جىن تۇتىۋالدىم

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

جىن تۇتىۋالدىم

(ھېكايە)

ۋاقىت خېلى بىر كەم بولغان بولسىمۇ ، ھېچ ئۇيقۇم كەلمەي كومپىيوتېر ئېكرانى ئالدىدا يالغۇزدىن- يالغۇز ئولتۇرۇپ تور ئارلاپ ئۇنى-بۇنى كۆرۈۋاتاتىم.تۇيۇقسىز سىرىتتىن تونۇش بىر قىزنىڭ مېنى چاقىرغىنى ئاڭلاندى:

_ئالىمجان !

_ھە…،_دېدىم-يۇ،يۈرۈكۈم ئېغىپ كەتتى.كومپىيوتېرنىڭ ۋاقىت كۆرسەتكۈچى كېچە سائەت بىرنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى.بۇ تەڭ كېچىدە مېنى چاقىرغان تونۇش ئاۋاز كىمنىڭ ئاۋازى بولغىيتى؟ئاپلا!ئانام رەھمەتلىك<<كېچە بىركىم ئىسمىڭىزنى چاقىرسا،ئۈچ قېتىم قىچقارمىغۇچە ھە دېمەڭ،جىن-ئالۋاستىلار ئۇرۇق-تۇغقان،ئەل-ئاغىينىلىرىڭىزنىڭ ئاۋازنى دوراپ چاقىرىدۇ،ئۈچ قېتىمغىچە ھە دېمىسىڭىز ئۇ ئۆزلىكىدىن كېكەچلەپ قېلىپ سىزنى چاقىرالماي كېتىدۇ دېگەندەك قىلغان.ئەستا ئەمدى قانداق قىلارمەن.

_ئولتۇرسام بولامدۇ؟!

چۆچۈپ ئارقامغا قارىدىم.رەڭگىنى بىلىۋالغىلى بولمايدىغان،سانىۋالغىلى بولغۇدەكلا ئاز چاچلىرى ساڭگىلاپ يەر سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان،ئىگىز بوي،يىرىم  يالىڭاچ بىر قىز ئارقامدا قاراپ تۇراتتى.

_سىز…سەن…سەن كىم بولىسەن؟!

_تونىمايۋاتامسىز يىگىت،مەن سىزنىڭ سۆيگۈنىڭىز بولىمەن،كېلىڭە بىردەم كۆڭۈل ئاچايلى!

شۇ ئەسنادا ھېلىلا تېخى ئون ئادەم ئىتتەرسىمۇ ئېچىلمايدىغان بىخەتەر ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىغانلىقىم يادىمدىن كەچتى.

_سەن،سەن ئۆيگە نەدىن كىردىڭ؟

_ھى-ھى،سىز شۇنى بىلمەكچىمۇ؟مەن سىم بىلەن بىرگە ئاۋۇ تۇرۇبىنىڭ ئىچىدىن كىردىم.قانداق يامانمىكەنمەن.

ئۇ ئاۋال كومپىيوتېرغا چېتىلغان تېلېفۇن سىمىنى،ئاندىن سىمنى ئۆيگە ئېلىپ كىرگەن تامغا ئورنىتىلغان بارمىقىمدەك چوڭلىقتىكى يالتىراق تۇرۇبىنى كۆرسەتتى . شۇ ھامان مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.

_ئۇ…ئۇ يەردىن قانداق پاتتىڭ؟

_مەن تۇرۇببىدىنلا كىرمىدىم.سىمنىڭ قېپى ئىچىدىكى تور سېگناللىرى بىلەن بىرگە كىردىم.

_تېز…تېز يوقال ئالۋاستى!سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق!

_لېكىن مېنىڭ سىزنى كۆرگۈم بار،ئەمدى مېنى چىقىرۋېتەلمەيسىز،

مەن ھەر كۈنى كېچىدە يېنىڭىزدا بولىمەن.

ئاھ خۇدا! ئۇ قىچارغاندا نېمىشقىمۇ ھە دېگەندىمەن ، كومپىيوتېرنى نېمىشقىمۇ تورغا ئۇلاتقاندىمەن ، ئەمدى مەن قانداق بولۇپ قالارمەن،ساراڭ بولۇپ قالارمەنمۇ،گاچىمۇ؟بۇ جىن مېنىڭ ئۆپكەمنى ئېلىپ چىقىپ كېتەرمۇ،يۈرۈكىمنى ئېلىپ قېچىپ كېتەرمۇ؟بىرەر ئايەت ئوقۇپ باقسام قانداق بولار؟ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ،ئۆزەم بىلىدىغان ئايەتلەرنى يادىمغا ئېلىشقا تىرىشتىم.شۇغىنسى بىرمۇ ئايەت يادىمغا كەلمىدى.جىن بولسا يالىڭاچ بەدەنلىرىنى ماڭا سۈركەپ ئەتراپىمدا ئەگىپ يۈرەتتى.ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى ئويلاۋېتىپ ، تۇيۇقسىزلا بوۋامنىڭ :«جىننىڭ چېچىدىن بىر تال يۇلىۋېلىپ پىچاق ياكى سۈپۈرگىگە چىگىپ قويسا جىن ئادەمنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،نېمە دېسە ئادەمنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ » ، دېگەن سۆزلىرى ئېسىمگە كەلدى.

مەن ئۇنىڭ كونۇپكا تاختىسى ئۈستىگە ساڭگىلاپ تۇرغان چېچىنى پەم بىلەن خۇددى كېچىدە قونداقتىكى كەپتەرنىڭ پۇتىنى تۇتقاندەك كاپ قىلىپلا مەھكەم تۇتىۋالدىم.ئۇ ئېچىنىشلىق چىقىرىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچتى.بىر تۇتام يىرىك چاچ قولۇمدا قالدى.شۇندىلا ئۇنىڭ باياتتىن مەن پەقەت كۆرمىگەن ئارقا تەرىپى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى.جىننىڭ دۈمبىسى ۋە چوققىسىدىن تاپىنىغىچە بولغان جايلىرى خۇددى چوڭ تىراكتورنىڭ تاش كامىرىنىڭ ئىچىدەك كامار ئىدى.

جىن گەرچە قاچقان بولسىمۇ،ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ يەنە كەينىگە قايرىلدى.ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىدا بايىتىنقى خوشاللىقنىڭ ئىزناسىمۇ يوق ئىدى.ئۇ كۆزۈمگە تولىمۇ بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى.بوۋامنىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەن راستكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

تۇرۇپلا مەندىكى باياتىنقى قورقۇنۇچ ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدى.

_ئالىم  مۇئەللىم،چېچىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ!_دېدى ئۇ ئايانچلىق ئاۋازدا.

_بۇ ئۆمرۈمدە ئاران ئېرىشكەن چاچنى قايتۇرۇپ بېرەمدىمەن؟ مۇمكىن ئەمەس!

_مەن سىزگە نېمە دېسىڭىز،شۇنى قىلىپ بېرەي،چېچىمنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز!

_سەن ماڭا نېمە قىلىپ بېرەلەيسەن؟

_نېمە قىلىپ بەر دېسىڭىز،شۇنى قىلىپ بېرەي.

_شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە ئاۋۇ تاپشۇرۇق دەپتەلەرنى تەكشۈرەلەمسەن؟

_تەكشۈرەلەيمەن!تەكشۈرەلەيمەن!

_ئەمىسە تەكشۈرە!مەن بىر كۆرەي....

مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگۈم كەلمەي،قولۇمدىكى چاچلارنى بوۋامدىن قالغان تەۋەرۈك پىچاقنىڭ سېپىغا يۆگەپ قويۇپ ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشىگە سەپ سالدىم.ئۇ قىرىق دانە دەپتەردىكى تاپشۇرۇقلارنى بىردەمدىلا شۇنداق توغرا ۋە ئۆلچەملىك تەكشۈرۈپ تۈگۈتىۋەتتى.

_جېنىم ئاكا،ئەمدى چېچىمنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز!

_نېمە قىلىسەن تۆت تال چېچىڭنى؟

_ئەگەر بىر چېچىم كەم بولسا،شاھىمىز مېنى جىنلار قەۋمىگە ئاياق باستۇرمايدۇ.شۇڭا…

_ئۇنداق بولسا،مېنىڭ ئۆيۈمگە نېمىشقا كىردىڭ؟

_سىز يالغۇز بولغاچقا مەن شۇ كۆڭلۈمنىڭ كەينىگە كىرىپ ، كىرىپ ساپتىمەن.ئەمدى ھەرگىز ئۆيۈڭىزگە يېقىن يوللىمايمەن!

-مەن سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قانداق ئىشىنىمەن؟

_ئەمىسە مەن ھازىرلا ،يەتمىش ئىككى مىڭ ئاكا-ئىنى،ھەدە-سىڭىللىرىمنىڭ ھەممىسىنى چاقىراي،ھەمىمىز بىرلىكتە قەسەم قىلىپ بېرەيلى.

_سېنىڭ يەتمىش ئىككى مىڭ ئاكا-ئىنى،ئاچا-سېڭىلىڭ بارما تېخى!

_ياق،ياق،مەن راست گەپ قىلاي،سەكسان سەككىزمىڭ قېرىندىشىم بار؟

_مەن سىلەرنىڭ قەسىمىڭلەرگە نېمە دەپ ئىشەنگۈدەكمەن؟

_ئەمىسە،سىزگە دەخلى قىلماسلىق ھەققىدە بېتىم تۈزەيلى،ماقۇلمۇ؟

قانداق قىلسام بولار؟ ئۇلار بىلەن بېتىم تۈزسەم،ئۇلار ۋەدىسىدە تۇرارمۇ؟ياكى ئەتە تاڭ ئاتقاندا قەغەزگە يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى غەيىپ بولۇپ كېتەرمۇ؟

_ھەي جىن،سەن بۈگۈن قايتىپ،ئەتە كەل!مەن بىر تورداشلىرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي،چېچىڭنى بەرگۈدەك بولسا ئەتە بېرەرمەن.

_ماقۇل.

ئۇ تېخىمۇ ئىگىزلەپ ئىنىچكىرگەن پېتى بېشىچە بىر شۇڭغۇپلا مائوسنىڭ ئاستىغا كىرىپ ، كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى.ماڭا تورداشلار،بولۇپمۇ قىز تورداشلار ھازىر توردا بولساڭلار بۇ جىندىن ھەرگىز قورقماڭلار،ئۇنىڭ تىزگىنى مېنىڭ قولۇمدا!

ئاپتور : ۋەھىمە

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « ۋەھىمە» ھەققىدە

  • تور دۇنياسىدا ۋەھىمە نامىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلدىم . قورقۇنۇچلۇق ۋەقەلىكلەرگە بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى «ۋەھىمە بىلوگى» نىمۇ قۇرۋالدىم ، بۇ بىلوگقا ئاساسلىقى جىن-ئالۋاستىلارغا ئائىت يازمىلار ، كىنو-فىلىملەر يوللىنىدۇ . ئەگەر سىزدىكى يۇرەكنىڭ شىجائىتىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز ، بىلوگىم جىنلىرى بىلەن سىزنى ھەر ۋاقىت قىزغىن قارشى ئالىدۇ ...

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :4   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   3   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   1 پارچە

  1. ئىشقىيار 4

    يائاللا ،تەسەۋۋۇر دىگەن بار يەردە با ھە ،مەنمۇ تىخى ئاپتورىغا قارىماي مۇئەللىمكام نىمانداق تەسەۋۋۇرغا بايدۇ دەپ قاپتىمەن ،،راست كەپتۇ ماۋۇ ،تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغۇدەك . :grin: :grin: :grin:

  2. bilikal 5

    ئوخىشىتپ قويۇپتۇ . :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: مەن ئاپتۇرىغا قارمغان بولسام مۇئەللىمىنى يازدىمىكى دەپ قالغۇدەكەنمەن.

  3. دوغاپ 5

    يا ئاللاھ، يېزىپ قويۇپسىز جۇمۇ بۇنى! :wink:

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @دوغاپ بۇ ۋەھىمىنى دەيمەن ، ئىككىمىزنىڭ ئىسمى ئوخشاش ، ئەمما ۋەقەلىك ئىچىگە مېنى قىستۇرۇپ قويۇپتۇ ، دېسە . نەدىمۇ جىنغا تاپشۇرۇق تەكشۈرتىدىغان ئىش بار ؟
      مېنىڭ كومپىيۇتىر دەرسى ئۆتىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ ، ماتىماتېكا تاپشۇرۇق تەكشۈرتكۈزۈپتۇ ، يا مەن كومپىيۇتىر دەرسىدە ماتىماتېكا تاپشۇرۇق بەرمىسەم …….. :lol:

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: