بۈگۈن بۇ يەردە مۇھەببەت ھىكايسى سۆزلەنمەيدۇ ، ياكى كېشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان لېرىكمۇ توقۇلمايدۇ ....
بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز «بىلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستىمۇ ؟» دېگەن تېمىدا بولىدۇ .
راس ، بىلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن ئاستىمۇ ؟ بۇنىڭ ئاستىلاپ قىلىش سەۋەبىنى بىلەمسىز ؟
MySQLساندانى wordpress نى ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ سىغىمى چوڭىيىپ كېتىدۇ . يازمىلار كۆپ بولغاچقا شۇنداق بولىدىغاندۇ ، دەپمۇ ئويلامسىز ؟
ئەلۋەتتە خاتالاشتىڭىز . سەۋەبى ؛ سانداندا ساقلانغان ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىكىدىن بولغان . ئۇنداقتا بۇنچە كۆپ ئەخلەت ئۇچۇرلار نەدىن پەيدا بولدى ؟ بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار بىز يازما يېزىۋاتقاندىكى زاپاس ھۆججەتلەر ، ئەخلەت ئىنكاسلار ، قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ۋە ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلار جەريانىدىن پەيدا بولۇپ قالغان . شۇڭلاشقا بىز سانداننى ۋاقتى-ۋاقتىدا تازلاپ ، ئەلالاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بولساق ، بىلوگىمىزنىڭ ئەسلىدىكى ئېچىلىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قالالايمىز . ساندانمۇ بىزنىڭ ئاسرىشىمىزغا مۇھتاج ، ئەلۋەتتە .............
بۇنداق تازىلاش ئىشلىرىنى سانداننى چۈشىنىدىغان ، مەخسۇس كەسىپ ئىگىسى بولسا ، ئانچە تەس ئەمەس ، ئەمما . ھەممىمىز بۇنى بېلىپ بولالمايمىزدە ، بىلمەيدىغانلار قانداق قىلىشمىز كېرەك ؟
مۇشۇ wordpress قا يەنە بىر ئامراق تەرىپىم ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن قالماي ، يەنە كېلىپ ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقى ۋە ئىقتىدارلىرى كۈچلۈك بولغان قېستورمىلىرىنىڭمۇ موللىقىدا .
بىز سانداندىكى ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تازىلاش ۋە سانداننى ئەلالاشتۇرۇش ئىشلىرىنىمۇ مۇشۇ wordpress نىڭ قېستورمىلىرى بىلەن تاماملىساق ، سانداننى پىشىشىق بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان خاتا تازىلاش تۈپەيلى ، بىلوگ ئېچىلمايدىغان ، ساندان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغان پىشكەلچىلىكلەردىن ساقلىنىپ قالالايمىز .
ئۇنداقتا ، بۇ قايسى قىستورمىدۇ ؟ .....
ئالدىرىماڭ ، ئاۋۇ قۇرلارنى ئوقۇپ چارچاپ كەتكەنىسز ، ھەقىچان ؟
ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىش ئۈچۈن ، بۇ يەرگە كېرىپ قاراپ بېقىڭ ، نېمىلەر باركىن ؟ قېنى مەرھەممەت !
ھاردۇق چىققان بولسا ، يازمىنىڭ داۋامى يەنە باشلاندى ....
Optimize DB:بۇ قېستورما مەخسۇس wordpress ساندان جەدىۋىلىدىكى optimize table c بۇيرۇقى ئارقىلىق ، ساندان پارچىلىرىنى رەتلەش ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تازىلاش ئارقىلىق ، سانداننى ئەلالاشتۇرۇپ بېرىدىغان ياخشى بىر قېستورمىدۇر .
قېستورمىنىڭ نامىنى بىلوگ ئارقا بېتىدىكى قېستورمىلار دېگەن تىزىملىكتىن «يىڭىدىن قوشۇش» تاللاپ ، ئىزدەش رامىكىسىغا «Optimize DB»دەپ ئىزدىسىڭىز ، شۇ ھامان بۇ قېستورمىنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرىنى تېپىپ بېرىدۇ ، ئاندىن بۇ قېستورمىنى قاچىلاپ ، قوزغىتىپ قارىسىڭىز ، بۇ قېستورما «قوراللار»دېگەن تىزىملىك ئىچىدە كۆرۈنىدۇ ، شۇ يەردىكى قېستورما نامىنى چىكىپ قارسىڭىز ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ ، باشقا كۆپ تاللاش تۈرىمۇ يوق ، پەقەت سېترىلكا كۆرسەتكەن كونۇپكىنى باسسىڭىزلا ، بىر كونۇپكا ئارقىلىق ساندانىڭىزنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز .....
سىناقتىن ئۆتكەن ، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ ، ساندانىڭىزدىن ئەنسىرىمەڭ ، مەن سىناپ بېقىپ ئاندىن سېزگە تەۋسىيە قىلدىم .
ئەگەر ، بۇ يازمىدىن نەپ ئالغان بولسىڭىز ، ياكى بۇ يازمىنى پايدىسى تىگىدىغان يازمىكەن دەپ قارىسىڭىز ، يازما ئۈچۈن ئىنكاسلىرىڭىزنى ئايىماڭ ، «بىر ئىنكاس - بىر كۆڭۈل!» .........
2017-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنى چۈشتىن كېيىن 11قەۋەت
مەن سىز دېگەندەك ئىزدىدىم مۇئەللىم لېكىن بەك كۆپ نەتىجىسى چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تاللىسام بولىدۇ.
Optimize DB
2017-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12قەۋەت
بۇ ناھايىتى ياخشى تېما بولۇپتۇ رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق مول بىلىملەر بىلەن بىزلەرنى، بەھرىلەندۈرۈۋاتقانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
2014-يىلى04-ئاينىڭ28-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13قەۋەت
بەك ياخشىكەن مەن سىناپ باقتىم رەھمەت سىزگە مۇئەللىم
2013-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنى چۈشتىن كېيىن 14قەۋەت
مەن سىناپ بولۇپ يەنە كەلدىم ھەقىيقەتەن ياخشىكەن رەھمەت مۇئەللىم ئاكا !