نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | سېستىمىلار | ئاساسىي مەزمۇن
C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش
2013-يىلى02-ئاينىڭ13-كۈنى | سېستىمىلار |جەمئى 2816خەت بار | 1,904 قېتىم كۆرۈلدى | 11پارچە ئىنكاس بار

windows7 دىن windows8 گە كۆچكەندىن كېيىن ، windows7 نى ئىشلەتكەن چاغدىكى C دېسكىنىڭ 20GB سىغىمى يېتىشمەي ، ھەر كۈنى دەككە-دۇككىدە دېسكا تازىلاش قوراللىرى ئارقىلىق C دېسكىنى تازلايدىغان بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە ، قاچىلاپ ئىشلىتىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن يۇمتاللارنى C دېسكىنىڭ سىغىمىنىڭ توشۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، قاچىلاپ ئىشلىتەلمىدىم .
C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتاي دېسەم ، باشقا دېسكىلاردا نۇرغۇن يىللار يىغىپ ساقلىغان مۇھىم زاپاس ھۆججەتلەر ۋە دېتاللار بولۇپ ، يوقىلىپ كېتىشتىن قورقتۇم . ئەگەر سىغىمى چوڭراق يان دېسكا بولسىغۇ ، قاتتىق دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى يان دېسىكىغا كۆچۈرۋىلىپ ، قاتتىق دېسكىنى قايتا رايۇنلارغا بۆلۈپلا ، سېستىما قاچىلىۋەتسەملا ئىش پۈتەتتى . بۇ يەردىكى مەسىلە - دەل ئاشۇ يان دېسكىنىڭ بولمىغانلىقى .
خەنچە ئىزدەش تور بىكىتىگە مەقسىدىمنى ئېنىق قىلىپ يېزىپ ، بىر ئىزدىتىپ باقمايمۇ ؟
شۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئىزدەپ قارىۋىدىم ، بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن . يەنى سېستىما شارائىتىدا تۇرۇپ ، ھىچقانداق ماتىرىيالنى يۆتكىمەي ، باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى زىيانغا ئۇچراتماي ، C دېسكىغا باشقا دېسكىدىن سىغىم قوشۇپ بەرگىلى بولىدىكەن .
بۇنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە :
1. ئالدى بىلەن «قاتتىق دېسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى » نى بۇ يەردىن كومپىيۇتىرىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ .
1
2. قاچىلغاندىن كېيىن كومپىيۇتىرنىڭ ئۈستەل يۈزىدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىز قوزغىتىش سېنبەلگىسىدىن بىرسى قۇرۇلىدۇ .
2
3. «قاتتىق دېسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى »نىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى سېنبەلگىسىنى قوش چىكىپ ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
3
4 . بۇ كۆنەكتىن سىز ئالدى بىلەن C دېسكىغا سىغىمىنى قوشۇپ بەرمەكچى بولغان دېسكىنى مائۇس ئارقىلىق چىكىپ تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، سول تەرەپ رامكىدىن «دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش باشلامچىسى»نى چىكىش ئارقىلىق مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىسىز . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاڭ .
3
5 . بۇ چاغدا تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
4
مەقسىدىمىز C دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش بولغاچقا ، بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
6 . ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ . بۇ يەردىمۇ رەسىمدىكى تاللانغان جايلارغا ئوبدان قاراپ ، شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز .
يەنى ، بىزنىڭ C دېسكىمىزنىڭ ئەسلىدىكى سىغىمى 20GB ئىدى . يەنى رەسىمدىكىدەك :
06
بىز قىزىل بويالغان دائىرىدىكى سىرىلما رامكىنى ئوڭغا سۈرۈش ئارقىلىق ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى ئۆزىمىز مەقسەت قىلغان سىغىمغا ئەكىلىپ توختاپ ، «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
5
7 . بۇ چاغدا بىر رامكا ئېچىلىدۇ ، بۇ چاغدا بىز بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز . يەنى رەسىمدىكىدەك ؛
6
8 . بۇ ئاساسلىق دېسكا رايۇنىنى تەڭشەش باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچقا بىر قەدەر ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدىكەن . ئەمما ، سىز بۇ چاغدا تورغا چىقىپ ، ماتىرىيال كۆرۈشتەك ياكى كوت-كوت ئالاقىسى ئارقىلىق پاراڭلىشىشتەك كومپىيۇتىرغا تەسىرى بولمىغان پائالىيەتلىرىڭىز ئارقىلىق ، دېسكا رايۇنىنى تەڭشەشكە كېتىدىغان كۈتۈشتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىز . دېتال دېسكىڭىزنى بۆلىۋىرىدۇ ، سىز بولسىڭىز زىرىكىشلىك ساقلاشنى تۈگىتەلەيسىز . مانا بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك .
05
9. دېسكا رايۇنىنى تەڭشەش (چوڭايتىش) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
7
بۇ چاغدا سىز دوپپىڭىزنى ئاسمانغا ئېتىپ ، «مۇقىملاش»نى بېسىپ ، بۇ دىتالنى تاقاپ ، «كومپىيۇتىرىم»كوزنىكىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىدىكى«يىڭلاش»تىزىملىكىنى بېسىپ بىقىڭ .
قانداق ، C دېسكىڭىزنىڭ سىغىمىدا ئۆزگىرىش بولۇپتىمۇ ؟ باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللىرىڭىز يەنىلا ئۆز پىتىمىكەن ؟
مەشغۇلات جەريانى مانا مۇشۇنداق . بۇ مەشغۇلات ئارقىلىق ، بىز سېستىما شارائىتىدا ، ھىچقانداق بىر زاپاسلاش مەشغۇلاتى قىلماستىن ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز .

QR:  C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 11 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :7 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :4 پارچە

    1. قۇربانجان 2015-يىلى05-ئاينىڭ12-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      مۇشۇ تىخنىكىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم مەن.رەھمەت سىزگە .ھازىر ئىشلىتىۋاتىمەن

      unknowWindows 8.1
    2. چاقماق 2013-يىلى09-ئاينىڭ28-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      بۇ ئامال ياخشى لىكىن مەشغۇلات تۈگىمەي تۇرۇپ كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىشتىن تۇيۇقسىز توك كىتىشتىن ساقلانمىسا چاتاق چىقىدۇ ،بولمىسا سىغىمى چوڭراق يۇمشاق دىتاللارنى D دېسكىغا قاچىلىسىمۇ بۇلىدۇ بۇنداقتا تېخى بەزى دىتاللار ساقلىنىپ قالىدۇ.

      Internet Explorer 8.0Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى09-ئاينىڭ28-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        توك كەتسىمۇ قايتا رايۇنغا بۆلگىلى بولىدىكەن . بىز قەزىملەشتۇرمىگۈچە ، ئاساسىي رايۇنغا كېيىنكى قاتماقچى بولغان رايۇن قوشۇپ بېرىلمىگەچكە ، توك كەتسىمۇ سىستېمىدا بۇزۇلۇش بولمايدىكەن …..

        Google Chrome 30.0.1599.14Windows 8
    3. puxayman 2013-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      بۇنى ئىشلەتكەندىن كىيىن مىنىڭ د دىسكام يوقاپ كەتتى. ئەمدى قانداق قىلىش مەسىلىسدە بېشىم ئېغىر قاتتى. :cry: :cry: :cry: :cry: :cry:

      Internet Explorer 9.0Windows 8
      • مۇئەللىم 2013-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىز مۇشۇ يازمىدا دېگەن بويىچە مەشغۇلات قىلغانمىتىڭىز ؟ د دېسكىڭىزنىڭ سىغىمى سىز قوشۇپ بىرىدىغان سىغىمدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولغىيدى ؟ مەشغۇلات جەريانىدا توك كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەنمۇ ؟
        ئەگەر مەشغۇلات جەريانىدا كومپىيۇتىرغا نېسبەتەن توك ئۈزۈلۈش بولسا ، مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ .
        يۇقارقى سەۋەبتىن باشقىسىدا ، دېسكا يوقىلىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ .

        Google Chrome 25.0.1364.5Windows 8
    4. تەۋەككۇل 2013-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى |  4-رەت جاۋاب

      ياخشىكەن رەخمەت

      Internet Explorer 8.0Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        سىزگە پايدىسى تەگكەن بولسا ، مەن شۇنىڭدىن خۇشال ، سىزگىمۇ ردخمەت !

        Google Chrome 25.0.1364.5Windows 8
    5. دىلبىر 2013-يىلى02-ئاينىڭ16-كۈنى |  5-رەت جاۋاب

      مەنمۇ قىلىۋاتىمەن.بۇلدىغان ئامالكەن،رەھمەت! :wink:

      Google Chrome 26.0.1386.0Windows 7
      • مۇئەللىم 2013-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولسا ، مۇشۇ يازمىغا ۋە تىخنىكىغا قارىتا باھا سۆزلىرىڭىزنى تەپسىلى يېزىپ قويارسىز . يەنىمۇ كۆپ كىشىلەر نەپ ئالسا تىخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟ :smile:

        Google Chrome 25.0.1364.5Windows 8
        • دىلبىر 2013-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى |  2-قاتار جاۋاب

          مۇئەللىم بەكلا ئەتىراپلىق چۇشەندۇرۇپتۇ،يۇقارىقى كۆرسەتمە بۇيىچە قىلسا بىردەمدە قىلىپ بۇلىدىكەن،تەس يېرىمۇ يوقكەن.مەنمۇ كۆرسەتمە بۇيىچە قىلىپ 3ج چوڭايتىۋالدىم. :wink: :wink: :wink:

          Google Chrome 26.0.1386.0Windows 7
    6. ياسىنجان 2013-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنى |  6-رەت جاۋاب

      بالدۇرراق يازسىڭىزچۇ؟ تېخى يېقىندا چوڭايتقانتىم بارلىق ماتېرىيالنى يۆتكەپ….. :mad: :mad:

      Internet Explorer 10.0Windows 8

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !