدۇ، بارلىق ئاياللار ئۇنى قوغلىشىدۇ-دەپتۇ.
- كېرەك يوق، چۈنكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن ئەڭ چىرايلىق-دەپتۇ ئايال. دىۋە بىر ئەپسۇن ئوقۇپتىكەن، ئايالنىڭ تىلىكى ئەمەلگە ئېشىپتۇ.
-ئىككىنچى تىلىكىم دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال بولۇش-دەپتۇ ئايال. دىۋە يەنە ئەسكەرتىپتۇ:
-بۇ تىلىكىڭىزمۇ ئېرىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ باي ئەر قىلىۋېتىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ بايلىقى سىزنىڭكىدىن 10ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
-كېرەك يوق ئۇنىڭ بايلىقى مېنىڭ بايلىقىم ، مېنىڭ بايلىقىم ئۇنىڭ بايلىقى- دەپتۇ ئايال. دىۋە بىر نەچچە ئېغىز ئەپسۇن ئوقۇشى بىلەنلا ئىككىنچى تىلىكىمۇ ئەمەلگە ئېشىپتۇ. دىۋە ئايالدىن ئاخىرقى تىلىكىنى سوراپتۇ. ئايال بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
-مېنىڭ يېنىك دەرىجىدە يۈرەك كېسىلى بولغۇم بار-دەپتۇ.
( 18 )
چامباشچىلىق گۇمپىسى ئۆگەنگەن بىر شاكىچىك بىر كۈنى مەھەللىدىكى يەنە بىر شاكىچىكتىن تاياق يەپ ئۆيىگە يىغلاپ كىرىپتۇ، بۇنىڭدىن بەكمۇ نومۇس ھېس قىلغان دادىسى ئوغلىنى نوقۇشلاپ تۇرۇپ :
_ ھۇ يارىماس! سەن ئىككى يىل گۇمپا ئۆگەنگەن تۇرۇقلۇق، مەھەللىنىڭ چۇپرەندە لۈكچەكلىرىگىمۇ تېتىيالمىدىڭمۇ ؟ - دەپ ئاچچىقلاپتىكەن، ئوغلى ئېسەدەپ يىغلىغىنىچە :
_ ئۇ لۈكچەك چىدىماسلىق قىلدى ... - دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادىسى ئاچچىقتىن لاغ-لاغ تىتىرەپ تۈرۈپ :
_ ئېيتە، ئۇ قانداق چىدىماسلىق قىلدى؟ - دىسە، ئوغلى شاپپىدە يىغىسىنى توختۇتۇپ :
_ ئۇ لۈكچەك چامباشچىلىقنىڭ قائىدىسى بويىچە مۇشتلاشمايدىكەن ... - دېگۈدەك.
( 19 )
بىر كۈنى ئانىسى 16-17 ياشلارغا كىرگەن بالىسىغا ئۆيىدىكى خورازنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىپ كېلىشىنى بۇيرۇپتۇ ۋە 30يۈەندىن كەم ساتماسلىقنى تاپىلاپ يولغا ساپتۇ؛ بۇ بالا يولدا ماڭغاچ كۆپرەك پۇلغا سېتىپ ئاشقىنىنى خەجلەشنى ئويلاپ بازارغا كىرىپتۇ. بىر ئادەم كېلىپ سوراپتۇ:
- خوراز قانچە پۇل؟
- 60 كوي.
- 30 كويغا بېرەمسەن؟
- ياق كەم بولا - دەپ بەرمەپتۇ.
ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ئايال كېلىپ خورازنى ئۆيىگە ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈپ بېرىشكە 50يۈەنگە كېلىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، توخۇنى ئەمدى بوغۇزلاي دەپ تۇرۇشىغا ئىشىكنى بىرسى چېكىپتۇ، ئايال جىددىيلىشىپ ئۇ بالىغا:
-يولدىشىم خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن، سىزنى مۆكتۈرۈپ قوياي - دەپلا بالىنى توخۇ بىلەن قوشۇپ ئىشكاپقا سولاپ قويۇپ، بېرىپ ئىشىكنى ئاچسا بۇ ئايالنىڭ ئاشنىسى ئىكەن، بۇ ئايال چاندۇرماي ئۆيگە باشلاپ، چاي قۇيۇپ بېرىپ بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، توخۇنىڭ گېپىنى دەي دەپ تۇرۇشىغا يەنە ئىشىك چېكىلىپتۇ، ئايال دەرھاللا ئۇنىمۇ ھېلىقى ئىشكاپقا سولىۋېتىپ، ئىشىكنى ئاچسا بۇ قىتىم ئېرى راستىنلا كېلىپ قالىدىكەن. ئايال ئامالسىز قېلىپ تاماق ئېتىپ يەپ، ئەندىشە ئىچىدە يېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشكاپتىكىلەر چىقالماي ئىشكاپتا تۈنەيدىكەن، يېرىم كېچە بولغاندا بالىنىڭ ئىچى پۇشۇپ ھېلىقى ئادەمگە:
- ئاكا توخۇ ئالامسىز؟ - دەپتۇ. بۇ ئادەم بۇ گەپتىن تېرىكىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ:
- كېچىدە ئاز گەپ قىل شۇمتەك - دېسە، بالا:
- ئالمىسىڭىز ۋاقىرايمەن، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ:
- قانچىگە ساتىسەن؟
- 100كوي.
- 30 كويغا ئالاي.
- 100 كويغا ئالمىسڭىز ۋارقىرايمەن - دەپتۇ، بۇ ئادەم ئامالسىز توخۇنى ئاپتۇ، يەنە بىردەمدىن كېيىن بالا:
- ئاكا توخۇنى 20 كويغا ماڭا سېتىپ بېرىڭ - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئادەمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
- مېنى ساراڭ كۆرمە، ھېلى بېكار بوغۇۋېتىمەن - دېسە، بالا:
- ئەگەر ساتماي بوغىمەن دېسىڭىز ئىشكاپنى تېپىپ ۋارقىرايمەن، - دەپتۇ. ئۇ ئادەم ئامالسىز توخۇنى بېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ بالا كېچىچە توخۇ ئېلىپ - سېتىپ 500 يۈەن تېپىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ھېلىقى ئايال ئاشنىسىنى ئاۋۋال چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن بالىغا50يۈەن بېرىپ توخۇنى ئېلىپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بالا خۇشال ھالدا قايتىپ، ئۆيگە كىرسە ئانىسى ئاچچىقلاپ ئاخشام نېمىشقا ئۆيگە كەلمىگەنلىكىنى سوراپ بولغۇچە، دادىسى كېلىپ بالىنىڭ قولىدىن تارتىپلا سىرتقا ئېلىپ چىقىپ:
- يانچۇقىڭدىكى 500 كوينى چىقىرە، شۇمتەك - دېگۈدەك.
ئاپتور : كەپتەرۋاز

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :3   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   2   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   1 پارچە

  1. ئىنتىزار 3

    مۇئەللىمكام ئالدىراشچىلىقتا بىكەتكە قارىيالماپسېزدە

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @ئىنتىزار كۈندە بىر قېتىم قاراۋاتىمەن بولمىسا ….

      • ئىنتىزار 3

        @مۇئەللىم چۈننىمۇ تاقىۋەتتىڭىز بىرەسىمىزدىن بەكلا رەنجىپ كەتتىڭىزمۇ ھېچ ئۇقالمىدىم

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: