بىر كىشى بولغان ئىكەن ، بىر كۈنى ئۇ ئۆلۈۋالماقچى بوپتۇ . ياشانغان بىر كىشى ئۇنى توسۇپ نىمىشقا ئۆلىۋالماقچى بولىسەن دەپ سوراپتۇ .
ئۆيۈمدە ئېغىر قىيىنچىلىق بار شۇڭا ئۆلىۋالماقچىمەن .
ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق ، قېنى دىگىنە قانداق قىيىنچىلىق ؟
مەن بىر تۇل خوتۇننى ئالغان ، ئۇنىڭ بىر قىزى بارتى .
دادام ئايالىمنىڭ قىزىنى كۆرۈپ ئالىمەن دەپ تۇرىۋالدى .
شۇنىڭ بىلەن دادام قىزىمنىڭ ئىرى بولۇپ قالدى .
مەن بولسام دادامنىڭ قېيىن ئاتىسى بولۇپ قالدىم . ئايالىم بىر بالا تۇغدى ، بۇ بالا دادامنىڭ نەۋرىسى بولدى . ئۆز نۆۋىتىدە مىنىڭ بالام دادامنىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى بولدى . ئەسلى ئۇ مېنىڭ تاغام بولىشى كىرەكتى .
ئۇنى ئوغلۇم دىسەممۇ ، تاغام دىسەممۇ بولىدىغان بولۇپ قالدى .
دادامنىڭ ئايالى بىر بالا تۇغقاندىن كىيىن ئۇ بالا مىنىڭ ئىنىم بولدى ، ھەم يەنە نەۋرەم بولدى .
چۈنكى ئۇ ئايالىمنىڭ نەۋرىسى دە !
ئايالىم ئىنىمنىڭ چوڭ ئاپىسى بولغاندىكىن ، ئايالىم مىنىڭمۇ چوڭ ئاپام بولۇپ قالدى.
ھەم مەن يەنە ئايالىمنىڭ نەۋرىسى بولۇپ قالدىم .
شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىمنىڭ ئىرى ھەم نەۋرىسى بولدۇم ، چۈنكى ئايالىم ئىنىمنىڭ چوڭ ئاپىسى دە ، شۇڭلاشقا مەن ئىنىمنىڭ چوڭ دادىسى بولدۇم .
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ دادىسى ھەم نەۋرىسى بولدۇم .
گەپ شۇيەرگە كەلگەندە ھېلىقى ياشانغان كىشى ئۇنى سۆزىدىن توختۇتۇپ :
بولدى ! ئاللا داداڭغا ۋە ساڭا لەنەت قىلسۇن !
ساراڭ بولۇپ ياشىغۇچە مەنمۇ سەن بىلەن ئۆلۈپلىۋالاي !
يازما مەنبەسى : ئىزتىل بلوگى
ئىسمى جىسمىغا لايىق ئادەمنى ساراڭ قىلىۋتىدىغان ھىكايىكەنغۇ بۇ. كۈلەي دىسىمۇ نەپرىتى قۇزغىلىپ كىتىدىغان .
بىشىم قىيىپ ياندۇرۋەتكىلى تاس قالدىم توۋا توۋا
ۋاي ئانامەي، مېنىڭ بېشىممۇ قېيىپ كەتتا…
راست ، ساراڭ بولۇپ كەتتىم مەن ماۋۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېگىگە يېتىپ بۇلالماي …
راسىت دەيسىز ، بۇنى ئوقۇغان ئادەم راسىت ساراڭ بولۇپ كېتىدىكەن . بىر چاغلاردا ئۇيغۇر خەلق تېپىشماقلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تېپىشماقنى ئاڭلىغاندەك قىلغان …..بەكمۇ چىگىش مۇناسىۋەتلەركەن بۇ .