ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتتەۋسىيەلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى دوپپا بايرىمى
2012-يىلى04-ئاينىڭ30-كۈنى / تەۋسىيەلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 31 قېتىم+

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى
维吾尔朵怕(花帽)文化节
Uyghur Doppa Cultural Festival

2010-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
ھەريىلى5-ئاينىڭ5-كۇنى«ئۇيغۇر دوپپامەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ.

تېمىسى:ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق خۇشاللىق
题目:共同的文化 共同的欢乐
Subject: Same Culture Same Merriment

يىتەكچى ئىدىيە: «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»
主导思想:文化与发展
Guiding Cogitation: Culture and development

ئوتتۇرىغا قويغۇچى: تاھىر ئىمىن

ئۇيۇشتۇرغۇچى :شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتتۇتى ،شىنجاڭ مەدەنىيەت

قوللىغۇچى ئورۇنلار : شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ سەلكىن خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ دىيارىم پەن-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى
قانۇنى مەسلىھەتچى :ياسىنجان تەلئەت
«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»
بىر يىللىق تەييارلىق تور تەشۋىقات ماتىرىيالى
مۇندەرىجە
1-ئاساسى چۇشەنچە
2-ئۇيغۇرلاردا دوپپا مەدەنىيتى
3-دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە تۇتقان ئورنى
4- دوپپا مەدەنىيتنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى
5-«دوپپا مەدەنىيتى بايرىمى» ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى
6- دوپپا بايرىمى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيتى
7-ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى،«دوپپا بايرىمى» ئۆتكۇزۇلىدىغان پائالىيەتلەر
8- دوپپا ھەققىدە يىزىلغان ماتىرىياللار
9-دوپپا بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىمىز
9-رەسىملىك بەت
10-دوپپا بايرىمى دۇچ كىلىدىغان تەنقىتلەرگە ئالدىن جاۋاب
11-دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ھەققىدە سۇئال-جاۋاپلار
12-دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا ئاۋاز قوشقان شەخس ۋە ئورۇنلار
13-‹‹ئۇيغۇر دوپپىسى››غەيرى ماددى مەدەنىيەت قوغداش ئىلتىماسنامىسى

ئاساسى چۇشەنچە
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى باش كىيىمى.
دوپپا-ئۇيغۇرلارنىڭ ئستىتىك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى. ئۇيغۇرلار بوستانلىق مەدەنىيتىگە قەدەم قويۇپ،شەھەرلىششكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددى ۋە مەدەنىۋى تۇرمۇشىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆپ تىرىشقان .جۇملىدىن كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىدە تاشقى كۆرۈنۈشكە ،يارىشىمچانلىققا ئەھمىيەت بەرگەن.
ھەرخىل مىللەتلەر،ھەرخىل كەسىپ ،ھەر خىل ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمىنى كىيىشىدۇ.ھەرقانداق باش كىيىمى ئىجتىمائى ئالاقىدە ئەڭ تىز ۋە بىۋاستە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.بۇگۇنكى دۇنيادا باش كىيىمى –بەزىدە كەسىپكە ۋەكىللىك قىلسا ،بەزىدە ئىجتىمائى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.لىكىن ئۆزگىچە مىللى مەنىگە ۋە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان،ھەرقانداق ياشتىكى كىشىنىڭ كىيىشگە ماس كىلىدىغان،ئوبرازلىق سەنئەت تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان،تەبىئەت بىلەن زىچ باغلانغان ئستىتىك زوق بىرەلەيدىغان باش كىيىمى بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئالىمىدە كۆپ بولمىسا كىرەك.
بادام ، چىمەن قاتارلىق دوپپىلار-ئەمگەكچان،تەبىئەت ۋە گۇزەللىكنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيتى .
كەڭرى كەتكەن ياۋرو-ئاسىيا يايلىقىدا ياشاپ كەلگەن بارچە تۈركى خەلقلەر ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوشنىسى بولغان تاجىكلار،ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرى ھەممىسى مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان باش كىيمى كىيدۇ. مۇتەخەسسلەر ،تارىخشۇناسلار تارىم بوستانلىقىدا كىيىپ كەلگەن بادام ۋە چىمەن،چىكەن دوپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قول-ھۈنەر سەنئىتىنڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر دوپپىسىغا ئىگە بولۇش، بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئسل مەدەنىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈش ،بۇلارنى تۇرمۇشىمىزدا گەۋدىلەندۇرۈش –بىز ئىز ئىزلىگۈچىلەرنىڭ زۆرۈر ئشى.
ئۇيغۇر دوپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر.
ئۇ كۆركەملىكى ، ئەپلىكلىكى ، مىللى جەلىبكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى مەملىكىتمىزدە ياشاۋاتقان قىرىنداش مىللەتلەردىن خەنزۇلارنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ھەرساھە چەتئەللىك دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. دوپپا كەيگەنلەر – كەيمىگەنلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم مىللى ھەم دىنى باش كىيىمى بولۇش سۇپىتدە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە كىشگە ئىللىق كەيپىيات،يىقىملىق تۇيغۇ بەخش ئىتىدۇ.ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىنىش ئستىتىك ئىڭنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.قەدىمكى دەۋىرلەردىن ئىزچىل كىيىلىپ كەلگەن بۇ باش كىيىم ئەلۋەتتە نۆۋەتتىمۇ كىيىشكە ماس كىلىدۇ. ئۇ زامانىۋى ھەم كىلاسسسىك مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
دوپپا مۇئەييەن چەكلىك سورۇنلاردىلا ئەمەس،باشقا كۇندىلىك تۇرمۇش بىلەن باغلانغان ھەرقانداق مەدەنى، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائى سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كىلىدۇ.
دوپپا –قانداقتۇر بىر سىنىپ ياكى بىردەرىجىگە ئەمەس ،بەلكى ئورتاقلىق ۋە باراۋەرلىككە،خۇراپاتلىققا ئەمەس،مەدەنىيلىككە ،ئارقىدا قىلىشقا ئەمەس –مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا ،يىتىم قىلىشقا ئەمەس بىرلىككە ،ئەۋلاتلارغا ئەنئەنە ئۇزۇلۇپ قىلىشى ئەمەس داۋاملىششقا،ۋارسلىق قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا دوپپا مەدەنىيتى
دوپپىنىڭ تارىخى
دوپپا مەدەنىيتى ھەققىدە
ناخشا ئۇسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخىقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە يىرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دوپپا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىدىن ئىبارەت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى شىمالىدا بولسۇن، ئەر- ئايال ، قىرى - ياش بولسۇن، مەيلى قىش ياكى باھار - ياز بولسۇن ، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر خىل كۈچلۈك مىللى تۈسكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى.
دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قىتىم ھېيىت ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. ئالاقە سورۇنلىرى، يىغىلىش ھەتتا دوپپا كۆرگەزمىسىدە ھەر خىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كىشىلەر نەپىس دوپپىلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ. دوپپا يەنە كىشىلەر سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغا سوۋغات قىلىنىدۇ، نەپىس سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە.
بۇ بىر قىسىم مۈنەۋۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت مىراسىنى يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يىڭىلاش، ۋەتىنىمىز مىللەتلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەنئەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رولنى ئوينايدۇ.
تىكىلىشى :بۇ دوپپىلارنىڭ ھەممىسى تۇت تالا ئۇچ بولۇڭ شەكىللىك خىرىت بىلەن جۇپلەپ تىكىلىدۇ ،ئۇستىگە تەكشى كەشتىلەش ،تۇگۇپ زەر يىزىپ بىلەن يۇگەپ كەشتىلەش،كىرسىت شەكىللىك كەشتىلەش ئۇنچە مارجانلارنى تىزىپ تىۋېتلەپ كەشتىلەش ،كاتەكچى توسما توسما كەشتىلەش ،گىرەلەشتۇرۇپ كەشتىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەرخىل سىزىقلار ،قاپارتما كەشتە نەقىشلىرى ئارقىلق ئەڭ ئاخىردا قارا مەشۇت يىپ بىلەن گۇللەرنى بويلىتىپ كەشتىلەپ پوتكۇزۇلۇپ چىقىلىدۇ
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوپپا نۇسخىسى تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شەكلى خىلمۇ- خىل. يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن: تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گىئومىتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى .. قاتارلىقلار. تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق- سىزىق ئارلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ يات بېرىش. دوپپىنىڭ ماتىريالى ھەرخىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار- دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ، ( يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى( ئويما) قاتارلىقلار.
كۆپ قىسىم دوپپىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىمىسى بويىچە تۆت نوختا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلۈك شەكىل، ئەڭ ئاخىرىسى قارا جىيەك تۇتۇش، ھەمدە قاتلاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بەش گۈل بەرگىسى(بەش بۇرجەكلىك) شەكىللىك دوپپىلارنى ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما سانى بەك ئاز. دوپپا نۇسخىسىنىڭ جىيەك شەكلى كۆپ خىل ، نۇسخىلىرى ئۈزگىچە بولۇپ ئادەتتە تۆت گۈل بەرگىسى چىكىلگەن ئايرىم شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستى بىلەن تۆت جىيەك سىممىتىرىك كىلىدۇ. نۇسخا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەھلىل قىلساق كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىلماپ تىكىش، تۆشۈك تىشىپ تىكىش ئۇسۇللىرىدا بىر تەرەپتىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىغا بىر ياكى ئىككى نۇسخا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلما بىر گورۇپپا قىلىنىدۇ. نۇسخىسى ئىنچىكە ۋە زىچ تىكىلىدۇ. تەگلىك تۇتۇقراق رەخىتلەردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەگلىك رەڭ بىلەن گۈل رەڭىگى روشەن پەرقلىنىدىغان قىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ ھەممە يىرىگە گۈل چىكىلگىنى چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىدۇ.
بادام دوپپا - گۈل نۇسخىسى بولسا بادامنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بولىدۇ. يەنە قوشۇمچە گۈل چۈشۈرىلىدۇ. بۇ خىل دوپپىنى كۆپرەك ئەرلەر كىيىدۇ. ئادەتتە قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك نۇسخىسىدا بولۇپ، شەكلى كۆپ، ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئاددىي ھەم قەدىمىي ئۇسلۇپتا، كۆركەم، نەپىس، چىرايلىق. بۇنى ئادەتتە بادام دوپپا دەپ ئاتايدۇ. بۇخىل دوپپا شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارقالغان.
قوشۇش شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى- ھەر بىر قاتلاقتا + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ. كۆپرەك +، × ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. ئوڭ سول تەرەپ سىممىتىرىك ھالەتتە كىلىدۇ. رەڭدار، كۆركەم تىكىلىدۇ. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈل ئارىلىقلىرى ناھايىتى ماسلاشقان تىكىش بىرلىككە كەلگەن. رەڭلىرى روشەن پەرقلىق بولۇپ بىر خىل خاس نۇسخا قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرگە ئىگە.
دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە تۇتقان ئورنى

دوپپىلارنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى
شىنجاڭنىڭ يىرى كەڭ، ھەر خىل مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، ئۆرپ ئادەتلىرى ئۆزگىچە شۇڭلاشقا ھەر قايسى جايلارنىڭ دوپپىلىرى روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
خوتەن رايۇنىنىڭ دۇپپىلىرى رامكا شەكلىدە نۇسخىلىرى كۆپ بولۇپ ئايالچە نۇسخىلىرى خىلى داڭلىق. گىئۇمىتىرىك تىكىش بىرلەشتۈرۈلگەن، رەڭلىك يىپ ئىشلىتىلگەن نۇسخىلار كۆپ بولۇپ، سىزىقلرى زىچ گىرەلەشكەن، شەكلى تۈز ئاددىي، تۆت بۇرجىكى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللار ياقتۇرىدۇ.
قەشقەر رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك بولۇپ قاۋىسى چوڭ ئىغىزى كىچىكرەك بولىدۇ. چۇچا ساڭگىلاپ تۇرغان بادام دوپپىسى ئەڭ داڭلىق. بۇ خىل دوپپىنى ئۇيغۇر خەلقى كەڭ ئىشلىتىدۇ ۋە ئىنتايىن ياقتۇرىشىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈش زەر يىپتا تىكىلگەن ئايالچە دوپپىلار قەشقەر رايۇنىدا ئۆزگىچە بولۇپ خىلى كەڭ ئومۇملاشقان.
كۇچا رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - مارجان دوپپىلىرىنىڭ ئايالچە نۇسخىسى ئۈستىگە كۆتىرىلگەن نۇسخىدا بولۇپ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ مارجانلىرى تەكشى تىزىلغان، كۆزلەرنى چاقنىتىدۇ. رەڭگى كۆركەم ، چىرايلىق ، زىننەتلىنىشى ئىنتايىن نەپىس، ھەر بىر دوپپا قىممەتلىك سەنئەت ئەسىرى بولۇپ ئادەمگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
تۇرپان رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - ئۆزگىچە بولۇپ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى گۈلى كەڭ، تەگلىكى تار ، ھەممە يىرى تەكشى تىكىلگەن، گىرۋەكلىرى ماسلاشتۇرۇلغان. دوپپا ئاساسەن گۈل بىلەن ئورىلىپ تىكىلگەن بولۇپ گوياكى گۈل تاجىسىغا ئوخشاپ كىتىدۇ. رەڭگارەڭ بولۇپ كۆزنى چاقنىتىدۇ. كىشىلەرگە باياشاتلىق ، تىتىكلىك، گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
ئىلى رايۇنلىرىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى دۆڭرەك ، يۇمىلاق كىلىدۇ. رەڭگى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان. بىر خىل تىكىش ئۇسۇلى ئومۇملاشقان. دوپپىلار نەپىس ئازادە.
قۇمۇل رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئەمما رەڭلىرى چىرايلىق.
نىيە، كىرىيە، چىرىيە، چەرچەنلەردە كىپىنەك شەكىللىك دوپپىلارنى كىيىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ساپ نەقىشتىن ئىشلەنگەن بولۇپ دىئامىتىرى 10 سانتىمىتىردىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار يىڭنە بىلەن تىكىپ چىقىدۇ. گوياكى بىشىغا قوندۇرۇۋالغان گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچىلىككە ئىگە دوپپىلارنىڭ گەرچە ئەمەلىي قىممىتى بولمىسىمۇ كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرىگە ئىگە. بۇ خىل دوپپىلارنى مۇشۇ رايندىن باشقا جايلاردا ئۇچراتماق تەس.
ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەر- ئايال، قېرى، ياش دىگەندەك پەرىقلەرگە قاراپ نۇسخا، گۈل چەكمە ۋە رەڭلەردە ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا دوپپا تىكىدىغان ئۇستىلار ياشانغان ئاياللار ۋە ياش قىز جۇۋانلار بولۇپ ئۇلار ھەقىقىي خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكەرلاردۇر. ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىق ئۇيغۇر قىز- چوكانلىرىنىڭ ئون قولى ئون گۈل، ئۇلار يىڭنە بىلەن يىپنى قولىغا ئالغاندا، ھەقىقەتەن ھەربىر قولىنىڭ كىرەشمىلىرىدىن خىلمۇ خىل گۈل ئۈنىپ، دوپپا ئۈستىدە چېچەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ زوق- شوقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ھەر خىل دوپپىلارنى تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تىكىش نۇسخىلىرى كۆپرەك كەڭ تەبىئەتتىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، تىكىش سەنئىتى خىلمۇ خىل. ئۇلار دوپپا گۈللىرىنى تىكىشتە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسىنى مەنبە قىلغان بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىستىتىك قارشى بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەپ، شەكىل ئۆزگەرتىپ قويۇق سەھرا تۈسىگە ۋە كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆپ خىل دوپپا نۇسخىلىرىنى پەرپا قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك تىكىش ماھارىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
ئۇيغۇر دوپپىلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان نۇسخا گۈللىرىدىن گۈل بەرگى، مىۋە، قۇش، ھاشارەت شەكىللىرى بار. مەسلەن: شاپتۇل، ئۈرۈك، ئانار، بادام، ئۈزۈم، بۇغداي، پۇرچاق يەنە توز، قارلىغاچ، كىپىنەك، ئاي، قارلەيلىسى ... قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا گىئۇمىتىرىك شەكىللەرمۇ خىلى كۆپ قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋە ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ دۇنيا مەدەنىيەت سەنئەت بىغىدىكى بىر دەستە گۈل دىيىشكە بولىدۇ.(مەزكۇر ماقالنىڭ ئەسلى ئاپتورىغا تەشەككۇر ئىيتىمىز)

دوپپىنڭ تۈرلىرى
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئەسىرلەردىن بېرى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلق بولغاچقا، قول- ھۈنەرۋەنچىلىكتە، تەسۋىرىي سەنئەتتە، شۇنداقلا كەشتىچىلىكتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىتنىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبىئەت مەنزىرىسىگە قىياس قىلىپ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ كەلگەن. خەلقىمىزنىڭ كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ بىر نامايەندىسى- دوپپىلارغا ھەر خىل گۈل- كەشتىلەرنى چېكىشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دوپپىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل- نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل قەدىمكى، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.
گۈل غۇنچە دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، تېگى ھاۋارەڭ ياكى كۆك رەڭ تاۋاردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تالالىرىغا تىكىلگەن گۈللىرى قېنىق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن، ئەۋرىشىم يۇپۇرماقلىرى سۇسراق يېشىل يىپ بىلەن چېكىلىدۇ. يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۈللەر قىزىل، كۆك، سۇس قىزىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئاياللارغا خاس بولۇپ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى ئۈستىدىكى گۈللىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ چېكىلىدۇ.
بادام مارجان دوپپا— بۇ خىل دوپپىنىڭ تېگى قارا، كۆك، توق يېشىل مەخمەللەردىن تىكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى پىستە بادام شەكلىدە يوغان- يوغان چېكىلىدۇ. ئۇلار ئاق سەدەپ مارجان بىلەن يىپلارغا تىزىلىدۇ. بادام گۈلىنىڭ ئەتراپى چېكىت- چېكىت يۇلتۇزلاردەك بېزىلىدۇ. گىرۋىكىدىكى يېرىم ئاي شەكلىدىكى دۈگلەك گۈل مارجانلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئەتراپى ئاق مارجانلار بىلەن كۆركەم قىلىپ چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا چوكانلار، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا خاس بولۇپ، قەشقەر، كۇچا ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمىدۇر.
ئەرەنچە چىمەن دوپپا — چىمەن دوپپا ئىسمى- جىسمىغا لايىق تولىمۇ چىرايلىق بېزىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ نامىنىڭ چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىشىمۇ شۇنىڭغا باغلىق. دوپپا دۈگلەك شەكىلدە بولسىمۇ تۆت تالاسى توق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىپ، گۈل- غۇنچىلىرى قوشماق باداملار بىلەن بېزىلىدۇ، ئۈستىدىكى گۈللىرى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى بولسا قېنىق قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گۈل ئارىلىقى ئاق يىپەك يىپتا نازۇك قىلىپ يوپۇرماقنىڭ تارام- تارام تومۇرلىرىدەك بېزىلىدۇ. ئۇ ئەرلەرگە خاس بولۇپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئەرلەر تولىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدۇ.
گۈلشەن چىمەن دوپپا — بۇ دوپپىنىڭ شەكلى گىلەم دوپپىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما گۈللىرىنىڭ تىكىلىش تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلمىسى باشقىچە. بۇ دوپپا گىئومېتىرىيىلىك ئۇسۇلدا ئەمەس، ئادەتتىكى گۈل دوپپىلىرىدەك ئىشلىنىدۇ. دوپپا توت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى ناھايىتى ئوچۇق رەڭلىك يىپەكلەردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى ئاق رەختتىن بولۇپ گۈللىرى ئۈچ لىنىيىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېگىدىكى چوڭ گۈل قېنىق قىزىل رەڭلىك يىپتا، ئىككى يېنىدىكى ئېچىلغان يوپۇرماقلىرى قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى گۈللىرىنىڭ ھەممىسى ئاق، قوش يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، ئىككى تەرىپىدىكى تۆت تالالىق گۈلى قېنىق ھال، ئوتتۇرسىدىكى ئاچىماق چېچەك يېشىل، يېنىدىكى يوپۇرماق لىنىيىلىرىنىڭ بىرى قىزىل، ئىككىنچىسى توق سۆسۈن رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان ئۈچىنچى لىنىيىدىكى گۈللەر ئوچۇق ھال رەڭدە، ئىككى ياندىكى قوش يوپۇرمىقى قېنىق ھاۋارەڭ ۋە قېنىق يېشىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ، بۇ دوپپا ئەرلەر، بولۇپمۇ ياش يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەرگە خاس.
گۈل قىياق دوپپا— دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ، سۇس ھاۋارەڭ تەگلىككە ھەر خىل رەڭدىكى يىپەك يىپلار بىلەن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللەر قىياق بەلگىلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ، دوپپىنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈلى قېنىق سۇس رەڭدە، ئەتراپتىكى تۆت گۈل قېنىق ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ، گۈللەرنى ئوراپ تۇرىدىغان قىياق يوپۇرماقلار قېنىق ھال، ھاۋارەڭ، توق يېشىل رەڭلەردە چېكىلىپ، گۈللەر قارا يىپەك چېكىتلەر بىلەن تۆت تەرەپكە ئاجرىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپا قەشقەر ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ ئەرلەر كىيىدۇ.
چىمەنگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، سۇس يېشىل، مايسىرەڭ تەگلىككە ھەر تۈرلۈك گۈللەر چېكىلىدۇ. گۈللەر دانە- دانە شەكىلدە ئوچۇق ھال ۋە قىزىل رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ تۈزۈلۈشى خۇددى كېسىلگەن لىمون دانىلىرىغا ئوخشايدۇ. يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، سۆسۈن ۋە ئوچۇق كۆكرەڭلىك يىپەك يىپلاردىن ئىبارەت. گۈللىرى، جىيىكى ئاق، قارا يىپلار ئارقىلىق گويا ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش ئاجرىتىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، چىيەك ئۈستىگە ئايرىم- ئايرىم گۈل پارچىلىرى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاستۇر.
قىزىل گۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، توق يېشىل تەگلىك، ئاق، ساغۇچ يىپەك يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ. ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈللىرى قىزىل يىپەك يىپ بىلەن دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىكى چاچراپ چىققان بىخلار، غۇنچىلار يېشىل رەڭدە، ئېچىلاي دېگەن غۇنچىلار بولسا شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، ئۈستى ئاق يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈللىرى گېئومېترىيىلىك ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۈز سىزىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دوپپىنى ياش يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيسىمۇ بولىدۇ.
توقۇلما گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا خۇددى گىلەمگە ئوخشايدۇ، ھەممە يېرىگە چىرايلىق رەڭلىك يىپلار بىلەن گۈل چېكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تالالىلىرى توق يېشىل يىپتا، ئۈستىدىكى گۈلى ئاق، قىزىل، ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭدىكى يىپتا بېزىلىدۇ، ئەتراپتىكى گۈل گىئومېتىرىيىلىك شەكىلدە ئوچۇق قىزىل، قىنىق يېشىل، قېىنىق بېغىرەڭ يىپلار بىلەن ئەگرى- بۈگرى قىلىپ زىننەتلىنىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈللىرىنىڭ چۆرىسى ئاق، قىزىل يىپتا، گۈللىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاچىماق بىخلار قىزىل، توق يېشىل يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ چۆرىسى قارا مەخمەل بىلەن تىكىلىدۇ. بۇ قۇمۇل، تۇرپان خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى.
گۈللۈك مانچېستىر دوپپا— بۇ خىل دوپپىلار ھەر خىل رەڭدىكى مەخمەل، مانچېستىرلاردىن تىكىلىدۇ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. گۈللىرى قىزىل، كۆك، ھال، يوپۇرماقلىرى يېشىل، غۇنچىلىرى ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپلار بىلەن چېكىلىدۇ.
مارجانگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تېگى ئاق زەر رەختتىن تىكىلىپ، گۈللىرى يوغان- يوغان، دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستىگە ۋە گىرۋەكلىرىگە چېكىلگەن گۈل سەل سوقۇچاق بولۇپ، ھال، ئاق، قېنىق قىزىل يىپلاردا تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى يوپۇرماقلار توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پۈتۈن گۈل، يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆردىلىپ بىر قاتاردىن چېكىلىدۇ. شۇنىڭدەك گۈل ئۈستىگە ۋە يان تەرىپىگە ئاق يىپەكتىن يوپۇرماق پارچىسى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەر، قىزلار ۋە چوكانلارغا خاس بولۇپ، كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
سەدەپ يۇلتۇز گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. كۆك مەخمەل تەگلىككە توق سېرىق يىپەك يىپ بىلەن گۈللەر پۈتۈن، يوغان چېكىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن بېزىلىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭغا قىزىل مارجان قادىلىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدىغان يالغۇز مارجان يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى غۇنچە گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل مارجان تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، جىيەكنىڭ ئۈستىگە ئۆركەش قىلىپ ئاق سەدەپ مارجان تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، قىزلارنىڭ يارىشىملىق باش كىيىمىدۇر.
ئانار گۈللۈك مارجان دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ، تېگى قېنىق زىغىررەڭ مەخمەلدىن بولىدۇ. گۈللىرىنى تېگى توق سېرىق ئالتۇنرەڭ يىپتا، تۆپىسىدىكى ئانار ۋە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوخشاش يىپتا، گۈلىرى ئاق ئۇششاق سەدەپ مارجاندا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈلگىمۇ ئانارنىڭ يوغان شەكلى چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىسىغا چېچىكى تىكىلىدۇ.
چەكمە قىزىلگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تېگىدىكى توق سېرىق زەر رەخكە باشقا دوپپىلارغا گۈل تىكىش قائىدىسىدىن ئالاھىدىرەك قىلىپ، يوغان قىزىل گۈللەر چۈشۈرۈلىدۇ. گۈل يېشىل يىپتا، ئۇنىڭ ئەتراپى ئاق قىزىل يىپتا، چېتىدىكى گۈلى قېنىق بېغىرەڭ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقى ۋە گىرۋىكىدىكى يېشىل يوپۇرماقلار ئاق يىپ بىلەن ئاجرىتىلىپ دانە- دانە قىلىپ تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئىچى ھاۋارەڭ يىپتا، ئەتراى ئوچۇق قىزىل ۋە قارا يىپتا چېكىلىدۇ،َ گويا توزنىڭ قاناتلىرىدەك يېيىلىپ تۇرغان يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق تۈس بېرىدۇ. دوپپىنىڭ يان بۇرجىكىگە توق يېشىل رەڭ يىپتا قارلىغاچ قانىتىدەك ئاچىماق قىياق گۈل چېكىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا قىزلار ۋە چوكانلارغا لايىقتۇر.
ئاق گۈل چىمەن دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى مۇرەككەپ ئەمەس. گۈللەر دوپپىنىڭ ئۈستىدىن تا ئاستىغىچە بىر خىل تۈردە، ئاق گۈل چېچەك، غۇنچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ گۈللىرى بېغىررەڭ يىپتا، قالغان گۈللىرى، غۇنچىلىرى بولسا ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تالاسى ئاق يىپەك يىپ ئارقىلىق بۇغۇم- بۇغۇم، گۈل چېكىلگەن سىزىقلار بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس بولۇپ، خوتەن، قەشقەر تەۋەسىدە كۆپ كىيىلىدۇ.
گۈل يوپۇرماقلىق چىمەن دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۈلرەڭ تەگلىك رەختكە ئاق يىپەك يىپ بىلەن سىزىقلار چېكىلىدۇ، دوپپىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا چېكىلىدىغان يوپۇرماقلار دوپپىنىڭ كۆرۈنۈشىگە ماسلاشقان ھالدا ئاق يىپ بىلەن تىكىلىپ، چۆرىسى قارا يىپ بىلەن ئالاھىدە ئاجرىتىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا، جىيەكلىرىگە ئاق يىپ بىلەن ئۆركەش شەكىلدە چىقىرىلغان يوللار دوپپىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ. ئۆركەشنىڭ ئاق يوللىرى قارا يىپ بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس.
گۈل دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۆك مەخمەلدىن تىكىلىدۇ. ئۈستىگە بىرلا يەرگە گۈل چېكىلىدۇ. گىرۋىكىگە تۈز يول قىلىپ ئاق يىپەك يىپتا سىزىقلار تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈلىنىڭ يېرىمىنى قىزىل، ئوتتۇرىسىنى توق سېرىق، ئاق يىپەكتە، يان تەرىپىدىكى گۈلى قېنىق ھال رەڭلىك، غۇنچىلىرى كۆك، سېرىق رەڭلىك، بىخلىرى توق سېرىق رەڭلىك، يوپۇرماقلىرى كۆك رەڭلىك يىپلاردا بېزىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. تۆت تالاسى قىزىل يىپ بىلەن لىنىيە بويىچە ئاجرىتىلغان بولۇپ ياش بالىلار ۋە يىگىتلەرگە خاستۇر.]

دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە

دوپپىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدىن تارتىپ ،دوپپىنى قانداق كىيىش ،نەقىشلەرنى قانداق قوندۇرۇش ،قانداق كىيىشكىچە ئۆزگىچە بىر گۈزەل مىللى سەنئەت .بۇ سەنئەتتە .ئۇيغۇرلارغىلا خاس بىر قەدىمىي ئەقىل-پاراسەت پارلاپ تۇرىدۇ.دوپپا كىيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئالدى تەرەپتىن قارىغاندا بىر بەت تولۇق،ئىككى يان بەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كۆرۈنۈشى كېرەك.
چىمەن دوپپا، بادام دوپپا، ئۇنچە دوپپا دىگەندەك تۆت قىرلىق دوپپىلارنى كىيگەندە مەلۇم بىر قىرىنى ، ئوڭ ياكى سول قېشىمىزنىڭ كۆتۈرۈلگەن يەنى ئوتتۇرا قىسمىغا توغرىلاپ ، پېشانىمىزگە چۈشۇرىۋالماي ئازراق چوققا چېچىمىز كۆرۈنگىدەك قىلىپ سەل ئارقىغا تارتىپ ياراشتۇرۇپ كىيىمىز.
قايسى قاش تەرەپكە ئاغدۇرۇشنى تاللىغاندا ، چېچىنى ئايرىپ تارايدىغانلار ئۆزى كۆنگەن ھەم ئەپلىك ھس قىلغان تەرەپىنى تاللىسا بولىدۇ.
دوپپا قىرىنى قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرسىغا توغرىلىساق ياكى تۆت بۇرجەك قىلىپ ئۇدۇل كىيىۋالساق ئوخشاشلا كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ.
دوپپىلارنى كىيگەندە سورۇنغا قاراپ تاللاپ كىيىشمۇ مۈمكىن .تازا رەڭلىك، گۈللۈك ،ھەم ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلارمېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.
ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئىشلەنگەن چىمەن ، گېلەم ياكى بادام دوپپىلار مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۆلۈم يىتىم ياكى بىرەر ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا ياكى بىرەر يىغىن سورۇنلىرىغا كىيىمىمىزنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇپ بادام دوپپىلارنى ياكى مەخمەل دوپپىغا ئوخشاش سىدامراق ياكى رەڭگى قېنىقراق سەل سالاپەتلىك كۆرسىتىدىغان دوپپىلارنى كىيشكە بولىدۇ
ئىلگىرى قىزلارنىڭ دوپپىلىرىغا ئالتۇندىن تاجا ھەم قاداقلارنىمۇ تاقايتتى ،ھازىر سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلاشتىن باشقا سورۇنلاردا بۇنداق دوپپا ئۇچرىمايدۇ.قىزلارنىڭ ھازىرقى دوپپىلىرىمۇ ئنتايىن يارىشىملىق ۋە چىرايلىق بولۇپ ،چىراي ۋە باش شەكلى ئوخشىمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىغا ماس كىلىدىغان تۇرلۇك گۇللۇك ،مارجان ۋە چىمەن دوپپىلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.

دوپپىنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كىچەكلىرىدىكى ئورنى
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئۇيغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بىشىغا ياغلىق سىلىشقا ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، باش كىيىمسىز يۇرۇشنى ئۇيغۇرلار يامان كۆرىدۇ. بولۇپمۇ نەزىر چىراققا بارغاندا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوقوم باش كىيىم كىيىشى شەرت.
خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇر مۇش قارىشىدا ئومۇمەن ئاممىۋى مۇراسىملارغا باش كىيىمسىز بىرىش بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك ھىساپلىنىدۇ.
رايۇن پەرقى، كەسپىي پەرق ۋە ياش قۇرام پەرقى تۇپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرى ناھايىتى كۆپ خىللىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۇچۇن كىيگەن باش كىيىمگە قاراپ شۇكىشىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ياش قۇرامىنى بىلگىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيمى شەكىل جەھەتتىن ئومومەن قىشلىق تىرە تۇماق،سىدام دوپپا ۋە گۇللۇك دوپپىدىن ئىبارەت ئۇچ خىل بولىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەر قايسى تۇرىدە يەرلىك رايۇن پەرقى روشەن گەۋ دىلەنگەن.
دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىەت گۇزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۇپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان ياز لىق باش كىيىم ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقى ، ھۆنەر سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر . قەشقەر شەھرىنىڭ «دوپپا بازىرى» گويا تۇمەن مىڭ خىل رەڭدار گۇللەر بەس - بەستە ئىچىلغان باغچىغا ئوخشايدۇ. قەشقەر شەھرىدە دوپپىچىلىق كەسپى ناھايىتى تەرەققى قىلغان .
ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۇرلىرى ناھايتى كۆپ؛ بادام دوپپا، تاشكەنىت دوپپا، گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا ، ئىلمە گۇللۇك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان دوپپا ، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۇز خىلدىن ئاشىدۇ. بۇدوپپىلار نوقۇل باش كىيىملا بولوپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىر خىل گۇزەل سەنئەت بويومى ھىساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر دوپىپىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئوموملاشقىنى بادام دوپپا بولوپ ،ئۇ ئۇيغۇر لرنىڭ سىموۋلى ھىساپلىنىدۇ. بادام دوپپىنىڭ تۇرلىرىمۇ بىر قانچە تۇرلۇك بولوپ، ھەممىسىگە تۆت دانە بادام شەكىلىك يىرىم ئاي نۇسىخىسى ۋە جىيەكنىڭ ئۇستىگە چۇشۇرۇلگەن گومبەز شەكىلىك گۇل نەقىش قىلىپ جۇلالىق ئاق مەشۇت بىلەن تىىكلگەن .بۇگوياكى ئاي ئەتراپىداجمىرلاپ تۇر غان سانسىز يۇليۇزلارنى ئەسلىتىدۇ. گۇلۇك ۋە زەر باسقان دوپپىلار ئاياللارغا خاس بولوپ ،ئۇنىڭ نۇسىلىرىمۇ كۆزنى چاقنىتىدۇ.
قىزىل ۋە يىشىل دۇخاۋىدىن تىكىلگەن سىدام دوپپىلار كۆپرەك شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئوموملاشقان بولوپ، بۇدوپپىلارنىڭ رەڭگى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى چۇشەنچىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيغۇرلاردىكى دوپپا سوۋغا قىلىش ئادىتى
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيەگە ئەھمىيەت بىرىدىغان خەلق.ئۇلار ئۆزى ياقتۇرغان كىشىلەرگە ماددى سوۋغا (قەدىمدە ئالتۇن-كۈمۈش،يىپەك،ئات،بۇغا مۈڭگۈزى،بۆرە ھوشۇقى ،كىتاب ،راۋاب-تەمبۇر...)قاتارلىق سوۋغاتلار بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن .دوپپا بىر ئسىل باش كىيىمى ،بىر خەلقنىڭ ئورتاق بەلگىسى بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە بىر قىممەتلىك سوۋغات بۇيۇمى.
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دوستى ،مىھمنى دەپ قارىغان كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىدىغان باش كىيىمى دوپپىنى سوۋغا قىلىدۇ.بۇنىڭ كۆپ ئەھمىيتى بار بولۇپ ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەت تەشۋىقاتى رولىنى ئۆتەيدۇ.
ھازىر دۆلەت رەھبەرلىرىدىن باشلاپ ،ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇراسىم -يىغىلىرىشدا ،چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ۋە سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرنىڭ دوپپا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چىن دوسىتلۇقى ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۇزاق ئەسىرلەردىن بىرى دوپپا ئەزىز مىھمانلارغا ،دوستلارغا ھەدىيە قىلىدىغان قىممەتلىك سوۋغات بۇيۇمى بولۇپلا قالماي يەنە ساداقەتلىكنىڭ .مۇھەببەتنىڭ سىموۋلى سۇپتىدە قىزلارنىڭ ئۇز يىگىتىگە تۇتىدىغان ئەتىۋارلىق يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى .

دوپپا مەدەنىيتنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى
دوپپا باشقا ئۇيغۇر مەدەنى مىراسلىرىغا ئوخشاش تەسەۋۋۇرغا باي،گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، چوڭقۇر مەنىۋىيەت دۇنياسىنى ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددى كەشپىياتى. نۆۋەتتە بارچە ئۇيغۇر زىيالىلىرى دوپپا --باشقا مەدەنى كەشپىياتلار ئىچىدىكى ھازىرغىچە ياشلىقىنى، ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان، مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا سىموۋۇل بولۇش لاياقىتىگە ئىگە قىممەتلىك گۆھەر. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ مۇستەقىل كەشپىياتى. ئۇ ئەقىللىق ، لاتاپەتلىك ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر يىگىت - ئەرلىرىگە ، ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىغا مەڭگۈلۈك سەمىمىي ، ساپ مۇھەببەت يالدامىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان كەشپىياتى . ئۇ ئومۇمنىڭ ئەمەس ، خاس ئىگىنىڭ بولىدۇ . ئەگەر سىز ھىيت- بايرام كۇنلىرىدە قەدىمى شەھەر قەشقەرنىڭ ھىيتگاھ مەيدانى، خوتەن ،كۇچا مەسچىتلىرى ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن يوللاردا ،مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان كىشىلەر ئارىسىدا بولغىنىڭىزدا ئۇزىڭىزنى گۇياكى ئادەم دىڭىزى ئىچىدە ئەمەس رەڭمۇ رەڭ گۇللەر چايقىلىپ تۇرۇۋاتقان گۇلزارلىقتا تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىسىز ئىگىزدە تۇرۇپ بۇ ئادەملەر دىڭىزىغا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز كىشىلەرنىڭ بىشىدىكى گۇللۇك دوپپىلار كۇزىڭىزگە ئەنە شۇ گۇلزارلىقتىكى دەستە دەستە گۇللەردەك كۇرۇنىدۇ .
بۇ ھەقتە شائىرلار شىئىر-قوشاقلارنى ،ئەدىپلەر ھىكايە-نەسىرلەرنى يىزىشتى. خەلقىمىز ھىيت بايراملاردا كۆڭۇللىك مەشرەپلەردە ،ئۇزئارا يوقلىشىش،تەبرىكلەش ۋە تەزىيە بىلدۇرۇش چاغلىرىدا بىردەك دوپپا كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ،ئۆز نۆۋىتىدە جەمىئەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ باتۇر ئەمگەكچان خەلقىمىز دوپپىلارنىڭ تۇرى ۋە پاسونلىرىنى ئۇزلۇكىسىز كۇپەيتىپ كەلدى. بۇگۇنكى كۈندە دوپپا رەسمىيلا مەدەنى كىملىك ،مىللى بەلگە،رايۇن سمۋولى،ئۆزگىچە سەنئەت ئالبۇمى بولۇپ قالدى.ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ نەرىگىلا بارسىڭىز مىڭلىغان گۈزەل گۈللۈك نەقىشلەر چىكىلگەن دوپپىلار كۆزىڭىزگە چىلىقىدۇ.قايسى بىر ئۇيغۇردىن سورىسڭىز دوپپىنى «ئۇيغۇرنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى » دەپ جاۋاب بىرىدۇ.

دوپپا مەدەنىيتى دۇچ كىلىۋاتقان خەتەر

كۆپ قىسىم ئامما دوپپىنى ھىلىھەم مىللى بەلگە سۇپىتىدە قاراپ،ھۇرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلسىمۇ بىراق بىر قىسم كىشلەر پەقەت چەتئەللىك مىھمانلار ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلارنى كۇتۇۋىلىش،سوۋغات قىلىشقىلا ئشلىتىپ ئۆزى بولسا توي-تۆكۈن،ئۆلۇم-يىتىم قاتارلىق ئالاھىدە مۇراسىملاردا تەبرىكلەش ۋە تەزىيە بىلدۇرۇش بەلگىسى سۇپىتىدىلا كىيىدىغان،ھەتتا بەزى سورۇنلاردا دوپپا كەيگەنلىك-پەقەت مەلۇم يەرلىكنىڭ ئادىتى ياكى ئىقتىسات ، مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋن كىشلەرنىڭ ،يىراق ۋە نامرات سەھرادىن كەلگەن كىشلەرنىڭ خاس ئىشى دەپ قارىلىپ ، دوپپا كەيگەنلەر ئانچە قارشى ئىلىنمايدىغان،مەسخىرە قىلىندىغان ناچار كەيپىيات باش كۆتۈرۈپ قالدى.بۇنىڭ ئاقىۋىتى خۇددى بىر قىسىم ئاقىل كىشلەر ئالدىن كۆرسەتكەندەك ئنتايىن خەتەرلىك بولۇپ،ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىتنى ئۇنتۇش ئۆزنىڭ رىئاللىقتىكى قەدىرسزلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.ياشلار بىلەن ياشانغانلار،جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شىمالدىكى ئۇيغۇرلار ،دىھقانلار بىلەن شەھەر ئاھالىلىرى ئوتتۇرسىدىكى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىڭىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
دوپپا مەدەنىيتى دۇچ كىلىۋاتقان خەتەرنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن كۆزتىشكە بولىدۇ:
1-ياشلار ۋە بىر قىسىم كىشلەر ئارسىدىكى دوپپا مەدەنىيتنى تاشلىۋىتىش خاھىشى.بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار:
1- دوپپا مەدەنىيتىنى چۇشەنمەسلىكتىن كىلىپ چىققان خاتا تونۇش
2-مەدەنىيەت ساپاسى ، تەۋەلىك چۇشەنچىسى،نۆۋەتتىكى شارائىتقا نىسبەتەن كىرزىس ئىڭى يىتەرسىز بولغانلىقتىن مىللى مەدەنىيەتنى ئاسراش ،قوغداش ئىڭى قىزغىنلىقى بولماسلىق.
3- دوپپا تىكىش ،كىيىش،سوۋغا قىلىش ،دوپپا سودىسى قاتارلىق بىر يۇرۇش دوپپا مەدەنىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت ۋە ماھارەتلەرنىڭ ئۇنتۇلۇش،تاشلىۋىتىلىش خەۋپى.

«دوپپا مەدەنىيتى بايرىمى» ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى

مەدەنىيەت قىممىتى
«دوپپا»دىن ئىبارەت مىللى مەدەنىيەت بەلگىسنى ئاساس قىلىپ مىللى مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۇزۇش ئەلۋەتتە كۆپ خىل ئەھمىيەتكە ئىگە.بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشش دولقۇنى،زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت فورمىلىرىغا تىز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىش شەكلىدە ھۇجۇم قىلىشى-تارىم بوستانلىقىدىكى مەدەنىيەت ياراتقۇچىلارغا نەچچە مىڭ يىللاپ ھەمرا بولۇپ كەلگەن ئىتىقات ۋە دۇنيا قاراش بىلەن زىچ يۇغۇرۇلغان ئستىېتىك قىممەت قاراش ۋە تۇرمۇش مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەقەززا قىلىدۇ.بىر مىللەتنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى- ماددى ۋە مەنىۋى تەركىپلەردىن قوشۇلغان بىر پۇتۇن مەدەنىيەت بىرلىكىگە تايىنىپ ،ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى،تەپەككۇر ئۇسۇلى،مەدەنىيەت پىسخكىسغا سىڭىدۇ.بۇ جەرياندا گەۋدىلىك ئۇتۇپ چىققانلىرى يەنى تۇرمۇش جەريانىدا مۇھىتقا ماسلىقى ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئىھتىياجەن تاللىشىدىن ئۆتكەنلىرى ئۇنىڭ ئايرىلماس بەلگىلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ.مەمۇرى تارماقلارنىڭ تەشكىللىشى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ،ھاياجان ئارقىلىق پايدىلىنش ۋاستىسى بولمىغان،نۇرغۇن دەۋىرنىڭ تاللشىدىن ئۆتكەن ، خەلقنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇپ،قەدىرلىنىپ كىلىنگەن ئەنئەنە بەلگىلىرى ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا مىللەت ئومۇمى خاراكتىرىگە خاس بولغان، يوشۇرۇن مەنىگە كۆپ ئامىللارنىڭ ئورتاقلىقىدىن بىشارەت بىرىدۇ.دىيىشكە بولىدۇكى،«دوپپا-مىللەت روھىنىڭ تاشقى پىرامىداسى».مەدەنىيەت ئنسانشۇناسىلىقى نۇقتىسدىن ئىيتقاندا ،دوپپا تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان ئايرىم مەدەنىيەت ھادسسى.

1- ئىقتىسادى ئەھمىيتى

تارىخنڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ھەرقانداق مىللى مەدەنىيەت ئۆزى ساقلىنىپ قالغان خەلق ۋە رايون تۇرمۇش ئەمەلىيتى بىلەن زىچ باغلانغان ،ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتنى كاپاالەتكە ئىگە قىلغۇدەك رىئال تۇرمۇشتن ئاساسلانغان يىلتىزى بولىدۇ.ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتى-ئۇيغۇرلارغا ھەمرا بولۇپ كىلىۋاتقان مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى مەدەنىيەت بەلگىسى بولۇشتەك غەيرى ماددى رولىدىن باشقا ،مىللى كىيىم كىچەك ،يارىشىملىق ھەم زىننەتلىك لىباس بولغان.باشقىلارغا ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت ئىپادىلەش ۋاستىسى بولغان.بۇگۇنكىدەك تارىخى شارائىىتا ئۇ يەنە ئەسلىدىكى ئۆتەپ كەلگەن روللىرىنى قوشۇپ ،خىلى سالماقنى ئىگىلىگەن كىشلىرىمىزنىڭ ھاياتىدا زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك تەركىپ بولۇپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە،ئىقتىساد ھەممىنىڭ يادروسى بولغان دەۋرىمىزدە دەۋىر ئالاھىدىلىكى،ياشلىشۋاتقان نوپۇس سانىنىڭ تاللىشى،ئاممىباب مەدەنىيەت قاتارىغا قوشۇلۇشى بولماي،ئىقتىسادى سەرپىيات تەلىۋى يۇقىرى بولغان، پۇتۇنلەي ئەنئەنىۋى مەنىدىكى مەدەنىيەت بولۇپقالغان كونا مەدەنىيەت تۇرلىرى خەلق تۇرمۇشىدا ئەھمىيەتسىز دەپ قارىلىپ ،باشقىلار ئشلىتىشنى خالىمايدىغان پاسسىپ ئورۇنغا چۇشۇپ ،قوغدىلىشنى كۇتۇپ تۇرىدىغان بىر تۇرلۇك يۈك بولۇپقالىدۇ. دوپپا مەدەنىيتى ئىقتىسادى قىممەت يارىتش رولىنىمۇ تەڭ جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

1)-ساياھەتچىلىك ئشلىرىدىكى ئەھمىيتى

ساياھەتچىلىك ئشلىرىنىڭ تەرەققىياتى- ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇن مۆلچەرلىگۈسىز تۆھپىلەرنى قوشىۋاتقان بۇگۇنكىدەك پەيىتتە ،ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەۋزەللىكدىن تولۇق پايدىلىنىپ ،جەلبكار ئەنئەنىۋى مىللى مەدەنىيەتنڭ يوشۇرۇن كۇچى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا سورۇن ھازىرلاش،يىراق ئۆتمۈش ۋە بۇگۇنكى دەۋىرگە ئورتاق بولغان كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىنڭ سىھرى كۇچىدىن ئىمكان دائىرسىدە پايدىلىنىش –دۆلىتمىزنىڭ نۆۋەتتكى مۇناسىۋەتلىك سياسەتلىرىگە ئۇيغۇن .مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقى جۇلاسى بولغان ئۇيغۇر لارنىڭ مىللى ۋە ئەنئەنىۋى باش كىيىمى-دوپپا-ئشك سىرتقا ئىچىۋىتىلگەن يىقىنقى 20 يىل ما بەينىدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيتى ۋە شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئۇچۇن داۋراڭسىز ئوبراز ئەلچىسى،ئىلان ۋەكالەتچىسى بولۇپ كەلدى.رايونىمىزغا كىلىپ كەتكەنلەر ئەلۋەتتە باشقا يەرلىك مەھسۇلاتلار بىلەن قوشۇپ دوپپىنى ئالماي،كىيىپ باقماي ماڭمايدۇ.ئۆز دۆلىتىگە قايتىقاندىن كىيىنمۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ باش كىيىمى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زىمىندىكى مەدەنىيەت كانىنىڭ جانلىق ۋە يىگانە تەشۋىقاتچىسى بولۇپ كەلمەكتە.مەلۇم جاينىڭ تاشقى پىرۋۇتىدا –ساياھەتچلىك ئىنتايىن زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.تاشقى پىرۋۇت يارىتالايدىغان ساياھەتچىلىك بولسا ئەلۋەتتە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدە خاسلىق بولۇش،خاسلىق بولغان ئىكەن ئۇنى ساقلاش ۋە گەۋدىلەندۇرۇش –ساياھەت ئىقتىساتشۇناسلىقىدىكى مۇھىم نۇقتا.نۇرغۇن مەدەنى مىراسلار قاتارىدا گەۋدىلىك مىللى خاسلىققا ئىگە،بىۋاستە تاشقى كۆرۈنۈشتە تىز ھەم ئاسانلا ئىپادە بولىدىغان مەدەنى بەلگە دوپپانىڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ كەلگۇسى مەدەنى قىياپىتىدە،ساياھەت ئشلىرىدا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى دانالىق بىلەن كۆرۈپ يىتىش –زامان تەقەززاسىدۇر.
2)-،مىللى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كارخانا ۋە ئائىللەرنىڭ ئىقتىسادىغا، مىللى قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تەرەقىياتىغا پايدىلىق.
ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە ئەنئەنىۋى مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان نۇرغۇن ئائىللەر بولۇپ،بۇلار زامانىۋى سودا مۇھىتىدا كارخانىلىشش ،ئۇچۇرلىشش، زاماانىۋىلىشش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشقا، پۇت تىرەپ تۇرۇشقا مۇھتاج.دوپپىدىن ئىبارەت يوشۇرۇن خىرىدار مەنبەسىگە ئىگە بولالايدىغان مەدەنى سودا تۈرىگە مەبلەغ سىلىش ۋە ئۇنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ،بۇ ئارقىلىق يەنە باشقا نۇرغۇن مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئىچىش -<>،<>دىگەن <>تەپەككۇر يولىغا ئشىنىدىغان پۇرسەت كۇتىۋاتقان سودىگەرلەر ئۇچۇن بىر ياخشى بىيىش پۇرسىتى.دوپپا مەدەنىيتىدىن ئىبارەت <>-ئىھتىياج بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىگىلىك يارىتىش بىزگە يەنە بىر بوشلۇقنىڭ بارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ،دوپپا تىكىش ،دوپپا ماتىرياللىرىنى يەتكۇزۇش،تەييارلاش،سىتىش،دوپپا مەھسۇلاتلىرىنى توپ ۋە پارچە سىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشلەرنىڭ ئومۇمى سانى 1000دىن ئاشدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىقداردا ئش ئورنى يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنى قامداشتىن ئىبارەت ئاكتىپ ئىقتىسادى ئايلىنىشنى ۋۇجۇتقا چقىرىدۇ.
-ئىجتىمائى ئەھمىيتى

1)- مىللەتلەر ئارا چۇشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش
تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەر،مىللى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىلىرى،كىيىم-كىچەك يەرمەنكىلىرى،مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرى -مەملىكىتىمزنىڭ مىللى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش ئاساسى پائالىيەت شەكلى بولۇپ،نۇرغۇن ئەمەلى ئۇنۇم ياراتقان ، خوشنا ۋە يىراق ئەللەر ئوتتۇرسىدىكى چۇشنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر نىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىششى ۋە تونۇشۇشنى مۇۋاپىق سورۇن بىلەن تەمىنلەپ، مەدەنىيەت ھالقىغان تۈرلۈك ئىقتىسادى ،ئىجتىمائى ئالاقىلەرنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ كەلگەن،شۇنداقلا مەملىكىتىمىز ۋە رايونىمىز دىكى مىللەتلەر ئوتتۇرسدىكى چۈشىنشتە ،باراۋەر ئاساستىكى ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەشتە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلگەن.يىقىندىن بىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى شەرقى جەنۇبى ئاسيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيۇشتۇرغان ھەرقايسى مىللەت سەنئەتكارلىرى ۋە مەدەنىيەت خادىملىرىدىن تەركىپ تاپقان <>قاتارلىق يۇرۇشلۇك مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى تىپىك مىسال قىلىش مۇمكىن.مىللەتلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر رايوندا ئارلاش ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى باشقا جايلاردىكى مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ئۆز-ئارا چۇشىنىش-ئالاقە كۆۋرۈكى بولالايدۇ!

2)-ئىسل مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارسلىق قىلىش

دوپپا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى باش كىيىمى بولۇپ،ئۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ماددى ۋەمەنىۋى مەدەنىيتىدە سالماقلىق ئورۇن تۇتىدۇ.
ئۇ كۆركەملىكى،جەلبكارلىقى،كىيىشكە ئەپلىك بولۇشى، كەيگۇچى ۋە كۆرگۈچىگە بىرىدىغان ئۆزگىچە تۇيغۇلىرى بىلەن قوشۇپ ئاسراش ۋە داۋام ئەتتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش قىممىتىنى ھازىرلىغان مۇھىم مەدەنى بايلىقىمىزدۇر.ئۇ مەدەنىيەت كىملىكىنى نامايش قىلىدىغان ،ئۆزىدە ئەزەلدىن بار بولغان مەدەنىيەت ئامىللىرى ئارقىلىق سۈپەت ۋە سان بىرلىكىنى روياپقا چىقىرىشقا ۋاستىلىك ئەسقاتىدىغان نەخ مەدەنى خۇرۇچتۇر.مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆز مەدەنىيتىنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان،ئۇزاق زامانلاردىن بىرى داۋاملشىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىمىزنى دەۋىردىن-دەۋىرگە ئۇلايدىغان خاسىيەتلىك ئەنئەنە كۈنىمىزدۇر. ئۇزاق تارىخى جەريانلاردىن بىرى ئۇيغۇر خەلقىگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن سىمۋول خاراكتىرلىك بۇ مىللى كىيىم مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشكە ئەرزىيدۇ،بۇ ھەم بىزنىڭ،بۇگۇنكى دەۋىر ياشلىرىنىڭ يىتەكچىسى بولغان ئىتتىپاق كومىتىتلىرىنىڭ ،ئۆزلۇكنى تونۇش باسقۇچىدىكى ھەممە كىشىنىڭ يۈكسەك تارىخى بۇرچىدۇر. مەدەنىيەت ئانالىزچىلىرى،ساياھەتچىلەر،كۇزەتكۇچىلەر ۋە ئۇيغۇر ئەدبىلىرنىڭ پىكرىگە كۆرە «دوپپا-21-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مىللى كىملىكنىڭ سىمۋولى» دەپ تونۇلدى.

3)-دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سىياستىنى ئەمەلى ئسپاتلاش ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش
ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى قوغداش ۋە ۋارسلىق قىلىش، مىللى مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش–دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئشلىرى توغىرسىدىكى سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن،دۆلىتىمىز 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مىللى مەدەنىيتىنى قوغداش ، جەۋلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن يىتەرلىك قانۇنى ئاساس ۋە ماددى شەرت-شارائىت بىلەن تەمىنلەپ ،مىللەتلەرنىڭ تىل-يىزىق ،ئۆرپ-ئادەت،دىنى-ئىتىقات،ئەنئەنىۋى مەدنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ،ئىلمى مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ،مەخسۇس مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇش ،قەدىمى مىراسلارنى توپلاپ رەتلەش،قوغداش ئاپپاراتلىرىنى تەسس قىلىش....دۆلىتىمىز بۇ ساھەدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھەقىقەتەن قوللىدى.ئون ئىككى مۇقام،ماناس داستانى...قاتارلىق ئازسانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى دۇنيا ئنسانىيەت غەيرى ماددى مەدەنىيەت تۈرىدىن سانىلىپ ،قوغدىلىدىغان تۈرلەرگە كىردى،ئەلۋەتتە بۇ دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت سىياسىستىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنڭ نەتىجىسى.
4)-خەلىقئارا مەدەنىيەتلەر ئالاقىسى –ب د ت پەن-مەدەنىيەت،پەن- مائارىپ سەھىيە تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان مەدەنىيەتلەر دىئالوگى –نىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن كىلىدۇ!ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئشلىگەن خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە پايدىلىق! شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئىمزا قويغان بارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن.

دوپپا بايرىمى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيتى

1- دوپپا مەدەنىيتى بايرىمى ئۇيۇشتۇرۇشنى دەۋىر تەقەززا قىلىدۇ!
مەيلى مەدەنىيەت،مەيلى ئىقتىساد مەيلى سىياسەت نۇقتىسدىن ئالايلى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئورتاق چۈشەنچە ھازىرلاش، ئىقتىسادى ئۈنۈم بىلەن تەڭلا ئىجتىمائى يارىتىش، سىياسى جەھەتتىن مەدەنىيەت كىملىكىنى تونۇتۇش -بۇلارنىڭ ھىچقايسى سەلبى ئش ئەمەس ، ئەكسچە دەۋرىنىڭ رەڭدارخاركتىرىگە ،كۆپ قۇتۇپلىششقا ،سالاھىيەتنى گەۋدىلەندۇرۇشكە بولغان يۇزلىنىشڭ ئىپادىسى ھىسابلىنىدۇ!
نۆۋەتتە دوپپىدەك كەڭ ئۇمۇملاشقان، تىپىش ۋە ئىلىپ يۇرۈش ئەپلىك ،كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇر خاسلىقى دەپ تەرىپلىنىش بىلەن شنجاڭدىكى ئاساسى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە دوپپىدەك تىپىك ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئىككىنچى بىر مەدەنى ئامىلى ئاز ئۇچرايدۇ.
بۇنى دەۋىر يۇزلىنىشى ۋە مەدەنى كىملىككە بولغان ئەمەلى ئىھتىياجىمىز تەلەپ قىلىدۇ، ھەر مىللەت كەڭ خەلق ئاممىسى ئالقىش ئىچىدە قوبۇل قىلالايدۇ.
<>بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئالىمىنىڭ بىردەك قەلب ساداسى ،ھەرىكەت قىبلىنامىسىدۇر.
2- دۆلەتنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات سىياستى تەقەززا قىلىدۇ!
تەرەققىقيات-مۇقىملىققا ،مۇقىملىق-ئىتتپاقلىققا ،ئىتتىپاقلىق-چۈشىنىشكە،چۈشىنىش- مەدەنىيەت بايرىمىغا مۇھتاج.
بۈگۈنكى ئىلىمىز ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەتتىكى كۆپ قۇتۇپلۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ،ئۆز دۆلىتى ئىچىدىلا ئەمەس خەلىقئارادىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بىر مەسئۇلىيەتچان ئەل ئوبرازى بىلەن نۆۋەتتىكى دىلوماتىيە سىياستىدە مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۇرۇش، ئىقتىساد جەھەتتە ھەمكارلىش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئىلغار بولغانلىرىنى، ماس كەلگەنلىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، ئۆزىدە بار بولغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سىرتقا كىڭەيتىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا ئومۇميۇزلۇك ئاتلىنىۋاتقان <> قوللىنىۋاتقان بىرئەل.ئەلۋەتتە دوپپا مەدەنىيتى ئىلىمىز جوڭگۇنىڭ بۇ سىياسىتىگە رەڭ قوشقۇسى.
دۆلەت رەھبەرلىرى <>، <> قاتارلىق ئەقلى يەكۈنلەر بىلەن ئومۇمى ۋەزىيەتتە تەرەققىياتنىڭ ئاساسى تىما ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، تەرەققىيات ئۈچۈن مۇقىملىقنىڭ ئەڭ زۆرۈر ھالقا ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن . بۇ نۇقتىدىن ئالساق مەدەنىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق ئىلىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكىلەرنى تونۇش ۋە چۈشىنىش – مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئويناشتەك زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋاڭ مىڭ <>دىگەن لىكسىيەسىدە <> دىگەن.
دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ،سىياسەتلىرىگە ئاساسەن <>دىن ئىبارەت بۇ مىللى مەدەنىيەتنى تىرىلدۇرۇپ ۋە جانلاندۇرۇپ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئشلىرىغا، ،مىللەتلەر ئارسىدىكى چۇشىنىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جەمىئەتكە ئاز-تولا ھەسسە قوشۇش،قەدىمى مىراسلارنى قوغداش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ رەڭدار ۋە جەلبكار ئىچكى خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا مەلۇم دائىرىدە تۆھپە قوشۇشتن ئىبارەت پۇقرالىق بۇرچىمىزنى ئاقلاش–مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاساسى مەقسىدى.

دوپپىنى تاللىشىمىزنىڭ سەۋەبى:
بىر پۇتۇن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەركىپلىرى ئىچىدە جانلاندۇرۇشقا ،تەكىتلەشكە تىگىشلىك مەدەنىيەت تىپلىرى مول.
<>خاتىرە پائالىيتى ئۇچۇن تاللىغان بىر قاتار پائالىيەت ھەم مىللى مەدەنىيەت تەركىبلىرى ئىچىدە<< دوپپا >>نى تاللىشىمىزنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى:ئۇ بىر پۇتۇن ئۇيغۇر مەدەنىيتنىڭ تىز سىزمىسى سۇپىتىدە كىملىكىمىزگە ۋەكىللىك قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە سمۋول بولالايدۇ!
ئۇ مول تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ،يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە .
ئىككىنچى باش كىيىم بىۋاستە كۆزگە تاشلىنىدىغان بولغاچقا كىشنىڭ دىققىتىنى ئنتايىن ئاسان تارتىدۇ ئەستە قالىدۇ.تەسىرى ياخشى .
ئۈچىنچى:دوپپا كۆرۈنۈشتە تىز كۆزگە چىلىقىدۇ.باشقىلارنىڭ تۇنجى سەزگۇسنى غىدىقلاشتا تىز تەسىر كۆرستىش ئۇنۇمىگە ئىگە.
تۆتىنچى: دوپپىنى تىپىش،سىتىۋىلىش ئاسان،باھاسى ئەرزان.ئىلىپ يۇرۇشكە ئەپلىك.
بەشىنچى :ئۇ كۇچلۇك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ،ئۆزىمىز ۋەباشقىلار (ئۆزگە مىللەتلەر جۇملىدىن ئىلىمىزدىكى خەنزۇ قاتارلىق قىرىنداش مىللەتلەرۋە چەتئەللىكلەر) ئۇنى خىلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرنىڭ ئاساسى تاشقى بەلگىسى دەپ تونۇپ كەلگەن.
ئالتىنچى:دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ،زامانىۋىلىققا ماسلىشالايدۇ.زامان ئۆزگىرىشى ئىلىپ كەلگەن ھادىسلەرنىڭ تاللىشىدىن شاللىنىپ قالمايدۇ.
بۇگۇنكى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقى مەنىۋى جەھەتتە بۆلۇنمچىلىك ،مائارىپ جەھەتتىكى قىيپ كىتىش،ئىقتىسادى جەھەتتە چىكىنش قاتارلىق پاسىپ سۇپەتلەر بىلەن تەسىۋىرلىنىپ كىشنى كۆڭلىنى چەكسىز بىئارام قىلىدۇ.ئىجتىمائى تىمىلاردىكى يازمىلاردا-كىرزسىقا پاتقان مەۋجۇتلۇق،ئۇنتۇلغان،چىكىنۋاتقان مەدەنىيەت- دىگەندەك ئىبارىلەر ئنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.كۆپلىگەن ئىلغار كىشلەر نەزىرىدكى تۇنجى ۋە جىددى كىرزىس ئىتىپاقلىق كىرزىسى ،ئىدىيە بىرلىك بولماسلىق مەسىلى بولۇپ،ياش پەرقى،ئىقتىسادى ئارقا كۆرۈنۈش،ياشىغان جاينىڭ جەنۇب ياكى شىمالدىن بولۇشى، خىزمەتچى ياكى ئەمەسلىكى،بىلىم ساپاسىنڭ ئوخشىماسلىقى ،دىنى ئىتىقات ۋە ئەمەل-ئبادەت دەرىجىسى ....قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك ئۆز-ئارا تەبىقە ئايرىلىش خىلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە بۇنىڭ پاسسىپ نەتىجىلىرى ئۆز تەسىرىنى كۆرستىشكە باشلىغان .جۇملىدىن بىر قەدەر ياخشى شارائىتقا ئىگە بولغانلىرى-باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان،ھەر بىر تۈردىكى كىشلەر بىر توپ بولۇپ،ئايرىمچىلىق قىلىدىغان،سودا،مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلاشمايدىغان ،ئەسلى پۇتۇنلەي ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا ئىزلىنىدىغان ئىلمى ساھەلەردىمۇ بۆلۇنۇشكەا سەۋەب بولۇۋاتقان،كەڭ ئاممىنىڭ چۇشەنچىسنى خۇنۇكلەشتۇرىۋاتقان ھادىسلەر ئنتايىن كۆپ.
دۇنيا قاراش بىرلىكى-مەدەنىي بىرلىكنى ئاساس قىلىدۇ.كۈنىمىزدە يۇقىرىدىكى بۆلۇنمچىلىككە بەرھەم بولىدىغان ئامىلنى تىپىپ چىقىش زۆرۈرنىڭ زۆرۈرى.ھەممىدىن ئاۋۋال ئويلىشىدىغان ئش.دوپپا مەدەنىيتى-تەبىقە ،مەرتىۋە،غەيرى ئىدىيە بويىچە ئىلگىرى سۇرۇلمەستىن بەلكى ئورتاق بولغان خۇشاللىق كۇنىنى تەبرىكلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
كۇچلۇك مەدەنىيەت مىللى بولۇش-ئەڭ ياخشى تاللاش.
ھەممە كىشى ئۆز ساھەسىدە ئۆز مۇۋەپپەقىيتى ئۇچۇن ،شۇنداقلا مۇئەييەن ھەسسە قوشۇش ئۇچۇن تىرشسا مەدەنىيەتنىڭ يىلىكى بولغان ئاساسى ساھەلەر كۇچەيسە ،تەرەققىياتنى ئارقا تىرەك قىلغان مەدەنىيەت-بىزنىڭ ئۇلىمىز بولۇپ قالىدۇ.
دوپپا مەدەنىيتى بىردىنبىر تاللاش ئەمەس،مەدەنى مەۋجۇتلۇقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئاكتىپ ۋە جانلىق ئۇسۇللىرى ھەممىمىزنىڭ قاتنىششى ،كۇچ چىقىرىشنى كۇتۇپ تۇرۇپتۇ.
ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن:

ئەمەستۇر لاپ، دىسەم قەشقەر سەيىرىنڭ مۇنبىرى كەچتە،
گۈزەل ھۆسنى شەپەق يەڭلىغ شەرقنىڭ بىر گۈلى كەچتە.
بادام دوپپا ،چىمەن دوپپا ،ئاقار يولدا تۈمەن دوپپا،
ياقار ھەر كىم لىۋىگە لەۋ سائادەت دىلبىرى كەچتە
(ئەبەيدۇللا ئىبراھىم شئىېرى،قەشقەردە كەچ)

نە ھاجەت «كىملىك»ى ئۇيغۇر بېشىدا «كىملىك»ى دوپپا ،
بادام شىپاھىدىن تارىخ بادام گۈللۈك بادام دوپپا ،
بۇ جەننەت گۈل چىمەنىدىن بىرەر بەلگە چىمەن دوپپا ،
بادام دوپپا ،چىمەن دوپپا ئاقار يولدا تۈمەن دوپپا ،
ياقار ھەركىم لىۋىگە لەۋ سائادەت دىلبىرى كەچتە
.(ساۋۇت سۇپى نۇرنىڭ يۇقىرىدىكى غەزەلگە يازغان مۇخەممەس)

بۇگۇن ئۇيغۇر نىڭ ،ھەممە ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت بايرىمى،كىملىك بايرىمى-دوپپا بايرىمىدۇر!!
خەق سىزدىن:-<< نەدىن كەلدىڭ ؟>>دەپ سورىغاندا ،چۈشەندۇرۇشتە قىينىلىپ باققانمۇ؟
-سەن قايسى مىللەتتىن بولىسەن ؟-دەپ سورىغاندا ،<>دەپ جاۋاب بەرگىنىڭىزدە ،خەق سىزدىن <>دىگەن نىمە ئۇ ؟ -دەپ قايتىلاپ سورىغاندا، سىز ئازابلىنىپ باققانمۇ؟
مانا ئەمدى قىينالمايسىز....!!
مانا ئەمدى كىيىشتىن خىجىل بولغان دوپپىنى كەيمەي بولمايدىغان بولدى!
بىز چوقۇم دوپپا كىيىشىمىز كىرەك،بىر كۈن بولىسمۇ !
بىز ئۆز كىشلىرىمىز ۋە باشقىلارنىڭ دوپپا ھەققىدكى ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق شۇنىڭدىن خەۋەردار بولدۇقكى:
دوپپىدىكى مەنە چەكسىزدۇر.دوپپا-ھەسرەتكە ،تارىخقا سىمۋولدۇر.دوپپا- ، تىرىشچانلىققا ، ئىلمىيلىككە ،مەدەنىيەتكە سىمۋولدۇر!دوپپا-سەمىيمى خۇشاللىقققا ،ئىناقلىققا سىموۋلدۇر.
دوپپدىكى ھاياتى كۈچ چەكسىزدۇر.دوپپا- ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى بىلەن تۇتاشتۇر.دوپپا-ئۇيغۇرنىڭ قىنىنى ئىللىتالايدۇ.دوپپا كەلگۈسىگە بولغان ئۇمۇتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ!
دوپپا-بىرلىك تۇغىدۇر.قانداق ئارقا كۆرۈنۈش ،قانداق كۆز-قاراش،قانداق ئىجتىمائى ئورۇنغا ئىگە بولۇشتىن قەتئىنەزەر بىزدە ئۆزىمىزدىكى ئورتاقلىقنى بىر-بىرلەپ تىپىپ چىقىش ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش جىددى تەقەززادىن ئىبارەت.
دوپپا-ئۇيغۇرنىڭ باشقا مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بولغان مۇقام سەنئىتىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرنىڭ خاس ئىجادىيتى،ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، تاشقى بەلگىسى.
ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى بايراملىرى بولغان قۇربان ھىيت،روزى ھىيتقا ئوخشاش،تۇركى مىللەتلەر ،پارىسلار بىلەن ئورتاق بايرىمى بولغان- نورۇز بايرىمىغا ئوخشاش ئنتايىن ئەھمىيەتلىك كاتتا بايرامدۇر!مەلۇم مىللەتكە نىسبەتەن ئىيتقاندا ،ئۇنىڭ ئىچكى ئاساسى ھەممىدىن مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئۇ قىممەت قاراش،ئىتىقات،مەدەنىيەت ،تەپەككۇر پىسخىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىچكى ئاساسى پۇختا بولمىغان مىللەت تاشقى جەھەتتىن جەلىپكار بولمايلا قالماستىن مەۋجۇتلۇقىنڭ زۆرۈر شەرتىنى يوقاتقان بولىدۇ.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى قىلىدىغان جىددى ئشلار ھەم1- ئۆزىنىڭ ئىچكى ئاساسىنى پۇختىلاش ۋە2- دۇنياغا تونۇلۇش
دوپپا مەدەنىيتى-ئۆزلۇك ئىڭىنى كۇچەيتىشتە،ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن بولغان پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا،خەلقنىڭ تارقاق ئىڭىنى بىرلەشتۇرۇشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
دۇنياغا تونۇلۇشتا نۇرغۇن يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاستىلەر بار بولۇپ،ئەڭ ياخشى تونۇلۇش باشقىلاردا يوق بولغان ئۆزگىچە خاسلىق ئارقىلىق تونۇلۇش كۆپرەك ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ.بولۇپمۇ ئىچكى مەدەنىيەت ئاساسى تونۇلۇشتا ئەڭ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.دوپپا مەدەنىيتى ھەم ئىچكى ئاساسنى پۇختىلايدۇ ھەم بىۋاستە تونۇلۇش پۇرستى بىلەن تەمىنلەيدۇ.تونۇلغاندىمۇ مەدەنىيەت ۋاستىسى ئارقىلىق تونۇلۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەسلى مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ساقلىغان ئاساستا يىڭى شەكىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق مەدەنىي تۇرمۇشنى بىيىتىش ،قەدىمكىنى نۆۋەتتىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق خاسلىقنى گەۋدىلەندۇرۇش،مول ۋە رەڭدار بولغان تۇرمۇش مەزمۇنىنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى كۆپ مەنبەلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن مۇشۇنداق مەدەنىي ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتنى –قانۇنى ۋە ئىلمى ئۇسۇل بىلەن روياپقا چىقىرىش –مەزكۇر پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان ھەر بىر سەمىيمى دوسلىرىمىزنىڭ خالس قوشۇمچە ئشى بوپ قالغۇسى. ھەممە خەلق،ھەممە كىشى ئۆز غىمى ئۇچۇن كەسكىن رىقابەت قاينىمىغا چۆككەن ،رەھىمسىز رىئاللىق پەقەت ئەمەلى ئىقتىدار ۋە نەخ كۇچتىن باشقىسىغا باش كۆتۈرۈش ئىمكانىيتى بەرمەيۋاتقان،تەرەققى قىلىۋالغان خەلقلەر ئۆز مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىنى ھوقۇققا،پۇلغا ،دىپلوماتىيەگە ،سەنئەتكە تايىنىپ خەقكە تونۇشتۇرۇپ ۋە تىڭىپ كىلىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئىقسىادى جەھەتتە قالاقلىق،مەدەنىيەت جەھەتتە چىكىنىش،ئومۇمىيلىقتا تايىنىش ۋە پاسسىپلىق بىلەن خاراكتىرلەنگەن بىز ئۇيغۇر خەلقى مۇشۇنداق يۇمشاق ۋاستىگە ،قانۇنلۇق ۋاستىگە تايىنىپ مەۋجۇتلۇقىمىزنى جاھانغا نامايىش قىلالايمىز.ئۆزىمىزگە بولغان ئشەنچمىز ئاشىدۇ.خەقنىڭ تونۇشى ئۆسدۇ.

ئاخىرىدا شۇنى دىمەي تۇرلمايمىزكى،دوپپا مەدەنىييتى-مىللى مەدەنىيەتنىڭ يەرشارىلىشىشىدىكى ئەڭ تۈز ۋە توغرا يولىدۇر.ئۇ بىزنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تونۇتىدۇ ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق ساقلاپ قالىدۇ.
ئەگەر بۇ ھەقتە ئىككىلەنسىڭىز، چىڭخۇا ئۇنىۋىسرستىېتى <>ناملىق ئىلمى ۇرنىلىدا ئىلان قىلىنىپ زور تەسىر قوزغىغان
从“朵帕”的解读看全球化中的民族传统
<>ناملىق مونۇ ماقالىنى ئوقۇپ بىقىڭ!
ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى
تىمىسى: ئورتاق مەدەنىيەت،ئورتاق تەرەققىيات
ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-خەلقىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى تىخىمۇ بىيىتىش مەقتىسدىكى ئۇرۇنۇشلارنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولۇپ،ئۇنى داۋاملىق جانلاندۇرۇش،ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئاممىبابلاشتۇرۇش سىستىمىلاشتۇرۇشقا مۇھتاج.تۆۋەندىكىلىرى بىر قىسم پائالىيەتلەر بولۇپ،ئىمكان دائىرسىدە ئەمەل قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.ۋە ئىزچىل خەلقىمىز مايىل بولغان ئاكتىپ مەدەنى قىممىتى بار بولغان پائالىيەتلەر قوشۇلىۇپ ماڭىدۇ.

دوپپا بايرىمى كۇنى ئۆتكۇزۇلىدىغان پائالىيەتلەر:
1-<>كۇنى پۇتۇن دۇنيادىكى،جۇملىدىن مەملىكىتمىزدىكى دوپپا كىيشنى خالايدىغان بارچە خەلقلەر دوپپا كىيىشكە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.دوپپا-ئىتتىپاقلىق،مەدەنىيەت ۋە خۇشاللىقنىڭ سىمۋولى سۇپىتىدە رايۇنىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى ۋە تەرەققىيات ئارزۇسىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىدۇ.رادىئۇ ،تىلىۋىزىيە ۋە ئىنىتىرنىت ئارقىلىق مەدەنىيەت بايرىمى كۈنى پائالىيەتلىرى تارقىتىلىدۇ.
2-ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەركىزى بولغان ئۇرۇمچى ،مەدەنىيەت شەھەرلىرىدىن بولغان قەشقەر،تۇرپان ،غۇلجا ،خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنىدا دوپپا كىيىش مۇراسىمى ئۆتكۇزۇلىدۇ.
3- 100 ئۇيغۇر يىگىتى ،100ئۇيغۇر قىزى دوپپا بايرىمى ئوبراز ئەلچسى سۇپىتىدە ئۇرۇمچىىدە ئۆتكۇزۇلىدىغان ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
4-ئۇيغۇر مەدەنىيتى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بىرىدىغان ئۇنىۋىرسال سەنئەت پائالىيتى ئىلىپ بىرىلىدۇ.باشقا ھىيت- بايرام كۇنلىرىگە ئوخشاش بۇ كۇندە ئۇرۇق-تۇققان،دوسىت-يارانلار ئۆز-ئارا ھال-ئەھۋال سورىشىدىغان،جەم بولىدىغان بىر خۇشاللىق كۈنىگە،جانلىنىش كۈنىگە ئايلىنىدۇ.
5-ئۇيغۇر ئىقتىسات مەدەنىيتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
6-ئۇيغۇر دوپپىلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەت بۇيۇملىرى سىتىلىدۇ.
7- دوپپا بايرىمى كۈنى 1000دانە دوپپا سىتىۋىلنىپ خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلاشقا ھەقسىز سوۋغا قىلىش ئىلىپ بارىدۇ!
8- مەزكۇر پائالىيەتكە يۇزمىڭ كىشى ئىمزا قويىدۇ.

ياشلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى كۈنى تۆۋەندىكىدەك ئشلارنى قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ:
بۇ كۈنى بارلىق دوستلار ئۇيغۇر دوپپسىنى كىيىش ۋە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشۋىق قىلشقا سەپەرۋەر قىلىنغاندىن باشقا :
1)-ئەتتىگەندە ئاتا-ئانىسغا بىر قىتىم سالامغا بىرش،ھال سوراش ۋە سوۋغا سۇنۇش (بىۋاستە ياكى تىلىفۇن قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن)
2)-ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقان ئشى ھەققىدە مەخسۇس ئويلىنىش،ئۇتۇق قازىنىش ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ۋە پىلان تۈزۈش
3)-مەخسۇس <>پائالىيىتگە قاتنىشىپ كەم دىگەندە 3 تۈرلۈك ياخشى ئش قىلىش .مەسىلەن چوڭ-كىچىكلەرگە،ياشانغانلارغا ،ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش،تازىلىق قىلىش،يول ئاسراش،باشقا مللەت قىرىنداشلارغا ياخشى ئش قىلىپ بىرىش ۋە ئۇلارغا ئۆزىنى كىملىكىنى پەزىلەت ئارقىلىق نامايان قىلىش.
4)-بۇ كۈنى بارلىق ئوغرىلىق،قىمارۋازلىق،ئەيش-ئشرەت،ئۇرۇش-تاللىشش،ئۆز-ئارا ئازار بىرىش،ئىچكى بۆلۇنۇش ،ئەيىپ كولاش ،زەربە بىرىش،بىكار-تەلەپلىك قاتارلىق قانۇنغا ،ئەخلاقى مىزانغا خىلاپ ئشلار نى قىلماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ .ۋە قىلغانلارنى توسۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
5)-بۇ كۇنى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش ،ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان كىتاب ۋە ئەسەرلەردىن كەم دىگەندە بىر سائەت ئوقۇش ،ئۇيغۇر مەدەنى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش ۋە ئەمەلى كۈچ چىقىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

تەشۋىقات تىمىلىرى
1-دوپپا بايرىمى ھەققىدە (20 بەتلىك ئاساسى تونۇشتۇرۇش ماتىرىيالى3خىل تىلدا)
2-ئۇيغۇرشۇناسلىقتىكى يىڭى نەتىجە –دوپپا بايرىمى
1- ئۇيغۇردوپپا بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز(ئاممىباب رەڭلىك تەشۋىقات ماتىرىيالى) تەشۋىق قىلىڭ!
2- ئۇيغۇرلار دوپپا بايرىمى تەسس قىلماقچى! تەشۋىق قىلىڭ!
3- ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كەشپىياتى –دوپپا بايرىمى ! تەشۋىق قىلىڭ!
4- ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتى ھەققىدە(ئاساسلىق تور پونكىتلىرىدا) !تەشۋىق قىلىڭ!
5- دوپپنڭ كىرىكى يوقمۇ؟ تەشۋىق قىلىڭ!
6- دوپپا بايرىمى ھەققىدە سۆزلەنگەن ئۇنئالغۇ نۇتۇقى تەشۋىق قىلىڭ!
7- ئورتاق مەدەنىيەت،ئورتاق خۇشاللىق !تەشۋىق قىلىڭ!
8- ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە خالس تۆھپە قوشقىڭىز بارمۇ؟ تەشۋىق قىلىڭ!
9- سىزنىڭچە ئۇيغۇر قىزلىرىغا دوپپايارىشارمۇ؟ تەشۋىق قىلىڭ!
10- مەۋجۇتلۇق تەدبىرى-مەدەنىيەت مىللىتى بولۇش تەشۋىق قىلىڭ!
11- -دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى ئەھمىيتى تەشۋىق قىلىڭ!
12- 100مىڭ ئادەم بىركۇندە دوپپا كەيمەكچى!! تەشۋىق قىلىڭ!
13- ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئۆلمەيدۇ!!! تەشۋىق قىلىڭ!
14- مەۋجۇتلۇقىمىز –مەدەنىيتىمىزگە باغلىق تەشۋىق قىلىڭ!
3-دوپپا ھەققىدە قىسقا ئۇچۇرلار:
1-خەنزۇ خەلقى يەنىلا تىز كەلگەن بولۇپ،ئۇلار «دوپپا» سۆزىنڭ خەنزۇچە ئاتالغۇسىنى تىزىملىقتىپ كقىيىم كىچەك ماركىسى قىلىپ ئشلەتكەن.
2-خاڭجۇداخەنزۇلار دوپپا شىركىتى قۇرغان،ۋە بۇنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى سىتىش نۇقتىسىق تەسس قىلىش ئۈچۈن ئالاقە قىلىش ئۈشتدە ئىزلىنىۋاتىدۇ.
3-خەلقئارا غا مەشھۇر تور سودىسى شىركەتلىرىدىن ئى باي،جوڭگۇنىڭ تور سودا شىركەتلىرىدىن سوخۇ ،ئەلى بابا قاتارلىقلار دوپا سىتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ،ئادەتتىكى دوپپىلارنڭ ستىش باھاىسنى 15 يۇۋەندىن 40 يۇۋەنگىچە قىلىپ بىكىتىكەن.نۆۋەتتە جوڭگۇدا دوپپا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەنزۇر يىزىقىدىكى تور سودا شىركەتلىرى 32 گە يەتكەن.
4-مەدەنىيەت سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 20دىن ئارتۇق خەنزۇ ئالىم مۇتەخەسس ئۇيغۇر دوپپىسى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئەسەر يازغان بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە گۈزەللىك قارشىغا ئنتايىن سەمىيمىەت ۋە ھاياجان بىلەن يۇقىرى باھا بەرگەن.ئۇيغۇرلارنى <>دەپ يازغان.
5-خەنزۇ ئالىملارنىڭ دوپپا ھەققىدە يازغان ئىلمى ماقالىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن قىلىشمايدۇ،بولۇپمۇ تونۇشتۇرۇش ھەققىدىكى ماقالىلەر ئنتايىن كۆپ.بۇلاردا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئنتايىن يۇقىرى باھا بىرىش ئاساسى تىما بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيتىنى قەدىمدىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ كىلاسسىك مەدەنى بايلىقى قاتارىداباھا بەرگەن.
6-2007 –يىللىق ساياھەت يىلىدا دوپپا ساياھەت تارماقلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت جەريانىدىكى قىزىزىقىشى ۋە پائالىيەتلىرىگە ئاساسەن بىكىتكەن 12 كۆپ ئاڭلىنىدىغان جەلىبكار مۇھىم بۇيۇملار قاتارىدا توققۇزىنچى بولغان
7.ساياھەت يىتەكچىلىرى-دوپپىنى شىنجاڭنىڭ ساياھەت ماركىسى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ!

قوشۇمچە:1-دوپپا ھەققىدە يىزىلغان ئەدەبى ئەسەرلەر ۋە تەتقىقاتلار :
ھازىرغىچە گىزىت-ژۇرنال ،تىلىۋىزىيە ،ئىنىترنىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىتنى تونۇشتۇرىدىغان ،تەۋسىيە قىلىدىغان،شۇنداقلا بۇگۇنكى دوپپا مەدەنىيتنىڭ تەقدرىگە ئائىت يىزىلغان ماقالە-ئەسەرلەر 200دىن ئاشىدۇ.دوپپا كىيىپ چۇشكەن خاتىرە سۇرەت،دوپپا سوغا قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر،دوپپا مەدەنىيتنىڭ تارىخى قاتارلىق ساھەلەر ھەققىدە يىزىلغان ماقالە ئەسەرلەر،خەۋەرلەر بولسا 1000پارچىدىن ئاشىدۇ.
دوپپا ھەققىدە يىزىلغان بىر قىسم ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى:
1- مەڭگۈلۈك ئۇدۇم-دوپپا.دوپپىدىكى ھىكمەت ۋەخسلەت (ئابدۇشۇكۇر كىرەم كۆك)
2- ۋە ئۇيغۇر كېيىم-كېچەك مەدىنيىتى
3- ئۇيغۇرلاردا دوپپا تەقىدىم قىلىشنىڭ سىرى (ئەختەم ئۆمەر)
4- ئۇيغۇرلاردا دوپپا مەدەنىيىتى (ئەنۋەر تۇرسۇن-ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى)
5- بادام دوپپا-(شىئىر،مۇھەممەتجان راشىدىن)
6- قەشقەر كىچىسى(ئەبەيدۇللا ئىبراھىم)
7- تاشلاندۇق دوپپا(مۇختەر بۇغرا)
8- دوپپىنى قانداق كىيىمىز؟
9- ‹‹ئۇيغۇر دوپپىسى››-دوكتۇرلۇق دىسسرتاتسسى-دوكتۇر ھەسەنجان ئابلىز
10- ئۈسىتمىزدىكى مىللىي كىملىك مىللىي كىيىم-كىچەكلىرىمىز-ئابلەت ئابدۇرشىت بەرقى
11- ئانىلاردىن خەت-(مەريەم ئەھەت)
12- ئۇيغۇرلاردا دوپپىچىلىق(ئۇيغۇرلاردا ھۈنەرۋەنچىلىك –ناملىق ئەسەر)
13- چىمەنگۇل ۋە چىمەن دوپپا (ئۇيغۇر خەلق ئىغىز ئەدەبىياتى قامۇسى)
14- دوپپا-ئۇنتۇلغان رىۋايەت (ئۇيغۇر خەلق ئىغىز ئەدەبىياتى قامۇسى)
15- مىنىڭ دوپپا كىيش ئادىتىم (ئابدۇشۇكۇر قاۋۇل)
16- بادام دوپپا (نەسىر،تىيپچان ئىلىيۇف)
17- دوپپا(ھىكايە،يۇسۇپئىلى ياسن )
18- ئۇيغۇرلاردا دوپپا مەدەنىيتى (ۋەلى كىرەم كۆكئالىپ)
19- بادام دوپپىنڭ كىلىپ چىقىشى (خەلق ئىغىز ئەدەبىيات قامۇسى)
20- ئۇيغۇرلاردا بۆرك مەدەنىيتى (ھاجى ئىمىن تۇرسۇن)

21- باشقا تىللاردىكى تەتقىقاتلار:
-
• 维吾尔族花帽图案考(下) - 服装科技 –
• 维吾尔族花帽图案考(上) - 服装科技 -张瑶蕖
维吾尔族小花帽及其文化内涵 - 新疆社会科学信息 - 盛雁
维吾尔姑娘的花帽与小辫 - 新疆纺织 - 徐红 陈龙(图文)
解读新疆维吾尔族服饰文化中的宗教信仰涵义The Religious Connotations of the Uygur's Dresses 作者:刘云,
-维吾尔族节日述论 作者:余孝明,
神圣与世俗的相互建构——试析维吾尔族的宗教文化传统与艺术创作The Interaction between the Sacred and the Secular An Analyze on the Religious Cultural Tradition and Art Creation of Uygur 作者:田欢7
新疆维吾尔族绣民族花帽技艺
-爱美的维吾尔族人-新闻来源:新疆新闻网 作者:程勇
维吾尔族的美术-信息来源:全国文化信息资源共享工程网站
维吾尔族帽子的分类-震旦设计
从“朵帕”的解读看全球化中的民族传统
-浅析维吾尔族民间美术的文化价值 迪丽努尔•买买提《美术观察》2008-8
دوپپا مەدەنىيتنى ئومۇملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىمىز:
1-ئاساسى قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار كۆرسەتمىسىگە بىنائەن پارتىيە ۋە ھۆكۇمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش
1-ئۇيغۇردوپپا مەدەنىيتنى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت تۈرى بويىچە ئىلتىماس قىلىش ،باسقۇچلار بويىچە ئىلتىماس ماتىريالى ،تەتقىقات نەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئۆلچەملىك تەلەپ بويىچە تەييارلاپ سۇنۇش
2-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى گۇرۇپپسنىڭ مۇزاكىرىسگە قويۇش
3-تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاممىنى خەۋەرلەندۇرۇش،ئىجتىمائى ئاساس يارىتىش.
4-قوللىغۇچى ئىقتىسادى ئورگان بىلەن ئالاقە قىلىش.
5-مەخسۇس ئشخانا تەسس قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش.

رەسىملىك بەت
دۇنيا ئۇيغۇر دوپپىسنى كەيمەكتە
1- دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرى
2- ئۇيغۇر ئالىملىرى
3- ئۇيغۇر دىھقانلىرى
4- چەتئەللىك مىھمانلار
5- ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى
6- ئۇيغۇر قىزلىرى
7- ئۇيغۇر يىگىتلىرى
8- ئۇيغۇر بالىلىرى
9- ئاممىۋى يىغىلشلار

دوپپا مەدەنىيتى دۇچ كىلىدىغان تۇرلۇك تەنقىتلەرگە ئالدىن جاۋاب
دوپپا بايرىمى دۇچ كىلىدىغان تەنقىدلەرگە جاۋاپ:
1-«دوپپا بايرىمى»ئەمەلىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى بولغان مەدەنىيەت بايرىمىدۇر.
بەزىلەر مۇنداق سۇئال قۇيۇشى مۇمكىن:
بىز مىللىي كىملىكنى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى دوپپا ۋە باشقا دوپپىغا ئوخشاش تاشقىي مەدەنىيەت ئامىللىرى،يۈزەكىي بەلگىلەر ئارقىلىق تۇنۇتىشىمىز كىرەكمۇ؟ ياكىي ئەمەلي ئىقتىدار - ماھارەت ، باشقىلارغا يىتىشىۋېلىش، ماددىي تەرەققىيات ئارقىلىق قەتئىي ئاساسقا ئىگە بولغان باشقا رىئال نەرسىلەر ئارقىلىق تۇنۇتىشىمىز كىرەكمۇ؟
ج: بىزدە دوپپىدىن باشقا نۇرغۇن مەدەنىيەت ئامىللىرى ۋە ئەمەلىي قىممەتلىك نەرسىلەر بار، ئىقتىدارلارمۇ كۆزگە چېلىقىش ئالدىدا. ئەمما ئۇنىڭ ھەممىمىزگە ئۇمۇملىشىشىغا، ھەممە كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم تېخنىكىۋىي جەھەتتە تەرەققي قىلىشىغا خىلى مەزگىل كىتىدۇ. ھازىرقى ۋاقتىمىزدا ئىچكى مەدەنىيەت يۇغلانمىسى جەھەتتە جانلىنىش ھەم ئۇنى ئورتاق مەدەنىيەت بەلگىسى سۈپىتىدە رىئال تۇرمۇشىمىزدا گەۋدىلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.شۇنداقلا جىددىي ئىھتىياج.
يەنە ئېيتىش كىرەككى، دوپپا بايرىمى ئارقىلىق مەقسەت باشقىلارغا: «دوپپا بىزنىڭ بىردىنبىر مەدەنىي كىملىكىمىز»،«بىز پەقەت دوپپا ئارقىلىق تۇنۇلىمىز» دىگەنلىك ئەمەس، دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى گەۋدىلەنگەن، ئۇمۇملاشتۇرۇش نىسپەتەن قۇلايلىق بولغان بايرام تۈرى بولۇپ، ئۈزىمىزنىڭ كىملىكىمىزگە بولغان ئورتاق تۇنۇشنى، ئىچكى مەدەنىيەت بىرلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. بىز قولىمىزدىن كىلىدىغاننى ھەم جىددىي قىلىشقا تىگىشلىك بولغاننى قىلغاچ تۇرساق، قىلالمايدىغانلىرىمىزنى ئۈگەنسەك ۋە قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلساق خاتالاشمايمىز!!!مەن كىسپ ئىيتىمەنكى،دوپپىدا مال-دۇنيا ۋە ئىلغار تىخنىكا بولمىغىنى بىلەن،شۇلارنى ياراتقان ۋە يارىتالايدىغان ،مەۋجۇتلۇقىمىزدا يىڭى بىر سەھىپە ئاچالايدىغان جاسارەتلىك بىر ئەۋلاتنىڭ ئىجاتچانلىق ،ئىتتىپاقلىق ۋە تىرىشچانلىق روھى بار.
2-«دوپپا بايرىمى» ئىچكى مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە.
بەزىلەر«دوپپا بايرىمى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلاردا يوق بايرام، ئۇ گەرچە ياخشى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر خەلقىدە ئۇمۇملاشمايدۇ ھەم ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى قارشى ئالمايدۇ» دىيىشى مۇمكىن!
ج: بۇ سۆزلەرنى دىگۈچىلەر قايتا ئويلىنىپ بېقىشى كىرەك، ئۇلار ئۆزىنىڭ پەقەت ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى كىرەك.
شۇنداق ،ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس دوپپا كىيىدىغان ئالاھىدە مەخسۇس بىر كۈن بولمىغان، ئەمما ھازىر بولماقچى، بىزدە پەقەت قۇربان ھېيىت، روزا ھېيىت ۋە نورۇز بايرىمى قاتارلىق ئۇمۇملاشقان دىنى ۋە مىللىي بايراملار بار، بۇلاردىن ئىككى ھېيىت پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق بايرىمى، نورۇز بايرىمى بولسا تۈركلەر، پارىسلار، ۋە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن خەلىقلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى. ئەمما بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى تىپىك بەلگە قىلغان ياكى ئىسىم قىلغان، كۆپ ساندىكى خەلقىمىز قاتنىشالايدىغان بىرەرمۇ مىللىي بايرىمىمىز يوق. دوپپا بايرىمى بولسا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي بەلگىسىنى نامايىش قىلغان خاس مىللىي بايرام شەكىللەندۈرۈش جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىشىشىغا ئاساس بۇلالايدۇ.
ئەجىبا «دوپپا»دىن ئىبارەت مىللىي كىملىكىمىزنى ئۆز نامى قىلغان ۋە ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى- رىئاللىققا ئايلانسا ،بۇ ئارقىلىق بىرلىكىمىز،مەدەنى ئۆزلۈك ئىڭىمىز كۈچەيسە، بۇنى خەلقىمىز قۇبۇل قىلماسمۇ؟ ياكى بىر قىسملىرىمىز بۇ مەدەنىيەتنى ئەسلىدىنلا قۇبۇل قىلالايدىغان ئاشۇ خەلقىمىزنىڭ مىللىي ھىسياتىنى خاتا يىتەكلەپ كىتىۋاتامدۇق؟ ئەگەر ئازراق بىرنىمە ئۇقىدىغان بارلىق ئۇقۇمۇشلۇقلار ھەمكارلىشىپ دوپپا مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرشكە ئاكتىپلىق كۆرسەتسەك، بۇ ئىش نىمىشقا ئەمەلگە ئاشمايدۇ؟
مىللىي كىملىكتىن نۇمۇس قىلىش ئىڭى ۋە مىللىي كىملىكنىڭ تاشلىنىپ قېلىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا مۇنداق ئورتاق خاتا تۇيغۇنى بايقايمىز:
-ئۇ قىلماپتۇ، مەن قىلامتىم؟ دوپپىغا نىسپەتەن، ئۇ كەيمەپتۇ، مەن كىيەمتىم؟(ئۆزىنى ناچارلارغا سېلىشتۇرۇش)
-ھېچكىم قىلمىغان ئىشنى مەن قىلسام «مەتۇ» بولۇپ قالارمەنمۇ؟(مۇستەقىللىق ئىڭى بولماسلىق!!!)
-مىللىي كىملىكنى گەۋدىلەندۈرۈش مىنىڭلا ئىشىممىدى؟(ئۆزىنى قاچۇرۇش)
-كونا زاماننىڭ كىيىم كىچىكىنى ھازىرغا سۆرەپ نىمە ئىش كەپتۇ؟ دوپپا كىيىپ يۈرسەم باشقىلار نىمە دەپ قالار؟

دوپپىنىڭ تاشلىنىپ قېلىش سەۋەپلىرى ئىچىدە:
خاتا ھالدا؛
1-) جەنۇپلۇقلارلا كىيىدۇ ياكى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى تۈۋەن كىشىلەرلا كىيىدۇ دەپ قاراش 2)- دىنى ئىتقادىي كۈچلۈك ياكى خۇراپىي كىشىلەرلا كىيىدۇ دەپ قاراش 4)- دوپپىنى زامانىيۋىلىققا، نۆۋەتتىكى ئىلغار تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يات ھەم ماس كەلمەيدۇ دەپ قاراش 5)- دوپپىنى پەقەت بىرەر مەدەنىي زىياپەت سورۇنى، كۈتىۋېلىش يىغىلىشلىرى، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يىتىم قاتارلىق مەخسۇس تار دائىرلىك پائالىيەت سورۇنلىرىدا كىيىدىغان باش كىيىمى دەپ قاراش.
بۇنىڭدا ئاساسلىقى: 1-ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىنىڭ كەملىكى 2- ئۆزى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ تەقدىرىگە سەل قاراش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك 3- باشقا ئۇنۋېرسال ئىجتىمائىي ھادىسىلەر
دوپپىدىن تانغان ھەرقانداق كىشى- ئۆزىنى،ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇغان، ئۇچىغا چىققان ئالا-جوقا ،ساپاسىز كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىش ھۇقۇقىي يوق.
3-«دوپپا بايرىمى»- تار مىللەتچىلىكنىڭ بەلگىسى ئەمەس.
دوپپا ئۇيغۇر خەلقىدە بارلىققا كەلگەن، ئۇيغۇر خەلقىدە تەرەققىي قىلغان، باشقا خەلىقلەرگە ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تارقالغان مەدەنىيەت بەلگىسى بۇلۇپ، ئۇ پەقەت سىمۋول، ئىتتىپاقلىق بەلگىسى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق تار مىللەتچىلىك ئالامىتى يوق. ئۇ ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن«ئورتاق مەدەنىيەت» تونۇشى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق يەنە ھەممە كىشى ئۈچۈن«ئورتاق خۇشاللىق» ئاتا قىلىشنى مەقسەق قىلغاندۇر. دۇنيادا نۇرغۇن مىللىي كىيىم-كىچەك بايرىمى، باھار بايراملىرى،...................قاتارلىقلار بار. ئەجىبا ئۇلارمۇ مىللەتچىلىكنىڭ بەلگىسىمۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇر مەدىنىيىتى-ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ بىر تەركىۋى قىسىمى. ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى-ئىنسانىيەت كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-رەڭدار ۋە جەلىپكار ئىنسانىيەت بايراملىرىنىڭ بىرىدۇركى. ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرغانلىق بىلەن باراۋەر.
4-«دوپپا بايرىمى» كونىلىقنى تەشۋىق قىلغانلىق ئەمەس.
دۇنيادا نۇرغۇن خەلقلەر نەچچە مىڭ يىل ئاۋۋالقى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېپىش، قېزىپ چىقىش ۋە ئۇنى بۈگۈنكى تۇرمۇشىدا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن تەتقىقات، ئىكىسپىدىتسىيە، تەشۋىقات، سىياسەت چىقىرىش.. قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن زور بەدەل تۆلەپ«مەدەنىيەتلىك» سانىلىش ھەم«مەدەنىيەت خاسلىقى»نى نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئېلىپ يۈرۈش ۋە كىيىشىكە ئەپسىز بولۇشىغا، رايۇن ۋە پەسىل چەكلىمىكى، دىن ۋە مىللەت چەكلىمىككە ئىگە بۇلۇشىغا قارىماي، ئۇلار ئۆزىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا قەدىرلەپ، ئەتىۋارلاپ كەلدى. ئەراپاتنىڭ باش كىيىمى، كاززايىنىڭ باش كىيىمى، ھىندونوزىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ باش كىيىمى..... ئەرەپلەرنىڭ باش كىيىمى.....سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بىزنىڭ باش كىيىمىمىز نەقەدەر ئەپچىل ،نەقەدەر كۆركەم!! نۆۋەتتە بەزى ئۇيغۇر كىيىم-كىچەك كارخانىلىرى زامانىيۋى تېخنىكا بىلەن ئەنئەنىيۋى مەدەنىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسىل سۈپەتلىك دوپپا ئىشلەپ چىقاردى. دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ، چەتئەللىك ئەزىز مىھمانلارمۇ، خەلقىمىز ئارىسىدىكى پىشقەدەملەرمۇ دوپپىنى قەدىرلەپ كىيىشىپ ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ كونىلىىق ئەمەسلىكىنى ئىسىمىزگە سېلىپ كەپتۇ. ئەگەر دوپپنى كونىلىق دىسەك، ئەمدى بىزگە قانداق يېڭىلىقلار لازىمدۇ؟

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قوللاپ مەدەت بەرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر:
1-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى: ئۈچ ئورۇن
1-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەت قوغداش ئشخانىسى
2-شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر فولكلور تەتقىقات مەركىزى
3-شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى
2-جامائەت ئەربابلىرى:
مىجىت ناسىر،ئىمىن تۇرسۇن،ئسلامجان شىرىف ،ئابدۇقادىر جالالىدىن
3-تەتقىقاتچى خادىملار:
ئابدۇكىرىم راخمان،ئابدۇبەسىر شۇكۇرى ،راھىلە داۋۇت (دوكتۇر،ئاسپىرانىت يىتەكچىسى)،ھەسەنجان ئابلىز (دوكتۇر)،قاتارلىقلار
4- كارخانىلار :
شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى،ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ سەلكىن خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
http://www.intil.biz/bil/show.asp?id=1324

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟