بۇ قېتىم WordPress نىڭ نەشىرىنى 3.5.1 گە كۆتۈرگەندىن كېيىن ، نېمىشقىدۇر ئارقا بەتتە تۇرۇپ ئۇسلۇب قاچىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ باراي ياكى قېستورما يىڭىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ باراي ، ھەمىشە تۆۋەندىكى خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ ، بولۇپمۇ قېستورمىلارنى يىڭىلىيالمىدىم .
بۇ خاتالىق تۆۋەندىكىچە :
wp-admin\includes\file.php on line 179...........................
بىر قانچە كۈن ftpقورالى ئارقىلىقمۇ يىڭىلاپ يۈردۈم ، ھەي بۇ ئاۋارىچىلىقنى ، شۇنىڭ بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنسەم ، بۇنىڭمۇ ئامالى باركەن . پەقەت بىر قۇرلا كود بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىكەن . سىناپ بىقىۋىدىم ، قېستورمىلارنى ئارقا بەتتە تۇرۇپ نۇرمال يىڭىلىيالىدىم . شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئوخشاش مەسلىگە يولۇقۇپ ، بېشىنى قاشلاپ ئولتۇرغانلارنىڭ ، بېشىنى تولا قاشلاپ ، تاز بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئالدىراپلا بۇ يەردە ئېلان قىلىۋەتتىم .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :
1 . WordPress نىڭ يوللىماقچى بولغان مۇندەرىجىگە يېزىش ھوقۇقى بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ، ئەگەر يېزىش ھوقۇقى بېرىلگەن بولسا مەيلى ، ئەگەر بېرىلمىگەن بولسا ، يېزىش ھوقۇقى بېرىمىز .
2 . بوشلۇق غول مۇندەرىجىسىدىكى wp-config.php ھۆججىتىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ، تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ ، ئەڭ ئاخىرقى قۇرغا قۇر تاشلاپ ، define('WP_TEMP_DIR',ABSPATH.'wp-content/uploads/'); بۇ كودنى يازىمىز ، دە ، ئۆزگەرتىشلەرنى ساقلاپ ، بۇ wp-config.php ھۆججىتىنى ئەسلى ئورۇندىكى ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۋىتىمىز .
شۇنىڭ بىلەن ئارقا بەتتە تۇرۇپ ئۇسلۇب يوللىيالماسلىق ۋە قېستورمىلارنى يىڭىلىغىلى بولماسلىق مەسىلىسى تەلتۈكۈس تۈگەيدۇ .
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
بۇ ئۇسۇلمۇ بولدىكەن
بىلوگىمنىڭ ئارقا سەھنىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، بىراق بىلوگ يۈزىدىكى خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، مەسلەھەت بەرسىڭىز!
يانفوندا كۆرسەم نورمال بىراق كومپىيوتىردا خەتلەر ئۇلاشماي سەت چىقىۋالدى. تور كۆرگۈچنىمۇ ئالماشتۇرۇپ باقتىم