قاتتىق دېسكا رايۇنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۇرغۇن دوستلار كومپىيۇتىرغا سېستىما قاچىلاش جەريانىدا ، بولۇپمۇ ئاپتۇماتىك قاچىلاش ئەمەس بەلكى ئۆزى بۇيرۇق بېرىپ قاچىلاش ئۇسۇلىدا ، خاتا بېرىلگەن بىر بۇيرۇق بىلەن ، بارلىق دېسكا رايۇنلىرى بىرلشىپ ، بىر دېسكا رايونىغا ئايلىنىپ قىلىش سەۋەبلىك ، نۇرغۇن يىللار ساقلىغان ئۇچۇرلارنى يوقتىش خەۋىپىگە دۈچ كېلىمىز .
بىلمىگەنلەر بولسا قاقشاپ-قاقشاپ مەيلى بوپتۇ دەر ، ياكى ئازغىنە پۇل خەجلەپ ئەسلىگە كەلتۈرگەنمۇ بولار . ئەمما ، مەن سۆزلىمەكچى بولغان بۇ ئۇسۇلدا ، قاتتىق دېسكا رايۇنىنىڭ 100% ئۇچۇرلىرى بىلەن ئەسلىگە كەلگىنىنى ئۆزۈم سىناپ بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم .
شۇڭلاشقا ياخشى ئۇسۇللارنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ، دوستلارنى قېينچىلىقنى ھەل قىلىۋىلىشى يۈزىسىدىن ، تەجىربىلىرىمنى بۇ يەردە سۆزلەش نېيىتىگە كەلدىم ......

ئاساسلىق قەدەم باسقۇچلار ۋە لازىملىق قوراللار :
بىر دانە Ghost سېستىما دېسىكىسى (ئەسكەرتىش : قوراللار تىزىملىكىدە DISKFIX بۇيرۇقىنىڭ بار يوقلىقىغا ئوبدان دىققەت قىلىڭ )
1) كومپىيۇتىرنى ئوپتىك دېسكىدىن قوزغىتىش بۇيرۇقى بېرىڭ . ھەمدە رەسىمدىكى ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن تىزىملىككە كېرىڭ .
1

2)بۇ تىزىملىككە كىرگەندىن كېيىن ، يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ . بۇ كۆزنەكتە دائىم ئىشىلىتىلىدىغان بىر تۈركۈم سېستىما بۇيرۇقلىرى بار . رەسىمدىكىدەك .(رەسىمدىكىگە ئوخشاش DISKFIX بۇيرۇقى بولغانلىرىدا مەن دېگەن مەشغۇلاتنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ ، DISKFIX بۇيرۇقى بولمىغانلىرىدا بۇ مەشغۇلاتنى ئورۇنداش مۇمكىن ئەمەس )
20081027220745752
3) نۇر بەلگە تۇرغان ئورۇنغا DISKFIX بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ Enter نى چىكىمىز . بۇ چاغدا رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
20081027220748298
بۇ كۆزنەكتىن «确定» نى چەككەندىن كېيىن ، سىز ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان دېسكا رايۇنلىرى بىر-بىرلەپ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ . سىز بىرلەشتۈرۈلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرىكى دېسكا رايۇنىنىڭ سىغىمىنى ئېنىق بىلسىڭىز ، شۇ سىغىمدىكى رايۇن كۆرۈنگەندە «保留»نى بېسىپ دېسكا رايۇنىنى ساقلاڭ ، ئەگەر سىزگە تونۇش بولمىغان سىغىمدىكى دېسكا رايۇنى كۆرۈنسە «跳过»نى بېسىپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭ .
ئاخىردا دېسكا رايۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملانغانلىغى ، كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىتىش ياكى قوزغاتماسلىقنى سورايدۇ . بۇ چاغدا قورقماي كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىتىڭ .
كومپىيۇتىر قوزغالغاندىن كېيىن دېسكا رايۇنلىرىغا قاراپ بىقىڭ ، سىز ئويلغان دېسكا رايۇنلىرى ئەسلىگە كەلگەن ، ھۆججەت-ماتىرىياللار تولۇق بولسا ، ئېنشاھ ئاللا ، تەشەككۈرىڭىزنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ، ياخشى ئىنكاسلىرىڭىزنى ئايىماي يازغايسىز ، سىز ئويلىغان دېسكا رايۇنلىرى ئەمەس ، بۇندىن نەچچە قېتىم بۇرۇنقى دېسكا رايۇنلىرى ئەسلىگە كېلىپ قالغان بولسا ، بايىقى مەشغۇلاتلارنى نۇرغۇن قېتىم ، يەنى سىز ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان دېسكا رايۇنلىرى تىپىلغۇچە سىنىسىڭىزمۇ ، دېسىكغا قارىتا بۇ مەشغۇلاتنىڭ زىيىنى يوق .
بۇ يازمىدىن نەپ ئالغان بولسىڭىز ، بۇ بىلوگنى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ .....
قوشۇمچە : تىلى خەنچە بولسىمۇ ، پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن مەشغۇلات جەريانى خاتىرلەنگەن سېن ھۆججىتى يوللاندى . شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ .

تارىختىكى بۈگۈندە:

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :14   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   9   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   5 پارچە

  1. ئىشقىيار 4

    يا ئاللا ،مانداق بلوگ قىززىغاننى كۆرمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپتىكەن ،بەكلا سۆيۈندۈم جۇمۇ … :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  2. چاقماق 2

    بەك ياخشى ئامال جۇمۇ بۇ ،مۇشۇ DOC بۇيرىقىنى ئۆگىنىپ قويسا بۇلىدىغان نەرسە ئىكەن جىق ئىقتىدارى بار ،يۇقارقى ئىشنى windows تا تۇرۇپ قىلغىلى بۇلىدىغان يەنە بىر دىتال بار ئىكەن ئىسمى [ PTDD ] بەك يامان نىمە بۇ ئىشلىتىپ بېقىڭلار.

  3. مەدىكار 4

    مېنىڭمۇ ئىلگىرى بىر قانچە دىسكام بىر بولۇپ قېلىپ Diskgen بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۋالغانتىم.ھەقىقەتەن ئۆگىنىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىلىمكەن زادى بۇ ~~~~

  4. ياسىنجان 4

    مۇئەللىمكا خاپا بولماڭلا.. يىڭياچىلىق :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @ياسىنجان ياقەي ، نېمىگە خاپا بولاتتىم . مۇشۇنداق بىلوگخۇمارلىقىڭلارغا ئامراقمەن.

      • ياسىنجان 4

        @مۇئەللىم نەدىنمۇ تۇتاشتى بۇ بىلوگ ئوتى.. قىز بالىغا كۆيگەندەك كۆيۈ قالىدىكىنا ئادەم… مەنمۇ بىر مۇقىم بلوگ ئېچۋالسام ئەتراپىمدىكى ۋە دىيارىمىزدىكى كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا قۇرئان ئوقۇشتىن ساۋاد چىقىرىش بلوگى ۋە تىل ئۆگىنش بلوگى قۇرۇش نىيتىم بار… ئاللاھ خالىسا بۇ يىل ئىچىدە تەييارلاپ بولارمەن ئىنشا ئاللاھ…. :smile: :smile: :smile:

  5. ياسىنجان 4

    كۆز كۆرگىدەك يەردە قويماي ئۇنى.. نەدىمىكى بىر بۇلۇڭغا تىقىپ قويۇپ… :mad: :mad: :mad:

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @ياسىنجان نىمانداق كۆز بولغىيدى سىلىدىكى ، پىشانەڭلىگە دىرىلىپ تۇرسىمۇ كۆرمەيدىغان …..ھىلىمۇ بەت ئۈستىگە قويۇپتىمەن تىخى ، نەگەقويسام كۆرەر بولغىيدىڭلار ئۇنى ؟

  6. ياسىنجان 4

    مېنىڭ بۇ يەردە تېما يوللاش سالاھىيتىم بولمىغاچ يازمىچىلا يازاي بولدى.
    1. ئاۋۋال DOS قوراللار تىزىملىكىگە كىرىمىز.
    2. ئاندىن بۇيرۇق يازىدىغان ئورۇنغا Diskgen دېگەن بۇيرۇقنى يېزىپ بولۇپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ Diskgen دېگەن يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىمىز.
    3. تىزىملىك ئىستونىدىكى قايتىدىن بۆلۈش ( 重建分区表 ) دېگەن تىزىملىكنى باسىمىز.
    4. سەكرىمە كۆزنەكتىكى داۋاملاشتۇرۇش )继续(دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
    5. يەنە چىققان سەكرىمە كۆزنەكتىن ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى)交互方式(دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
    6. ئەمدى يوقالغان دىسكىلارنى ئاپتوماتىك ئىزدەشكە باشلايدۇ، بۇرۇن يوقاپ كەتكەن دېسكىڭىزنىڭ سىغىمى ئېسىڭىزدە بولسا شۇ بويىچە ساقىلۋالىسىز. ئەگەردە 1 گىگالىق ياكى 4-5 گىگالىق دىسكىنى تېپىپ قالسا ئىلگىرى ئۇنداق دېسكا بولمىسا ساقلىمايسىز. ئىلگىرى بۆلگەن 50 گىگالىق دېگەندەك دېسكىنى تېپىپ قالسا ساقلاش)保存(كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلايسىز.. ئاخىرىدا تېپىپ چىققان دېسكىلىرىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېگەن كۇنۇپكا بىلەن ئەسىلگە كەلتۈرۋالسىڭىز بولىدۇ…
    ئەسكەرتىش: مەن بۇ خىل ئۇسۇلنى پەقەت سېستىمىنى قايتا قاچىلىغاندا ھەممە دېسكا پەقەت بىرلا دېسكا بولۋالغان چاغدا ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدىم.. بۇنداق يۇمشاق دېتاللار بىلەن بەك ئوينىشىپ كەتمەڭ يىغلاپ قالىسىز.. دېسكىلىرىڭىز ئەسلىگە كەلسە ئىزدەپ سوراپ رەھمەت ئېيتارسىز. يۈتۈپ كەتسە مېنى ئىزدىمەڭ لېكىن.. :grin: :grin:

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @ياسىنجان دۆتلۈكمۇ يىرىم دۆلەت ھە ، ئاۋۇ بەت ئۈستىدە «يازما يوللاش» دەپ بىر يەرنى ياسىغانمەن ، پەقەت سىلى ئۈچۈن . كۆز كۆرمىسە بىكار ، پىشانەڭلىگە ئۈسۈپ تۇرسىمۇ كۆرمەيسىلە ھە ؟ :mrgreen:

  7. ياسىنجان 4

    بۇمۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن.. يەنە بىر خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.. مېنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش.. Diskgen بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدىم مەن..

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @ياسىنجان ئۇنداقتا Diskgen بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى بىر تونۇشتۇرمامسىز ؟

  8. tangnuri 0

    ئۇستاز ئاۋۇ بىرىنچى رەسىمدىكى تاللاش خاتا بوپ قالدىمۇ قانداق ؟ ئەسلى DOS قۇراللار ئامبىرىغا كىرسەك توغرى بولامۇ؟

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @tangnuri مەن چۈشۈرگەن رەسىمدە شۇنداق تاللاغلىقكەن ، مەن قايتىدىن رامكىغا ئېلىپ ، ئاندىن ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسىتىپ قويدۇم ، ئەلۋەتتە DOS قوراللار ئامبىرىغا كېرىمز .

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: