نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
بىلوگ دېگەن نېمە؟
2013-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 3644خەت بار | 454 قىتىم كۆرۈلدى+ | ئىنكاس يوللانماپتۇ

بىلوگ دېگەن نېمە؟

بىلوگ Blog سۆزى Weblog (تور كۈندىلىك خاتىرىسى) نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋاستىسى.

بىلوگنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Blog ياكى Weblog دىن ئىبارەت. (ئادەمگە قارىتىلغاندا Bloger دېيىلىدۇ). blog سۆزىنىڭ ئىنگلىزچىسى Weblog نىڭ ئالدىنقى ئىككى ھەرىپىنى ئېلىۋېتىپ قىسقارتىپ يېزىلىشىدىن كەلگەن. بۇ سۆزنى Peter Merholz ئىجاد قىلغان.

بىلوگ دېگەن بۇ سۆزنىڭ خەنزۇچىسى 博客 بولۇپ، 博客 سۆزىنى جۇڭگو بىلوگى تورىدىكى ۋاڭ جۈنشيۇ ئىجاد قىلغان.

ئەگەر مۇنبەر(BBS) نى ئېچىۋىتىلگەن كەڭ مەيدان دېسەك، ئۇنداقتا Blog نى سىزگىلا ئېچىۋىتىلگەن خاس ئۆي دېيىشكە بولىدۇ. سىز Blog ئارقىلىق ئىنتېرنېت دەرياسىدا ئۈزۈپ، پۈتۈن يەرشارى ئىنتېرنېت تورىدىكى قىممىتى بار ئۇچۇر، بىلىم ۋە مەنبە بايلىقلىقلارنى تاللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ Blog ىغا كىرگۈزۈۋېلىپ پايدىلىنالايسىز. شۇنداقلا خىزمەت جەريانىدىكى، تۇرمۇشىڭىزدىكى ۋەقەلىكلەرنى، چاقماقتەك تېز كەلگەن ئىلھام ۋە مەنىۋىي جەريانلارنى ئۇدۇللۇق خاتىرىلەپ، ئېلان قىلالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارغا خەت يوللاپ دوست تۇتالايسىز ياكى دوستلار يىغىلىشى قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. شەخسىي نەشىر شەكلى ئارقىلىق ۋاقىت تەرتىپى بويىچە توختىماي خاتىرە يېزىپ، خاتىرىلىرىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرالايسىز.

بىر بىلوگنى بىر تور بەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ قىسقا، ئەمما دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان (Post) چاپلانما ئارقىلىق بېيىيدۇ، بۇ چاپلانمىلار يىل، ئاي، كۈن تەرتىپىدە بولىدۇ. blog نىڭ مەزمۇنى ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدۇ.

شەخسى Blog نى ھەقلىق ۋە ياكى ھەقسىز يوسۇندا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملاتقاندىن كىيىن ئۆزىڭىز خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ۋە مەزمۇنلارنى قاتسىڭىز بولىدۇ.

بىلوگ ئۇقۇمى ئۈچ جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ: تەكرار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بەت يۈزى ئاددىي بولىدۇ، خۇسۇسىيلاشقان بولىدۇ.

Blog ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ، E-mail، BBS ، ICQ ) IM)دىن كېيىن پەيدا بولغان تۆتىنچى ئەۋلاد توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلى ، يېزىق ئارقىلىق سۆھبەت ئىلىپ بارىدىغان قەھۋەخانا.

ھەر بىرىمىزنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى، كۈندىلىك خاتىرىلىرىمىزنى، تېما ۋە يازمىلىرىمىزنى، مۇھىم ماتېرىيال، قىممىتى بار رەسىم، ئاۋازلىق نەرسىلەرنى خاتىرىلەرگە يېزىۋالىدىغان، توپلاپ ساقلايدىغان ئادىتىمىز بار. لېكىن ئۇ رەتلەنمىگەن، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە. تورغا يوللىسىڭىز بارلىق ماتېرىياللار مۇئەييەن نام-ئىسىم ئاستىدا ساقلىنىپ قالغاچقا، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يەردە تورغا كىرىپ ئېچىپ پايدىلىنالايسىز ۋە ساقلاپ قويالايمىز، لېكىن تور بېكەتلەرنىڭ سىغىمى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى سىزگە مەڭگۈ ساقلاپ بېرەلمەيدۇ ، مۇئەللەقتىكى بۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بېكىتىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، شۇڭا بەزى چەكلىمىگە ئۇچراش مۇمكىن. ئەمما Blog بېتى خاس ئۆزىڭىزنىڭ بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ھۆججەت، سۈرەت، ئاۋاز، تېلېفون نومۇرى، كىشى، يەر-جاي ئادرېسى، چاپلانما ۋە ئۆزىڭىز ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ھوقۇق بىلەن ئۆزىڭىز ساقلاپ قويىسىز، باشقىلار تەھرىرلىيەلمەيدۇ، ئۆچۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئادەتتىكى كۆرەرمەن شەكلىدە ئەينەك سىرتىدا كۆرگەندەك كۆرەلەيدۇ. سىز بارلىق «بايلىق» لىرىڭىزنى خۇددى قاتتىق دىسكىدا ساقلىغاندەك ساقلاپ قويۇپ، نەگە بارسىڭىز شۇ جايدا ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز. ئەگەر بلوگنى ھەقلىق تىزىملاتسىڭىز، ئۇ چاغدا بىلوگىڭىز قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىرەر نەرسىڭىزنى ئۆيىڭىزدە ساقلاپ، لازىم بولغاندا تېلېفون بېرىپ ئەكەلدۈرگەندىن كۆرە، تۇرغان يېرىڭىزدىلا بىلوگىڭىزنى ئېچىپلا بىۋاسىتە پايدىلانسىڭىز نېمە دېگەن ياخشى. تېخىمۇ ياخشى يېرى بلوگىڭىزدا ھەممە نەرسە ئىستون، سەھىپە، ۋاقىت بويىچە شۇنداق رەتلىك ساقلىنىدۇ. بلوگ ھەم شەخسىي تور بېتىڭىز ھەم مۇئەللەقتىكى قاتتىق دىسكىڭىز بولالايدۇ. سىز توردا بولمىغان ئەھۋالدا باشقىلار سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىغا سۆز قالدۇرۇپ قويىدۇ. سىز بىلوگىڭىزنى ئاچسىڭىز ئۇ قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرەلەيسىز ۋە جاۋاب يازالايسىز. بەزى ئىقتىدارى QQ غا ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ بىر تور بېتىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئۇ خەت يازىدىغان قېلىن دەپتەر. سىز توختىماي يىغقان شىرنىڭىزنى ساقلايدىغان ساندۇق. سىز كىيىم ئالماشتۇرغاندەك، بىلوگ بېتىڭىزنى زىننەتلەپ، سۈرەتلەرنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرالايسىز. سىز قىلغان ھەرقانداق خىيال-تەسەۋۋۇر Blog دا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

بىلوگ ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان رادىئو ۋە تېلىۋېزىيە زىيارەتلىرى

بىلوگ ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغانسىزمۇ؟ قېنى مەرھەمەت، بىلوگ يېزىشنى باشلاڭ! سۇغا كىرمەي تۇرۇپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ ...

مەنبە : ئۇيغۇر كەسپى تور مۇلازىمەت سۇپىسى

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !